ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 25- نويابىر
25-نويابىر «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى» (ئىنتېرپول) نىڭ سايلام يىغىنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئاياغلاشقان. خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىندا 195 ئەزا دۆلەتتىن كەلگەن 470 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارلىرى بېلەت تاشلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىنتېرپول ھەيئەت گۇرۇپپىسىنى سايلاپ چىققان.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كەلگەن گېنېرال مايور ئەھمەد ناسىر ئەل رەئىسى (Ahmed Nasser Al-Raisi) سايلامدا 68.9 %لىك نەتىجە بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىنتېرپول رەئىسلىكىگە سايلانغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ بىنچېن ئىنتېرپولنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىقىغا سايلانغان. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئىككى كىشىنىڭ ئىنتېرپول يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىقىغا سايلىنىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكىدە نۇرغۇنلىغان ئەندىشە ۋە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ئەھمەد ناسىرنىڭ ئىنتېرپول رەئىسلىكىگە سايلىنىشى بەزىبىر خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. سەۋەبى بولسا، ئىلگىرى ئۇ «جىنايەتچىلەرنى خورلاش» جىنايىتىگە چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن بىر قانچە دۆلەتتە ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىكەن. «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى»نىڭ ئەزاسى ھىبا زايادىن(Hiba Zayadin) گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: « قانداقلا بولمىسۇن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پارىس قولتۇقى رايونىدىكى ئەڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت. 2011-يىلىدىن باشلاپ بۇ دۆلەتتە ئىزچىل ھالدا سۆز ئەركىنلىكى چەكلىنىپ كەلدى، ھۆكۈمەتكە قارشى كىشىلەر تۇتۇلۇپ كېتىلدى، بۇ دۆلەتنىڭ ھەرقانداق بىر پۇقراسى كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز ئاچقاندا تۇتۇلۇپ كېتىلىش ياكى قېيىن قىستاققا ئۇچراشتەك پاجىئەلەرگە يولۇقۇشى مۇمكىن. ئەھمەد ناسىر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى قىلىشتىكى ۋەكىل خارەكتىرىلىك كىشى، نۆۋەتتە دۇنيادىكى بەش دۆلەت ئۇ توغرىسىدا ئەيىبلەشنامىلەرنى ئېلان قىلدى.»
گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2015-يىلىدىن بۇيان ئىنتېرپولغا قىلغان ئىئانە سوممىسى ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئىنتېرپولنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان.
بۇ قېتىملىق سايلامدىكى يەنە بىر زىددىيەتلىك شەخس خىتايدىن كەلگەن خۇ بىنچېن بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئىنتېرپولنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. بۇنىڭغا قارشى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا خەلقئارالىق سىياسىي تەشكىلاتلار ئىنتېرپولغا نارازىلىق مەكتۇپلىرىنى يوللىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خەلقئارادىكى 200دىن ئارتۇق پارتىيە ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن «خىتايغا قارشى دۆلەت ھالقىغان پارلامېنت ئىتتىپاقى» (IPAC) شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى ئىستانبۇلدىكى يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئىنتېرپولغا خەت يېزىپ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بېلەت تاشلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان، ۋە خىتاينىڭ ئىنتېرپول چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەننىڭ ھازىرمۇ تېخى خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. مەزكۇر تەشكىلات بۈگۈنكى سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بايانات بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارى خۇ بىنچېننىڭ ئىنتېرپول يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ سايلانغانلىقى توغرىسىدا ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: « خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىنتېرپولنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆپ قېتىم سۇيىئىستېمال قىلىپ، سۈرگۈندىكى ئۆكتىچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ كەلدى، خۇ بىنچېننىڭ سايلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئۆزىگە قارشى ئۆكتىچىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئىنتېرپول تەرىپىدىن يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان مىڭلىغان خوڭكوڭلۇق، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە تەيۋەنلىك ئۆكتىچىلەرنى خەتەر ئىچىگە ئېلىپ كىرىدۇ».
يېڭى سايلانغان ئىنتېرپول رەئىسىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كېلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئەندىشىلەرنى قوزغىغان، چۈنكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ قايتۇرۇشىغا مۇھىم رول ئوينىغان دۆلەت بولۇپ، بۇ يىل 8- ئايدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارا بولۇشىچە دۇبەي شەھىرىدە خىتاينىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى قامايدىغان يەر ئاستى تۈرمىسى بايقالغان، ۋە بۇ تۈرمىدە قامالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىمۇ مەلۇم بولغان.
تەييارلىغۇچى: ئارمان