تۈركىيە ساقچىلىرى مېيىپ ئايال رىزىۋانگۇل ئابدۇلئەزىز ۋە مۇنەۋەر زېببۇللاھ قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئايالنى تۇتقۇن قىلغان

ئىلان قىلغۇچى: ئىھسان شۈكران

21-سىنتەبىر

2024. يىلى 09.ئاينىڭ 18 كۈنى سەھەر سائەت 4:00 دە ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايۇنى كانارىيا مەھەللىسىدە ئولتۇرۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئايالنى تۈركىيە ساقچىلىرى سەھەر سائەت 4:00 دە باستۇرۇپ كېرىپ تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن .

ئۇلارنىڭ بىرى -رىزىۋانگۇل ئابدۇلئەزىز ئىسىملىك 27 ياشلىق ئايال كىشى

1. دەرجىلىك مېيىپ، بەلنىڭ ئاستى تەرەپ سەزمەيدۇ ۋە ھەرىكەت قىلالمايدۇ.

ئۇنىڭ 6 ياشلىق بىر ئوغلى بار بۇلۇپ، ئوغلىمۇ تۆۋەندىكى ۋىدىئودا كۆرستىلگەندەك تۇتقاقلىق كېسلى بار ئىكەن.

يەنە بىرى مۇنەۋەر زېببۇللاھ بولۇپ، ئىككى بالىسى بار، 5 ياشلىق ئوغلى مېيىپ ئىكەن.

قىزى 9 ياشتا بۇلۇپ بۇ ئىككى ئايال كىشى ساپاكۆي كانارىيا مەھەللىسىدە بىر ئۆيدە بىللە ئولتۇرىدىكەن.

بۇ خانىملارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى بولمىغاچ تۇتۇپ كېتىلگەن خەۋىرى 2 كۈندىن كېيىن خەۋەر ئېلىنغان.

بۇلارنىڭ ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا چىقىملىرىغا تۈرك ياكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ياردەم بېرىۋاتقان بۇلۇپ، ھىچقانداق كىرىم مەنبەسىمۇ يوق ئىكەن.

بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئايال ۋە باللىرى چاتالجىدىكى چەتئەلىكلەرنى قايتۇرۋېتىش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرلىۋاتقان بۇلۇپ، ھېچقانداق ئۇرۇق- تۇققانلىرى بولمىغاچ ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىپ يۇلنى ماڭىدىغانغا ئادەممۇ يوق ئىكەن.

مۇراجىئەت:

بۇ كىشلەرنىڭ قۇيۇپ بېرلىشى گۇناھى بولسا قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئىشلىرنىڭ ھەل بۇلىشى ئۈچۈن يول مېڭشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

https://www.facebook.com/UyghurTimesUyghur/posts/pfbid0HZiRi37iD8CtvD2w949jGwRXawhSWU73fzQRrd4QRP9m2QCUoDYQdYts2cLUzvxWl

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ماخمۇتكامنىڭ ئامېرىكا چۈشى

يە سېنتەبىر 22 , 2024
2024-يىلى 9-ئاينىڭ 14- كۈنى نىيوركتىكى يىڭى نۇرلان ئۇيغۇر رېستورانىدا ئاساسلىق ئائىلە ئەزالىرىنى مەركەز قىلغان كىچىك تىپتىكى بىر قۇتلىما ئۆتكۈزۈلدى. قۇتلىما ئامېرىكا چۈشىنى قوغلۇشۇپ 50 يىشىدا 5 پەرزەنتىنى ئىلىپ نىيوركقا 5 دوللار بىلەن كەلگەن ماخمۇت ئاكىنىڭ 90 ياشقا كىرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش بولۇپ، ئۇنىڭغا 5 پەرزەنت، 12 نەۋرە، 5 چەۋرە، كۈيوغۇل، كىلىن ۋە […]
ماخمۇتكامنىڭ ئامېرىكا چۈشى

You May Like