تەييارلىغۇچى: ئىھسان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-ئۆكتەبىر
تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە-جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسنىڭ رەئىسى كامال قىلچدار ئوغلۇ تېۋىتىر ھىسابىدا پەلەستىن ھەققىدە مۇنداق دېگەن: « تاشقى دۇنيادىن ئۈزۈلۈپ قالغان گازا ئېغىر بومبا ئاستىدا قالدى … گازادا گۇناھسىزلار قىرغىن قىلىنماقتا، بۇ يېتەرلىك بولمىغاندەك ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يەنىلا دوختۇرخانىلارنى نىشان قىلىپ كۆرسەتمەكتە.
بۈگۈن ئاخشام ، بۇ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنى بولىدۇ. دۇنيا يا بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىدۇ ياكى ئۇنىڭغا ئۇرتاق بولىدۇ ، ئوتتۇرا يول يوق! دۇئالىرىم زۇلۇمغا ئۇچرىغان پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن ..»