رابىيە قادىر: ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسلىسنى تىلغا ئالغانلىقىغا رەھمەت، تېخىمۇ كەسكىن سۆزلىشنى ئۈمىد قىلىمىز !

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-سىنتەبىر

رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئ‍ۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزىگە دىپلوماتىيە يوسۇنى بويىچە جاۋاپ قايتۇردى؛

تۈركىيە پرېزدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ 77 ‏- نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىشى بىزنى-مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى. شۇنداق، گەرچە ئەردوغان سۆزىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق ھاللىرىمىزدىن بىرى بولغان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگىردا جان تالىشىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق رېئاللىقىمىزنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ؛

چەتئەلدە يۈزمىڭلارچە ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە -تاۋابئاتلىرى بىلەن 7 يىلدىن بېرى تېلفوندىمۇ سۆزلىشىش ئىمكانىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتمىگەن بولسىمۇ؛ يېقىنقى 3 يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تىك سىزىقلىق تۆۋەنلىگەنلىكىدەك خەتەرلىك ۋەزىيەتنى بايان قىلمىغان بولسىمۇ، يەنىلا نامىمىزنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدىن سۆيۈندۇق.

چۈنكى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ -مەيلى دىپلوماتىيە مەيلى ئىچكى سىياسىيىتى جەھەتتە بولسۇن- تۈپ مەقسىتى دۇنياغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، ئۆزلىرى سادىر قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيانىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇش. دەل مۇشۇ مەقسەتتە خىتاي ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دىپلوماتىك كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ب د ت مۇتەخەسىسلىرى ھازىرلىغان ئۇيغۇر دوكىلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى بىر يىل كېچىكتۈردى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنىمۇ توسۇپ قالدى؛ ھەر يىلى ھەر ئايدا ئۆزىگە يانداش دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى « شىنجاڭ زىيارىتى» گە تەشكىللەپ، سۈنئىي سەھنىلەرنى كۆرسىتىپ، قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەدەزلەۋاتىدۇ ۋە ھەتتا بۇ جىنايىتىگە قېرىنداش ۋە قوشنا دۆلەتلەرنى دۇمباق چالغۇزىۋاتىدۇ. شۇڭا ئەردوغاننىڭ ب د ت يىغىندا، نامىمىزنى تىلغا ئېلىشى مۇھىم بىر ۋەقە، بىزگە ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدىغان مەردانە بىر پوزىتسىيە.

شۇنداق، سۆيۈندۇق، ئەمما سۆيۈنچىمىز يۈكسەك بىر پەللىدىمۇ ئەمەس، چۈنكى ، پەلەستىن، ئۇكرائىنا، سۈرىيە ، ھەتتا روھىنگا مەسىلىلىرىنىڭمۇ ئارقىسىدىن تىلغا ئېلىندۇق. سۆيۈندۇق، ئەمما يېتەرلىك ئەمەس،كۈچلۈك ئەمەس چۈنكى ئەردوغان ئەپەندىمنىڭ سۆزىدە خىتايغا قارىتا بىر كەسكىن تون، خەلقئاراغا قارىتا جىددىي مۇراجىئەت، رىئاللىقنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە بىر جۈملىلىك بولسىمۇ كونكىرت بىر تەلەپ ۋە تەشەببۇسنى ئاڭلىمىدۇق.

شۇنداقتىمۇ، ئەردوغان ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇنتۇماسلىقى، بىرقانچە خەلقئارا مەسىلىدە ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر تىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ، بىزنىلا ئەمەس، دۇنيادا ھەق ۋە ئادالەتنى ياقلايدىغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنى، بولۇپمۇ مەزلۇم ۋە مەزلۇمنى ياقىلايدىغان خەلقلەرنى سۆيۈندۈردى. بۇ جەسۇرلۇق ئەردوغاننىڭ ھەق ۋە ئادالەت چاقىرىقىدىكى سەمىمىيىتىنى ۋە جاسارىتىنى نامايەن قىلدى.

چۈنكى ئەقلى ۋە ۋىجدانى ئويغاق ئىنسانلارغا مەلۇمكى ، بۈگۈن دۇنيادىكى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش مەيدانلىرىدا قان ئېقىۋاتقان بولسا ؛ شەرقى تۈركىستاندىكى لاگىر ۋە تۈرمىلەردە قان يىرىڭغا ئايلىنىۋاتىدۇ، بەدەنلەر چىرىۋاتىدۇ؛ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ جەسىتىگە ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر ئانىلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ جەسىتىگىمۇ، ئۆلۈم ئۇچۇرىغىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، يىغلىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتىدۇ. ئۇرۇش مەيدانلىرىدا جەسەتلەر سانىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى جەسەتلەر سانالمايۋاتىدۇ، خىتاي ساناشقا ئىمكان بەرمەيۋاتىدۇ.

دەردىمىز نۆۋەتتىكى ئۇرۇش رايونلىرىدىن نەچچە ھەسسە بەتتەر ھالەتتە. مەسىلىمىز يۈكسەك توندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا مۇناسىپتۇر، جىددىي چاقىرىقلارغا مۇھتاجدۇر.

بىز قېرىندىشىمىز تۈركىيەنىڭ خەلقئاارا سەھنىدىكى ئاكتىپ رولىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشى ئارزۇ قىلىمىز، ئاللاھ تۈركىيەنى ئامان ۋە كۈچلۈك قىلسۇن!

ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like