جىنسى پاراكەندىچىلىك ۋەقەسى-خەلقئارادا داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ئوبرازىغا ئىغىر داغ چۈشۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 5-ئاۋغۇست
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ئورگان تاراتقۇسى دۇق تېلىۋىزىيەسى مۇنداق دىگەن: يېڭى سايلانغان 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 170 نەپەر ۋەكىللەرنىڭ تۇنجى تور يېغىنى ئىچىلغان، يېغىندا دولقۇن ئسا ئۆزىنىڭ دۇق رەئسلىكىدىن ۋاقىتلىق چېكىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي 27-ۋە 28-ئېيۇل كۈنلىرى ھەر قايسى جايلاردا 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر سايلىمى ئىلىپ بىرىلىپ 170 دىن ئارتۇق ۋەكىل سايلاپ چىققان.
دولقۇن ئسا مۇنداق دىگەن: 5-ئايدا ئىلان قىلغان مەتبۇئات خەۋەرلىرى ۋە سوسيال مېدىيالا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلاردا ، مىنىڭ ئسمىم مەركىزى ئورۇندا بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولدى. ..دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى قارار قىلىپ، يېقىندا تەكشۈرۈشنى باشلىدى. ….ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مەزگىلدە،نەتىجە چىقىشتىن بۇرۇن ماڭا ئائىت تەكشۈرۈشنىڭ مۇستەقىل ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىكى رەئسلىك ۋەزىپەمنى توڭلىتىشقا قارار بەردىم.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ئۆتكەن ھەپتە تور بېكىتىدە ئىلان قىلغان باياناتتا، مۇستەقىل 3-تەرەپ ئورگاننى تەكلىپ قىلغانلىقىنى، مەخسۇس دولقۇن ئسا ھەققىدىكى ئەيىپلەشلەرنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى.
5-ئايدا ئىلان قىلىنغان نوتۇس ناملىق تور بېكەت خەۋىرىدە ، دولقۇن ئسا ۋە نۇرى تۈركەلگە قارشى ئامېرىكىلىق كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئايال جۇلىيا مسلەپ ۋە تۈرك قىز ئەسما گۈل قاتارلىق ناملىق ئايال ۋە باشقا نامسز ئاياللار نامىدىن «جىنسى پاراكەندىچىلىك» بىلەن ئەيىپلەش مەركىزى نۇقتا بولۇپ، مەزكۇر خەۋەر پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسدىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر قايسى دۆلەت مۇتەخەسسلىرى، تەشكىلاتلارنىڭ ئەندىشسنى قوزغىغان ۋە ئىنتىرنىتتا ئەيىپلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن بىر قسم ئۇيغۇرلارنىڭ توردا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغۇچى خانىملارغا قىلغان « ختاي جاسوسى»، «بۇزۇق»، «پاھىشە»دىگەندەك سۆزلىرى ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، تارقىتىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسغا پايدىسز مۇھىت ۋە چۇشەنچىلەرگە سەۋەب بولغان ھەتتا نۇرغۇنلار ئۇيغۇرلار بىلەن خىزمەت قىلىشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ھەققىدە ئۇچۇرلارنى يازغان.
ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئنسان ھەقلىرى ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان 20دىن ئارتۇق غەرپلىك ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئينتىرنىتتا بايانات ئىلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي تاكى تەشكىلى سستىما ۋە دولقۇن ئىساغا ئالاقىدار جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئائىت ئەيىپلەشلەرگە توغرا تەدبىر ئالمىغۇچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەردە ھەمكارلاشمايدىغانلىىقىنى ئىلان قىلغاندىن كىين كىشلىك ھوقۇق ساھەسىدە جىددى تەسر قوزغىغان ئىدى.
ئىنتىرنىتتا ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ ئستىلى ۋە ئەخلاقى ھەققىدە ئەيىپلەشلەر تېخى ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، تۋىتتردا داۋاملىق ئۆزىنى ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدىم دەپ ئىنگىلىزچە بايانات يېزىۋاتقانلار بار. بىر قسم قوللىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئسلاھ قىلىش ئورنىغا، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىشى-ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كۆزەتكۈچىلەرنى ئەندىشەگە سالماقتا.
ئەركىن ئەكرەم-تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنېۋېرستىتى تارىخ پەنلىرى پىروففىسورى، ئۇ ختاي، تۈرك، ئىنگىلىز تىللىرىدا ماقالە ئىلان قىلغان ئاكادىمىك. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا ستىراتىگىيە بەلگىلەشتكى رولى، ئۇيغۇرچە خەلقئارا مەسللەر ئانالىزى بىلەن تونۇلغان، تۈركىيە ھۆكۈمىىتنىڭ ختاي مەسلىسگە ئائىت مەسللەردىكى بىر مەسلىھەتچىسى دەپ قارالغان. ئەمما تەنقىدچىلەر ئۇنى سياسى پائالىيەتچىدىن كۆرە، بەكرەك «زىيالى ئادەم»، «پانتۈركچىلىك سياسى ئىدىيسگە ئىگە» دەپ قارىغان.