ئىستانبۇلدا يانغان ئىلىم مەشئىلى كونىياغا تۇتاشتى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 10-مارت
ئامىنە سەدەف
سورۇن مەدەنىيىتىگە يېڭىچە ھۆسن قوشۇپ، قىز-ئاياللارنىڭ بىلىم سورۇنى بولۇۋاتقان ئىستانبۇلدىكى بىر گۇرۇپپا خانىملارنىڭ « ئىلىم چېيى » نامىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئىلمىي سۆھبەت ئۇچرىشىشى ۋە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى ئاياللارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. بۇ ئىلىم چېيىدىن ئۈلگە ئالغان كونىيادىكى بىر قىسىم ئىلىم سۆيەر، مەرىپەتپەرۋەر خانىملار ئىككى ئايغا يېقىن تەييارلىق قىلىپ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇنجى قېتىملىق كونىيا خانىم-قىزلار ئىلىم چېيىنى ئۆتكۈزدى.
چاي ئىستانبۇلدىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، ئىلىم چېيىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئامىنە سەدەف خانىمنىڭ ئىلىم چېيىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى قىلغان سۆزلىرى بىلەن باشلاندى.
بۇ قېتىمقى چاينىڭ ئاساسلىق تېمىسى « يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى » دېگەن كىتابنى مۇلاھىزە قىلىش ھەققىدە بولۇپ، تۆۋەندىكى تېمىلاردا يېزىلغان ماقالىلەر ئۇقۇلدى ۋە كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.
1-قۇتادغۇ بىلىك ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە ئومۇمىي بايان؛
2-قۇتادغۇ بىلىكتە تىلغا ئېلىنغان پەرزەنت تەربىيەسىدىكى خاراكتېر تەربىيەسى ۋە يوللىرى ھەققىدە؛
3-قۇتادغۇ بىلىكتىكى بالىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە غۇرۇر تەربىيەسى بېرىش يوللىرى ۋە رولى؛
4-قۇتادغۇ بىلىكتىكى ياخشى ئائىلە تەربىيەسى قارىشى ھەققىدە؛
5-بالىلارغا ئۆرپ-ئادەت ۋە قائىدە يوسۇن تەربىيەسى بېرىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە رولى؛
6-قۇتادغۇ بىلىكتە تىلغا ئېلىنغان ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارى؛
7-قۇتادغۇ بىلىكتىكى ھايا ۋە نومۇس تەربىيەسى ھەققىدە؛
8-قۇتادغۇ بىلىكتە تىلغا ئېلىنغان بالىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە باشلاش تەدبىرلىرى؛
9-بالىلارغا بېرىلىدىغان بەخت تەربىيەسى ۋە يوللىرى؛
10-ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولى؛
بىر-بىرىدىن ئېسىل يېزىلغان ماقالىلەر ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەر بىلەن تولغان قىسقىغىنە 3 سائەت ناھايىتى مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتتى .