ئىسىم-فامىلىسى: ئابدۇقادىر جالالىدىن
يۇرتى: قەشقەر
ئېگىزلىكى: 1.76 مېتىر
ئېغىرلىقى: 82 كىلوگرام
قىزىقىشى: ئۆتمۈش
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: بارلىق
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى: ساياھەت
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ: يۈرەك
ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: ئانامنىڭ جاپاسى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا چولپىنى: قۇشلار
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي: ئۆز ۋەتىنىم
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى: Mel G. GIBSON
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: قەيسەر يۈرەك
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: مۇھەببەت
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق: ئەجىردىن كەلگەن تاماق
ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىك: ئۆزۈمگە تېگىشلىك بولمىغان غىزا
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
ھايات يىغىندىسى: بۇ دۇنيادا سالغان ئۆيۈڭ ئۇ دۇنيادىمۇ ئەس قاتسۇن.
ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرى ۋە ياراتقان ئوبرازى: شائىر، تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى 3-ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. بەشكېرەمنىڭ گۈزەل باغلىرى، ساپ، ئاسمىنى كەڭ تەبىئىتى، ساددا، ئاقكۆڭۈل، مەردانە كىشلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە كىچىكىدىن تارتىپلا شىئىرنىڭ ئوتىنى ياندۇرغان. ئۇ تەبىئەتتىكى ئەڭ ئېسىل تۇيغۇلار، بالىلىقتىكى ئويۇنلار، سېھىرلىك چۆچەكلەرگە ئوخشاش ئارزۇلار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ساپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشنىڭ يولىنى تېپىش ئۈچۈن كىچىكىدىن تارتىپ شىئىرى تۇيغۇ ئىچىدە چوڭ بولغان، ئۇندىن باشقا كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ قىزىقىپ ئوقۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى پاساھەتنى، تىلنىڭ گۈزەللىكى، كۈچىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. ھەر بىر شائىرنىڭ شىئىرىيەت كوچىسىغا كىرىپ كېلىشىدە ئەلۋەتتە مەلۇم ئالاھىدە سەۋەپ بولۇشى مۈمكىن، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ بۇ نوقتىدا ھەم شۇنداق. شائىر شىئىرنى سۆيىدىغان، سەنئەتكە ھېرسىمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغان، قويۇق شېئىرى مۇھىت، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شېئىرىي كەيپىيات، سەنئەتخۇمارلىق شائىرنى شېئىرىيەت رىشىتىغا تېخىمۇ مەھكەم باغلىدى. شائىرنىڭ شىئىرىيەتكە قىزىقىشى ھەم كىرىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئۇنىڭ بەشكىرەمنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ساپدىل كىشىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن سەبىي بالىلىق دەۋرى بولدى.
ئۇنىڭ پات ئارىدا زامانىۋى ياپون مىللىتى بىلەن ئېلىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك مىللىتىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ئويلىنىش خارەكتىرىدىكى «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابنى نەشىرگە تاپشۇردى. ئۇنىڭ يەنە بىر تۈركۈم شېئىرلىرى خەنزۇ تىلى، قازاق تىلى، ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە چەتئەللەردە نەشىر قىلىندى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى، «ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژورنىلى، «شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژورنىلى»، «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئىزچىل تۈردە دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلماي كەلگەن بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە كۆپرەك تايانغان. ئۇ 2002- يىلى ئىيۇلدا ياپونىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئايالىنى يوقلاش پۇرسىتىدە خوكورىكو ئىلغا پەن- تېخنىكا ئالىي ئىنىستىتۇتىنىڭ بىلىمشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن بىر يىللىق ئىلمىي زىيارەتتە بولغان. 2006- يىلى ئۆكتەبىردىن 2007- يىلى سىنتەبىرگىچە ئەنگىلىيەنىڭ كامبىرىج ئۇنۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مۇنبىرىدە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئىلىم زىيارىتىدە بولغان. ئۇ بۇ ئىككى قېتىملىق ئىلىم زىيارىتىدە ئىگە بولغان تەسىراتلىرىنى مەدەنىيەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن سېلىشتۇرۇپ مەخسۇس ئەسەرلەرنى يازغان.