دۇنيا پۇقرالار سوتى جاللات شى جىن پىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرگە قاراتقان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە سوتلاشنى مەقسەت قىلغان سوت 6-ئېيۇلدىن ئىيۇلدىن باشلاپ 12-ئىيۇلغىچە ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر گۇۋاھچىلار، مۇتەخەسسلەر، ئاخباراتچىلار قاتنىشپ شى جىن پىڭنىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە كۈچلۈك ۋە جانلىق ئ‍سپاتلارنى تەمىنلىگەن.

2024-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 12 كۈنىگىچە گوللاندىيەنىڭ سىياسى پايتەختى دەنھاق شەھرىدە خەلىقئارا پۇقرالار سوت مەھكىمسىدە شى جىنپىڭنى رىم ئەھدىنامىسغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق 12 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن بىر ھەپتە سوت ئچىلىپ باش سوتچى سوتنىڭ قارارىنى ئېلان قىلىپ شى جىنپىڭنىڭ رىم ئەھدىنامىسى بۇيىچە ئۇنىڭ 11 تۈرلۈك جىنايىتى بىكتىلگەن. بۇ سوتنىڭ قارارى بىلەن شى جىنپىڭنى خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سوتلاشنىڭ تۈنجى قەدىمى ئېلىنغان.

ختاي خەلق جۇمھۇرىيتى-خەلقئارا جىنايى ئ‍شلار سوتىغا ئەزا بولمىغاچقا، ئۇنى خەلقئارا جىنايى سوتقا تارتىش يىللاردىن بىرى قىين نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە.

سوتتا، تەتقىقاتچى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئەڭ كۆپ دوكلات يازغان ئادىرىيان زىن بىلەن ختاينىڭ دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلىرىنى تەتقىق قىلغان دەۋىد توبىن، كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن سوفى رىچادسۇنمۇ گۇۋالىق بەرگەن.

مەزكۇر سوتقا ئۇيغۇرلاردىن گۇلباھار ھېيتاجى، ئابدىۋەلى ئايۇپ، ئابدۇرېھىم غېنى تەرجىمان زۇبەيرە شەمشىدىن، سەبىخە تۇرسۇن قاتارلىقلار قاتناشقان ۋە گۇۋاھلىق بەرگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي كۇچادا «شنجاڭ قەبرە مۇزىيى»قۇرۇپ، ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلىماقتا: ختاي ئەزەلدىن بۇ يەرلەرنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن

جۈ ئىيۇل 19 , 2024
ئۇيغۇر تايمىز خەلقئارا قانىلى خەۋىرى: ئۇيغۇر تايمىز خەۋىرى، ختاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتى شنخۇا ئاگېنىتلىقى ئىلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە، ختاي دائىرلىرى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاننىڭ كۇچا شەھىرىدە، ئاتالمىش تۇنجى شنجاڭ قەبرە مۇزىيى قۇرۇپ، ختاينىڭ ئۇزاق تارىخىتىن بىرى بۇ يۇرتلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەنلىك ساختا تارىخنى ئ‍سپاتلىماقچى بولغان. ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە خەۋىرىدە، مەزكۇر مۇزىينىڭ […]
تارىخ

You May Like