ئاپتورى : ئابدۇرېھىم غېنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-01-03
[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]
يالغۇز كىشلىك نامايىش جەرياندا ھەرخىل سۇئاللارغا دۈچ كەلدىم، بەزى سۇئاللار مېنى ئۆز تارىخىمىز ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلاندۇرسا، بەزى سۇئال مېنى تېخمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگنىشكە يىتەكلەيتى. بىر چەتئەللىك شۇنداق سورىدى :»ۋاڭجىن سىلەرنىڭ ۋەتەنگە بېسپ كىرگەندە، ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇق قىرغىن قىلپتىكەن. ھەتتا يىغلاۋاتقان كىچىك بالىمۇ ۋاڭجىننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىا يىغسدىن توختاپ قالدىكەن. ۋاڭجىن قەشقەرگە كەلگەندە مەسچىتلەرنى ئۇيغۇرلارغا چېقىشقا مەجبۇرلاپ، قېنى سەن ئىبادەت قىلۋاتقان خۇدايىڭنى چاقىرە ساڭا ياردەم قىلامدۇ؟ چاقە مەسچىتىڭنى!» دىسە ھىچ قارشىلىق قىلماي مەسچىتلىرىڭلارنى ئۆز قۇلۇڭلار بىلەن ئۆزەڭلار چېقىپتىكەنسىلەر. بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسە؟ ئۇيغۇرلار ئۆزەڭلارنى ئىخلاسمەن مۇسۇلمان دەپ ئويلايسىلەريۇ، ئەمما مۇقەددەس دىنىڭلار، غورۇرۇڭلار دەپسەندە قىلىنسا، ھەتتا ئاللاھنىڭ ئۆيى دەپ تەرىپلەيدىغان مۇقەددەس مەسچىتىڭلارنى چېقىشقا مەجبۇر قىلىۋاتسا، شۇ مەسچىتنى چېقىشقا قولغا تۇتقۇزغان ئەسۋاب بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ «ھەي كاپىر سەن نىمە دەۋاتسەن؟» دەپ قارشىلىق بىلدۈرمەپتىكەنسىلەر؟ سىلەردە قارشىلىق قىلىش روھىي بارمۇ-يوق؟ زۇلۇمغا ئۇچرىغىنىڭلاردا دىنىڭلار، غورۇرۇڭلار دەپسەندە قىلىنغاندا قارشىلىق قىلىپ ئۈلۈپ كەتسەڭلار بۇنىڭ نەقەدەر شەرەپلىك ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر دىنىڭلارنىمۇ ياخشى بىلمەيدىكەنسىلەر. بەدەل تۈلەشنىڭ نىملىكىنى تېخمۇ بىلمەيدىكەنسىلەر. شۇڭا ساڭا تەۋسىيەرىم مۇستەملىكىدە قالغان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقكە قانداق ئىرىشكەنلىكىنى، قانداق بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكى ھەققىدە كۆپرەك ئىزدەن. مۇستەقىللىق قۇرۇق شۇئارغا، ئارزۇ ھەۋەسلەرگە، ھاياجانغا كىلدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئادالەت، ھەققانىيەت ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى ئىزچىل تۆلىگەن بەدەلگە كىلىدۇ» دەيدۇ. ئاتا-ئانسىنىڭ، ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلالمىغان باشقا ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن ئەملىي ھەركەتكە ئۆتۈپ ساڭا ئوخشاش قولىدىن كىلىدىغان، ھىچنىمە تەلەپ قىلمايدىغان خىتاينىڭ زۇلمىنى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى خەلىقلەرگە ئاڭلاتمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن خىتايلارنى جازا لاگېرىدا بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئاتا –ئانسىنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆز دۆلىتىدىكى پارلامنىت بىناسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، كۈنلەپ، ئايلاپ تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ شۇ دۆلەتتىكى خەلىقنىڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، چوڭ – چوڭ ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ قوللىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشمايدۇ؟ قارا بۇ دەرەخكە چاپلانغان يۇقاپ كەتكەن مۈشۈك ئىزدەش ئېلانىغا. مۈشۈك ھەققىدە شۇ قەدەر تەپسىلى مەلۇمات بار. سىلەر ئىز دىركىنى قىلالمىغان ئۆز ئاتا – ئاناڭلارنىڭ، ئۇرۇق- تۇققانلىرىڭلارغا ئىگە چىقىپ مۈشۈك ئىزدىگەنچىلىك ئىزدىركىنى قىلمىساڭلار، ئاتا ئاتا – ئاناڭلارنىڭ سىلەرگە بەرگەن ھەققىنى قانداق ئادا قىلسىلەر؟ ھەتتا ئۇيغۇرلار سىلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتايلارغا قارشى ھەركەتكە ئۆتمەي، سىلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋتى بولمىغان ئىراقتىكى ئىسلام دۆلىتىگە، سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇش قىلسىلەر، سىلەرنىڭ دىنىڭلاردا كىم زۇلۇم قىىلسا شۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار دەپ تۇرسا، سىلەرگە زۇلۇممۇ قىلمىغان، ھەتتا سىلەر ئۈچۈن بىر ئېغىزمۇ ئاخبارات ۋاستىللىردا سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن زۇلۇمى دۇنياغا ئاڭلاتمىغان ئەرەپلەرگە نەقەدەر ئەمەلى ھەركىتىڭلار بىلەن ياردەم قىلىپ، ئۆزەڭلارنى خەلىقئاراغا تېرورىست دەپ باھانە بولۇپ بىرىشكە سەۋەب بولىدىكەنسىلەر. سىلەردە سىياسى كاللا بىلەن ئىش قىلىدىغان، دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان، ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلىقئارانىڭ سىياسى ئاتمۇسفىراسغا ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ باردىغان لېدىرلار يوقمۇ؟ دەپ سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتتى. بۇ قىسىقچە سۆھبەت ماڭا نىسبەتەن بىر تەربىيۋى ئەھمىيتى بار دەرس بولدى. نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇردى ھەم بۇ ھەقتە تەپسىلى سوغاققانلىق بىلەن ئويلىىنىشقا مەجبۇر قىلدۇردى. ھەتتا يالغۇز كىشلىك نامايشنى داۋاملىق قىلىشتىكى ئىرادەمنى كۈچەيتتى. بۇرۇن چەتئەللىكلەر بىزنى چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلايتىم، ئەسلىدە بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چۈشەنمەيمەيدىكەنمىز. چەتئەللىكلەر بىزنى خېلى ئوبدان چۈشىنىدىكەن، ئۇيغۇر ھەققىدە خېلى مەلۇماتى باركەن. مۇشۇنداق بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى ئىشلارنى تەپسىلى بىلدىغان چەتئەللىك بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى يەنە كىلىپ چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتتىن كىلىپ چىققان رەسۋاچىلىقلارنى بىلمەي قالارمۇ؟ سۆزلىسەم گەپ تولا. شۇڭا نامايىشنى يالغۇز قىلسا ھىس قىلغان ئىشلار كۆپ بولىدىكەن، نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بۇلدىكەنمەن. شۇڭا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلگىلى خېلى بولدى. قېنى توردىكى يازمىللىرى ئارقىلىق ۋەتەن ،مىللەتنى قۇتقۇزماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز قاچانغىچە ئاتا-ئانىسنىڭ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمەي، يەنىلا بىر – بىردىن قۇسۇر تېپىپ، ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بۇلۇپ، زېھنىنى، مەنىۋى ئىنىرگيسىنى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قاراتماي، ئۆز-ئارا بىر-بىرسىگە قارىتىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن؟؟؟ زۇلۇمنى ئۇيغۇرغا ئاڭلىتىشتىن چەتئەللىكلەرگە ئاڭلىتىدىغان ئەملىي ھەركەتكە ئۆتەيلى!!! ھەممىمىزنىڭ كەمچىلكىمىز بار، كەمچىلىكىمىزنى كۆرمەي ئارتۇقچىلقىمىزنى كۆرەيلى. نىمىشقا خىتايدىن بىر نەرسىلەرنى قىزغىنمايمىز ؟ تالاشمايمىز ؟ ئەمما ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن كىچىكىنە بىر ئىشتا كىلشەلمەي قالساق ياكى پىكىرلىرىمىز بىر يەردىن چىقماي قالسا، قىزغىنىپ بىر بىرىمىزنىڭ ئەيپىنى ئېچىپ تىل ئاھانەت ياغدۇرىمىز. كىچىككىنە ئەملىي مىسال: ئاتا- ئانىمىزدىن مىراس قالغان زىمىننى ئۆز ئاكا – ئۇكىللىرىمىزدىن، ئاچا-سىڭىللىرىمىزدىن تالىشىپ تام چاقسا بىر غېرىچمۇ كەلمەيدىغان يەرنىڭ داۋاسىنى قىلىپ، سوتمۇ – سوت ئەرىز قىلىپ ئۆمۈر بويى زىدىيەتلىشىپ، گەپ قىلىشماي ھەتتا توي -تۆكۈن، ئۆلۈم – يىتىم ئىشلىرىمىزغىمۇ بارمايمىز. لىكىن خىتايلار شۇنچە مۇنبەت زىمىنىمىزنى بېسىۋالسا، زىمىنىمزدىن ھەيدەپ چىقىرۋاتسا كارىمىز يوق، مېنىڭ بېشىمغا كەلمىگەندىكىن دەپ. ئەمدىچۇ پۈتۈن مىللەتنىڭ بېشىغا كەلدى. ئويغىنايلى قېرىنداشلار!!! ئىتپاقلىشايلى!!! پۈتۈن زېھنىمىزنى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارتىپ جازا لاگىرلىرىغا ئىڭراۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئاھۇ-زارىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ، جازا لاگىرىنى تاقاشقا دۇنيانى ھەركەتكە كەلتۈرەيلى.
يە يانۋار 6 , 2019
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھازىرقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئاغرىنىش ۋە قېيىداش دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز دەيدۇكى، «تۈركىيە خەلقى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ۋەتنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۇلارنىڭمۇ ئاتا يۇرتى. ھازىر ۋەتەندىكى زۇلۇمنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلمەيدۇ ئەمەس، نېمە ئۈچۈن زالىم خىتايغا ‹توختا!› ياكى ‹بىر مىنۇت› دېگەن سۆزنى دېيەلمەيدۇ؟ تۈركىيەدىكى تۆت مىليونغا يېقىن سۈرىيەلىك مۇھاجىر قېرىنداشلارغا ئالاھىدە ئىمتىياز بەرگەن تۇرۇقلۇق، يۈز مىڭغا يەتمەيدىغان ئۇيغۇرلارغا شۇ ئىمتىيازنىڭ ئوندىن بىرىنى بەرسە بولمامدۇ؟». بۇ ئاغرىنىش