ختاي ماۋزىدۇڭنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق دىكتاتۇرلۇق ۋە جىنايەتنى ئۇلۇغلىماقتا

ختاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېجىيڭ خىتاي خەلق سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ،  ماۋ زېدۇڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 

ماۋزىدۇڭ- ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىننى مۇستەملىكە قىلىش ئ‍ۈچۈن ئۇيغۇرلار قۇرغان شەرقى تۈركستان جۇمھۇرىيتىنى يېمىرىشكە بۇيرۇق قىلغۇچى ۋە ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇشقا ئىمزا ئاتقۇچىدۇر.

ماۋزىدۇڭ  (1893-1976) – 20-ئەسرگە  قانلىق  تەسر كۆرسەتكەن جىنايەتچى،ئىدىيە جەھەتتە ماركېسزىمچى،شۇنداقلا  ھەربى ستىراتىگيەچى، ختاي خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ ختاي ئىچكى ئۇرۇشى، كورىيە ئۇرۇشى، مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى قاتارلىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق كەم بولغاندا 60 مىلىيوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئ‍ۆلۈمىگە سەۋەب بولغان.1949-يىلدىن 1976-يىلى ئۆلگۈچە كومپارتىيەنىڭ، ختاي جۇمھۇرىيتىنىڭ ۋە ھەربىينىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولغان .

شى جىن پىڭ نۆۋەتتە يولغا قويغان نۇرغۇن تەدبىرلەر پەقەت دىكتاتۇرلۇق بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە قەسلەش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئىلىپ بارماقتا.ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ماۋزىدۇڭنى ئەسلىتىدۇ.شى جىن پىڭ ماۋزىدۇڭنى ئۇلۇغلاشنى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزمەكتە.

شى جىن پىڭنىڭ ماۋزىدۇڭ ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى كىشىگە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بىرىدۇ: 

ختاي  كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىۋى، ختاي دۆلەت رەئىسى، ختاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ماۋزىدۇڭنىڭ تارىخى جىنايەتلىرىنى تۆھپە كۆرستى مۇنداق دىگەن: «

يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، ئىستراتېگىيەچى، نەزەرىيەچى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ يول ئاچقۇچىسى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئۇل سالغۇچىسى، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگودىكى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللىي قەھرىمان، پارتىيەنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ يادروسى، جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆز تەقدىرى ۋە دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتكەن ئۇلۇغ زات، دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزمچى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى، ئۇ بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە ئۇزاققىچە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. يولداش ماۋ زېدۇڭ باشلىغان ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش ئۇنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەشتۇر.

 يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ھاياتى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇ خەلقنى يېتەكلەپ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئېچىپ، ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كومپارتىيەسىنى قۇرۇپ تاۋلاپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ، ئىلغار سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، يېڭىلمەس يېڭىچە خەلق ئارمىيەسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە ياراتقان، ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشقان.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى پارتىيە ۋە خەلققە بېغىشلاپ، كېيىنكىلەرگە مەڭگۈلۈك ئىرادە باغلايدىغان ئالىيجاناب روھىي خىسلىتىنى قالدۇرغان. يولداش ماۋ زېدۇڭ بىر ئۇلۇغ ئىنقىلابىي داھىينىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلايدىغان سىياسىي يىراقنى كۆرەرلىكى، قەتئىي تەۋرەنمەس ئىنقىلابىي ئېتىقادى، باتۇرلۇق بىلەن يول ئاچىدىغان ئاجايىپ جاسارىتى، كامالەتكە يەتكەن كۈرەش سەنئىتى، كۆزگە كۆرۈنگەن، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى رەھبەرلىك ئىقتىدارى، خەلقنى كۆڭلىگە پۈكىدىغان ساپ قەلبى، كەڭ قورساقلىقى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ئېسىل ئىستىلىنى نامايەن قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئالىيجاناب روھىي خىسلىتى مەڭگۈ بىزنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.

   دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسى. بۇ ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار تاماملاپ بولالمىغان ئىش، ھازىرقى زامان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس تارىخىي مەسئۇلىيىتى. يېڭى مۇساپىدە بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك

«.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا 2024-يىللىق مۇداپىئە ئ‍ۈچۈن 883  مىليارد دوللارلىق  خامچوتىنى ماقۇللىدى.ختاي نارازىلىق بىلدۈردى

چا دېكابىر 27 , 2023
ئەركىن، ئۇيغۇر ئاگنېتلىقى، 27-دېكابىر ئامېرىكا پىرەزدىنتى بايدىن 22-دېكابىر «2024-مالىيە يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇردى، بۇ قانۇن لايىھەسى خيتايغا چېتىشلىق مەزمۇنلاردا تەيۋەننى قوللاش ۋە قورال -ياراق ستىش، ختاينى چەكلەش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىدا ھەر يىلى ماقۇللىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسنىڭ يىللىق خامچوتىنى […]
ئامېرىكا ئارمىيسى

You May Like