مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ۋە ئۇيغۇر ھەپتىلىكى ھەققىدە

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۆز-ئارا ئېتىراپ قىلىش يۈرۈشلۈك يازمىلىرى (20-قسم )
مەن سۈپەتلىك ۋە سەمىمى خىزمەت قىلغۇچىلارنى مەدھىيلەيمەن. چۈنكى مەن شۇنداق كىشى ۋە بۇنىڭ خەلقىمىزگە ئەھمىيتى زور!

ياراملىق بىلىم ئالماق ئاسان ئەمەس،
بىلىم ئالغاندىمۇ خىزمەت قىلماق ئاسان ئەمەس..
قىلغاندىمۇ ياخشى قىلىش تېخىمۇ ئاسان ئەمەس..
ياخشى قىلغاندىمۇ داۋام قىلىش تېخىمۇ تېخىمۇ ئاسان ئەمەس..
داۋام قىلغاندىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئىرىشش تېخىمۇ تېخىمۇ تېخىمۇ ئاسان ئەمەس..

كىشلەر كۆپىنچە ھاللاردا، ئۆزى ئ‍ەتراپىدىكى قىممەتلىك كىشلەرگە سەل قارايدۇ..

نەچچە يىللاردىن بىرى تېنىمسز ئىزدىنىۋاتقان مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ۋە ئۇنىڭ ئ‍ش -ئىزلىرىغا نەزەر سالغىنىمىزدا تۆۋەندىكىلەرنى بايقايمىز:

1-ئۇرۇق-تۇققانلىرى ختاينىڭ جازا لاگىرلىرىنىڭ قۇربانى بولغان بىر مەسۇم ئۇيغۇر
2-ئىلمى ھاياتى ئالدى بىلەن ئەرەب تىلى ۋە دىنى بىلىملەرنى مۇكەممەل ئۆگىنىش بىلەن باشلانغان بىر تىرشچان تالىپ؛
3-خەلقئارا مۇناسۋەت كەسپىدە ئوقۇپ، ئاكادىمىك ئىلمى ھاياتنى باشلىغان، نوپۇزلۇق ئىلمى ژۇرناللاردا تەتقىقات ماقالىسى ئىلان قىلغان بىر ياش ئاكادىمىك
4-ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغۇچى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، ئاكتىپ خىزمەت قىلغۇچى؛

5-ئۆگەنگەنلىرىنى ئايىماي، خەلقىگە ئىزچىل سۇنغۇچى

دوستۇم ۋە ئۇيغۇر زىيالىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا يېقىندىن بىرى مۇھاجىرەتتە ئۇزۇن داۋام قىلغان ناھايتى مۇھىم بىر بوشلۇقنى توشقۇزۇپ كىلىۋاتىدۇ: ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن -چەتئەلدىكى سياسى ھاياتى، ختاي ۋە دۇنيادا يۈز بىرىۋاتقان مۇھىم ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇرلار ۋە قسقىچە ئانالىز..
بۇ پىروگراممىدا مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى بايقاش مۇمكىن :
1-ئۇيغۇرنىڭ دىققىتىگە ئەرزىيدىغان ۋە بىلىشى زۆرۈر بولغان تېمىلار ھەققىدە توختالغان
2-ۋەقە ھادىسلەر ھەققىدە جىددى بولغان پاكىتلار ۋە ئىخچام مۇلاھىزىلەر تونۇشتۇرۇلغان
3-ئومۇمەن ئوبىكتىپ، ئاممىباب ۋە دەل بولۇشقا، خەلقنى سستىمىلىق مەلۇمات بىلەن تەربىيلەشكە تىرىشقان.

بۇ خەلقىمىزنىڭ ئاڭ-ساپاسنىڭ ئۆسۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

تەرەپلەر ۋە يوللارغا تارالغان ئۇيغۇرنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدا ساغلام يول تۇتۇپ، خەلقىمىزگە مەسلە پەيدا قىلماستىن خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلارنى قوللاش-ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىنى خىرەلەشتۈرىۋاتقان ھادىسلەر كۆپلەپ يۈز بىرىۋاتقان رىئاللىقىمىزدا ناھايتى مۇھىم.

مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى ئۈمىد قىلىمەن:
ئۇنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشنى، روھى كەيپىياتىنىڭ دائىم خوشال ۋە جۇشقۇن بولۇشنى، ياخشى ئائىلە قۇرۇۋىلىشنى، ئەتراپىدا نۇرغۇن ساغلام ۋە ياخشى دوسلىرىنىڭ دائىم بولۇشىنى، ماددى ھاياتىنىڭ گۈللەپ-ياشنىشنى، ئانىسى بىلەن سالامەت دىدارلىششىنى، ھازىر قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشنى، پىروگىراممسنىڭ تېخىمۇ ئ‍القىشلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

8-ئۆكتەبىر، ۋاشنگىتون

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

باياننىڭ كۈچى- كىتاب سۆھبىتى ئامېرىكىدا (11-ئۆكتەبىر)

سە ئۆكتەبىر 8 , 2024
تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش-ئۇيغۇر شائىرنىڭ خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى»ناملىق كىتابى توغىرسدا سۆھبەت پائالىيىتى -ئامېرىكا ۋېرجىنيە شتاتى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بارلىق ۋەتەنداشلار ۋە قىرىنداشلار تەكلىپ قىلىنىدۇ.
تاھىر ھامۇت ئىزگىل

You May Like