خىتاي ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن نازارەت ئاستىدا كۆرۈشتۈرۈش قەدىمىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن نازارەت ئاستىدا كۆرۈشتۈرۈش قەدىمىنى كۈچەيتمەكتە

 ياسىنجان مەمەت

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 14- سېنتەبىر

2021-يىلى كىرىشى بىلەن خىتاي يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان سىياسىتى: ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش سىياسىتىنى پەردازلاپ، نازارەت ئاستىدا كۆرۈشتۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ئامېرىكا،  تۈركىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار مۇشۇ يىل كىرگەندىن بىرى كۆپ قېتىم ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنىڭ ۋىچات (ئۈندىدار )يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىيشچە ھازىر پاراڭلىشىش رۇخسەت قىلىنغان.

تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئاقسۇلۇق ئەنۋەرجان (بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىسمى ئۆزگەرتىلدى) ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «6-ئاي ئەتراپىدا تۇيۇقسىز بىرەيلەن ۋاتسئاپتا كۆرۈنمەس نومۇر بىلەن ئۇچۇر قىلىپ سالاملاشقاندىن كىيىن:» تۇغقانلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشنى خالامسىز؟»- دېدى، مەن بولىدۇ دېدىم. ئارقىدىن يېرىم سائەت ئىچىدە قايتا تېلېفون قىلدى، ئاپام ۋە داداملار بىلەن تېلېفۇنلاشتىم، ئۇلار ئۆزىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى،ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدىن ئەنسرمەسلىكىنى، قالايمىقان سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقىمنى تاپىلىدى.»

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ئۇچۇر بەرگەن باشقىلارنىڭ ھېكايسمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار ۋەتەننىڭ ۋەزىيىتىنى ماختىغان، ئەنسرمەسلىكنى، سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقنى تاپىلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ تۇغقان كۆرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ  پىلانلىق، مەقسەتلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوبراز ياخشىلاش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەتەندىن يەتتىنچى ئايدا ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن بىر ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەلدە تۇغقانلىرى بار ئۇيغۇرلارغا خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى تۇغقانلىرىغا نەسىھەت قىلىشىنى، ۋەزىيەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىنى، سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشماي جىم يۈرۈشىنى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا،  ۋەتەندىكى ئۇرۇق -تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلمىگەن ياكى ئۇلارغا ھېچقانداق ئى‍ش بولمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆزىنى تەنقىد قىلماسلىقى، خائىن دېمەسلىكى ئۈچۈن ئۇرۇق -تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوشۇرغان ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەر، تاراتقۇلارغا ۋەتەن توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرمىگەن.

ئەمما ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي -سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلاردىن ئاز بىر قىسمىنىلا ئۇرۇق -تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ، بىز ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق -تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۈزۈپ قويمىدۇق دېگەن. ئەمما بۇ قېتىملىق ئالاقە قىلدۇرۇش ھەرىكىتى بولسا، خىتاينىڭ خەلقئارا بېسىم ۋە تاراتقۇلاردىكى ئەيىبلەشلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسىتى :»بىز ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويمىدۇق» دەپ تەشۋىق قىلىش نەيرىڭىدىن ئىبارەتتۇر.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش دوكلاتى

سە سېنتەبىر 14 , 2021
خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى- تەرز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى بىردەك ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

You May Like