كەلگۈسىنىڭ ئاساسى: ئامېرىكا ۋېرگىنىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئانا تىل كۈنىنى ئەھمىيەتلىك تەبرىكلىدى

كەلگۈسىنىڭ ئاساسى: ئامېرىكا ۋېرگىنىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئانا تىل كۈنىنى ئەھمىيەتلىك تەبرىكلىدى

 كەلگۈسىنىڭ ئاساسى: ئامېرىكا ۋېرگىنىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئانا تىل كۈنىنى ئەھمىيەتلىك تەبرىكلىدى

گۈلزار ئۇيغۇر (ئامېرىكا)

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 23-فېۋرال

2022-يىلى 20-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا ۋېرگىنىيە شتاتىنىڭ فايىر فايىس شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ قايناق ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈننى ئۆتكۈزدى.

بۇ كۈنى مەزكۇر مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەش خاتىرە كۈنى پائالىيىتىگە ۋېرگىنىيە شتاتى ۋە ئەتراپتىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئاتا-ئانىلار قاتناشقاندىن سىرت، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان يەرلىك ئامېرىكىلىقلارمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلدا ئورۇنلىغان نومۇرلىرى ۋە مەدەنىيەت -سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن -ئۇيغۇر مەركىزى پائالىيەت زالىغا پاتمايلا قالغانىدى.

مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتەكلىگەن ئانا تىل ئوقۇغۇچىلىرى ئانا تىل، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان پائالىيەتلەردىن «دوپپا ئۇسۇلى»، «غۇنچىلار ناخشىسى»، يۇلتۇزلار سىنىپنىڭ ئورۇنلىشىدا: «سۆيۈملۈك مۇئەللىم»، باتۇرلار سىنىپىنىڭ ئورۇنلىشىدا: «ئەجدادلار ئىزىدىن»، ئۈمىد سىنىپىنىڭ ئورۇنلىشىدا:  ئومۇمى خور، ۋە شۇنداقلا كوللېكتىپنىڭ ئورۇنلىشىدىكى دراما: «چىن تۆمۈر باتۇر»، فېرۇزە، ئۇمامە،رۇفىنە قاتارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ئورۇنلىشىدا قائىدە-يوسۇنلار، يۇلتۇزلار سىنىپىنىڭ تەييارلىغان ئۇسۇلى «ئايەم»، دولقۇن مۇئەللىمنىڭ يېتەكلىشىدە «پۇتبولچىلار سىنىپى» قاتارلىق نومۇرلار ئاتا-ئانىلار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى چوڭقۇر تونۇش، ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن ئىپتىخارلىنىش ۋە ئۆزئارا تېخىمۇ بىرلىشىش ۋە يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت كەلگۈسىنىڭ ئاساسنى يارىتىشقا مۇجەسسەملەنگەن ئىدى.

 پائالىيەت جەريانىدا تونۇلغان شائىر تاھىر ھامۇت، جامائەت ئەربابى دوكتور ئابدۇراخمان ئەپەندى قاتارلىقلار پائالىيەتكە ئاتىغان ئۇيغۇر ئانا تىل سۆيگۈسى ھەققىدىكى شېئىرلىرىنى سۇندى.

مەكتەپ قۇرغۇچىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى سۈرەييە خانىم مەكتەپنىڭ ئالىي غايىسىنى تونۇشتۇرۇپ،  ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقى ۋە ئارزۇلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپنى قوللىغان پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتتى.

 

خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور گۈلنار ئەزىز خانىم سۆز قىلىپ ئانا تىلنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى تۇمارىس خانىم ، دىلارە خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىش تەجرىبىسىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇيغۇر تىلى ۋەتەندە چەكلەنگەن، چەتئەلدە ساقلاش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە، يىللاردىن بىرى ئانا تىل ئوقۇتۇش مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ ۋېرگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان «ئانا مېھرى» ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىش، ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

مەزكۇر مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بىرى ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئورگىنى ياكى تەشكىلاتتىن ئىقتىسادى ياردەم ئالماي داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، مەكتەپنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ھەقتە سۈرىيە خانىم مۇنداق دېدى : « بىز جەمئىيەتتىن ھېچقانداق ئىقتىسادى ياردەم تەلەپ قىلمىدۇق، ئەمما بىز خىزمەتلىرىمىزنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن خەلقىمىزنىڭ قوللىشىغا موھتاج.»     

ئوماق ۋە سەبىي قىزلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسۇلى، ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ ئەجداد روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىرادىسى،  ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئاماننىساخان، نۇزۇگۇم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرنى تەقلىد قىلىپ چىققان ئوماق بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلى، چىنتۆمۈر باتۇر درامىسى، ھايۋاناتلار ئويۇنى، ئومۇمى خور، بۆشۈك تونۇشتۇرۇش، ئەجدادلار شەجەرىسى قاتارلىق نومۇرلار مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

پائالىيەتكە مەكتەپنىڭ  ئىلمىي مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسى روشەن خەمىت خانىم رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ دەرس ئۆتۈشتىكىلا ئەمەس، رىياسەتچىلىكتىكى تالانتىنىمۇ نامايان قىلدى. مەكتەپ مۇدىرى سۈرەييە قەشقىرى خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۇ مەكتەپنى باشتىن ئاياغ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا ۋە مەكتەپنىڭ «ئاتا-ئانىلار كومىتېتى»غا رەھمەت ئېيتتى، ۋە :« ئاتا- ئانىلارمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتىشىگە، تىلىمىز يوقالسا يىلتىزىمىزنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن ئۇلۇغ ئانىلار ۋە دادىلاردۇر» دېدى.

1999-يىلى ب د ت نىڭ پەن -مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەر يىلى 21-فېۋرالنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» ئېلان قىلغان ۋە 2000-يىلدىن كېيىن دۇنيادا كۆپ خىل تىل ھەم كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى قوللاش مەقسىتىدە «دۇنيا ئانا تىل كۈنى»نى تەبرىكلەشكە باشلىغان.

ۋېرگىنىيە شتاتىنى مەركەز قىلغان «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى 2017-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھازىرقى 9 ئوقۇتقۇچى، 15 پىدائىي ۋە 100 گە يېقىن ئوقۇغۇچىسى بار نىسبەتەن كۆلەملەشكەن بىر مەكتەپ ھالىتىگە كەلدى. بۇ مەكتەپ ھەتتا يۇقۇم مەزگىلىدىمۇ تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 

سۈرىيە خانىم مۇنداق دېدى : « بىزنىڭ پىلانىمىز كەمچىلىكلىرىمىزنى تولۇقلاپ، مەكتىپىمىزنى تېخىمۇ كۆلەملەشكەن، تېخىمۇ سىستېمىلاشقان، تېخىمۇ مۇنتىزىملاشقان، كەسىپلەشكەن، تېخىمۇ ئۈنۈمدار بىر مەكتەپ ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشتۇر.»

پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن سورۇن ئۇيغۇر مەركىزى بولۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىل  مەكتىپىگە ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئانا تىل كۈنىدە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر

چا فېۋرال 23 , 2022
ئانا تىل كۈنىدە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر

You May Like