ب د ت يىغىنىدا ئەللىك دۆلەت بىرلىكتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 1-نويابىر
31-ئۆكتەبىر نيۇ-يوركقا جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۈچىنچى كومىتېت(Third Committee) يىغىنىدا ئەللىك دۆلەت بىرلىكتە ئىمزا قويغان خىتاينى ئەيىبلەش باياناتى ئېلان قىلىندى.
تاراتقۇلارنىڭ ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر بايانات كانادا تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، خىتاي رېجىمنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تەنقىد قىلىنغان. باياناتتا ئالاھىدە تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن :«بۇ قەدەر ئېغىر دەرىجىدىكى، سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەرگىزمۇ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش باھانىسىنى شەرت قىلماسلىقى كېرەك. ب د ت خادىملىرى ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ئېلان قىلدى، ئەمما دىققەت قىلىشىمىزچە خىتاي تەرەپ تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ دوكلاتلار توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.»
ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
ئالبانىيە، ئاندوررا، ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، بېلىز (ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدە)، بۇلغارىيە، كانادا، چېخ جۇمھۇرىيىتى، كىرودىيە، دانىيە، ئېستونىيە، سۋازىلېند(ئافرىقىدا)، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گىۋاتېمالا، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، لىتۋانىيە، لىبېرىيە، لىختېنىشتېيىن(ياۋروپادا)، لىتۋا، لىيۇكسېمبۇرگ، مارشال تاقىم ئاراللىرى، موناكو، مونتېنېگرو، ناۋرۇ، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، ماكېدونىيە، نورۋېگىيە، پالاۋ، پولشا، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە، سان مارىنو، سىلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە، سومالى، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، تۈركىيە، ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە، ئامېرىكا؛