شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىنىڭ پايتەختى باندارى سەرى بەگاۋاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 39 قېتىملىق «شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى» يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر كۆرۈشۈشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك «جەڭ» مەيدانىغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە تىركىشىش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا قويۇلغان زىددىيەتلىك پىكىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 28- ئۆكتەبىر

تەييارلىغۇچى: ئارمان

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىنىڭ پايتەختى باندارى سەرى بەگاۋاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 39 قېتىملىق «شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى» يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر كۆرۈشۈشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك «جەڭ» مەيدانىغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە تىركىشىش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا قويۇلغان زىددىيەتلىك پىكىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

يىغىنغا توردىن قاتناشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن 27- ئۆكتەبىر سۆزىدە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە خىتاب قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ رايوندىكى دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى شۇنداقلا دېموكراتىيەنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان بىر قاتار بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل «مۇستەھكەم» ۋەدىسىنىڭ بارلىقىنى قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسى بار، بۇ ۋەدە خۇددى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەمدۇر شۇنداقلا تارىختىن بۇيانقى ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان ھەر بىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئامېرىكا بۇ ۋەدىسى ئارقىلىق تەيۋەن بوغۇزى ۋە شۇ ئەتراپتىكى رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ». بىر ھەپتە ئىلگىرى بايدىن سۆز قىلىپ ئەگەر تەيۋەن خىتاي تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ بايدىننىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىملىق قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ئىكەن.

يىغىندا بايدىن يەنە ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە دىققەت ئېتىبارىنى بېرىشكە چاقىرغان. يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيومۇ بايدىننىڭ سۆزلىرىنى تەكرارلاپ ئۇيغۇر، خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى تىلغا ئالغان.

بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاينى بىئارام قىلغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلىنىشى بولدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغان بىرۇنېي بايانات ئېلان قىلىپ ئاۋسترالىيە بىلەن شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغان. رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى چەككەن. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ قول قويغان يىغىن دوكلاتىنىڭ بىر قىسمىدا « شەرقى جەنۇبى ئاسىيە ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئەھمىيەتلىك، ماھىيەتلىك ۋە ئۆز -ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قوشۇلدى» دەپ بېكىتىلگەن.

27- ئۆكتەبىر يىغىنغا تور ئارقىلىق قاتناشقان ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسون سۆز قىلىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئەتراپلىق، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ھەمدە يىغىن ئەھلىگە خىتاب قىلىپ: «شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ھىندى- تىنچ ئوكياننىڭ مەركىزىدە، بىز سۆز ھەرىكەتلىرىمىز ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىمىز» دېگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى كەم دېگەندە 10مىليون دانە ۋاكسىنا ۋە 124 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى قىممىتىدىكى ئىقتىسادى ياردەم بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭمۇ تور ئارقىلىق بۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى ئاتالمىش» ئىگىلىك ھوقۇقى» نى قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە بۇ رايوننىڭ تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن .

«شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى» Association of Southeast Asian Nations – ئاساسلىقى شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا جايلاشقان ئون دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خارەكتىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقى بولۇپ، 1961-يىلى قۇرۇلغان. «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» مەزگىلىدىكى قۇرۇلغان بۇ ئىتتىپاق شۇ چاغلاردىكى كوممۇنىزمنىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. كېيىنكى مەزگىللەردە بولسا رايوننىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.  مەزكۇر ئىتتىپاققا تەۋە دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە:

تايلاند، مالايسىيا، سىنگاپور، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، بىرۇنېي دارۇسسالام، ۋىيېتنام، لائوس، بىرما (بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشتۇرۇلمىغان)، كامبودژا؛  كاندىدات دۆلەت: شەرقى تىمور؛ كۆزەتكۈچى دۆلەت: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيە (تەھرىردىن)

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

يېقىنقى تەيۋەن ۋەزىيىتى ئەھۋالى

پە ئۆكتەبىر 28 , 2021
يېقىنقى تەيۋەن ۋەزىيىتى ئەھۋالى

You May Like