BBC: ئىراندا موللىلار ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى نامايىشتا 234 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى، ئىرانلىقلار دىئاسپوراسى كۈچلۈك غەزەپلەندى

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 31-ئۆكتەبىر

ئىراندا ئەخلاق ساقچىسى تەرىپىدىن ياغلىق ئارتمىغانلىقى ئۈچۈن 16-سېنتەبىردە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن  22 ياشلىق ئايال  ماشا ئامىنى ئۈچۈن باشلانغان نامايىش ئىككىنچى ئېيىغا قەدەم قويدى.

ئىراننىڭ 40 دىن ئارتۇق شەھىرىدە شىئە موللىلارنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسىتى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە تەلىپىگە ئايلانغان نامايىشتا ئىران جۇمھۇرىيەت مۇھاپىزەتچى ئارمىيەسى ۋە ئىران ئىستىخپاراتى ھەمكارلىشىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى نامايىشلاردا كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ۋەكىللىرىنى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچى قىزلارنى نۇقتىلىق نىشانلاپ ئۆلتۈرگەن.

ھازىرغىچە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە 150 دىن ئارتۇق قىزلار بولۇپ،ئۇلار 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە.

ئىرانلىقلار دىئاسپوراسى ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۈچلۈك ھەرىكەت ئىلىپ بېرىپ،ئاياللارنى رەھىمسىزلەرچە تۇتۇش، باستۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشكە قارشى ھەرىكەت ئىلىپ بارماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ب د ت يىغىنىدا ئەللىك دۆلەت بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن

سە نويابىر 1 , 2022
ب د ت يىغىنىدا ئەللىك دۆلەت بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن

You May Like