تۈركىيەنىڭ ‹‹ بەياز ت ۋ›› قانىلىدا شەرقىي تۈركستاندىكى خىتاي زۇلۇمى مۇنازىرە قىلىندى

2019- يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تىلېۋېزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان ‹‹ بەياز ت ۋ›› قانىلىدا شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە ئىككى يېرىم سائەتلىك پروگرامما ئىشلەندى.

تەييارلىغۇچى: ئىلتەرىش

كوررېكتور: سەبرى

2019– يىلى 12- يانۋار

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

2019– يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تىلېۋېزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان ‹‹ بەياز ت ۋ›› قانىلىدا شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە ئىككى يېرىم سائەتلىك پروگرامما ئىشلەندى. پروگراممىغا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنۋېرستىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلىمىدىن پروفىسور دوكتور ئابدۇرەشىت جېلىل قارلۇق، ‹‹ سىنوتۈرك›› تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئۇيغۇر ئاكادېميىسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە خىتاي جازا لاگىرىنىڭ تىرىك شاھىدى ۋە بۇ لاگىردىكى زۇلۇملارنى تۇنجى بولۇپ خەلقىئارا مېدىياغا ئاڭلاتقۇچى، ئاكتىپ پائالىيەتچى ئۆمەربىك ئالى قاتناشتى. بۇلاردىن باشقا، بۇلار مۇخبىر ۋە ئانالىزچى جەم كۈچۈك، ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنۋرستىتى ئۇچۇر ۋە ئالاقە بۆلىمى بۆلۈم باشلىقى، پروففسور دوكتور زاكىر ئاۋشار قاتارلىقلار مۇ قاتناشتى. پروگراممىغا ‹‹ بەياز ت ۋ››  دىن لاتىف شىمشەك رىياسەتچىلىك قىلدى.

پروگراممىدا شەرقىي تۈركستاندىكى زۇلۇملارنىڭ سەۋەبى، تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ قانچىلىك توغرىلىقى ، جازا لاگىرىدىكى ھاياتنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزىشى مۇنازىرە قىلىندى.

پۇت ـ قوللىرىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ كەلگەن ئۆمەربىك ئالى قاتناشقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇ سەۋەپتىن  باشتا ئونىڭدىن ئۆزىنىڭ لاگىرغا سولىنىش جەريانى ۋە  لاگىرنىڭ ئىچىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق سوئال سورالدى.

ئۆمەربىك خىتاي ۋە قازاقستان ئوتتۇرىسىدا بىر يەرمەنكىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە بۇ يەرمەنكىنىڭ روھىغا ئاساسەن خىتاي ساياھەت شىركىتىنىڭ ئۆمەربىكنى توختام تۈزۈش توغرۇلۇق چاقىرغانلىقىنى ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ توختاملارنى ئىمزالاپ بولۇپ، تۇرپان پىچاندىكى ئاتا ـ ئانىسىنى كۆرگىلى بارغاندا خىتاي دائىرلەر تەرپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. لاگىردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن قالسا قازاقلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، يەنە ئۆزبېكلەر شۇنداقلا بىردىن تۈرك ۋە تايلاند پۇقراسىنىڭمۇ قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاگىردا تۇتۇقلانغۇچىلارنىڭ  خىتايچە گەپ قىلشقا ۋە چوشقا گۆشى يىيىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، رەت قىلغانلارنىڭ قىيىن ـ قىستاققا ئېلنىدىغانلىقنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بۇ خىل جازالاردىن باشقا يەنە،

·        24 سائەت تامغا قاراپ تۇرۇش

·        24 سائەت مۇزنىڭ ئۈستىدە ياكى پىژغىرىم ئىسسىقتا تۇرغۇزۇش

·        بىرھەپتە 5 كىۋادىرات مېترلىق قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويۇش

·        سۇ تۈرمىسىگە  قاماش

قاتارلىق جازالاش تۈرلىرىنىڭ بارلىقىنى، تاماق بېرىدىغاندا باشتا شى جىنپڭغا، ئۇنىڭدىن كىين كومپارتىيەگە رەھمەت ئېيتىپ ئاندىن يىيشى كىرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئىسلامنىڭ خىتايچىلاشتۇرلىشى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خەلقلىرىگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئاسمىلاتسىيەنىڭ سەۋبى ھەققىدىكى سوئالغا قارتا پروفېسسور دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق خىتاينىڭ  «پەرق – تەھدىتتىن ئىبارەتتۇر » دېگەن پەلسەپىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى. بۈگۈنكى خىتاينىڭ تېررىتورىيىسىدە خىتايدىن مەيلى تىل ، دىن، مەدەنىيەت ۋە تاشقى كۆرىنىش جەھەتتىن ئەڭ روشەن پەرققە ئىگە بولغان خەلقنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خەلقى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ نەزىرىدە بىر تەھدىت دەپ قارالغانلىقى شۇنداقلا يېڭدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىپەك يولى قۇرلۇشىنىڭ ئاتالمىش « بىخەتەرلىكى » ئۈچۈن شەرقىي تۈركستان خەلقىگە بۇ خىل ۋەھشى ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئىسلامنىڭ خىتايچىلاشتۇرشى دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ ، خىتايلارنىڭ يۈەن سۇلالىسى ۋاقتىدا ئايرىم مەدەنىيەت ياراتقان خۇيزۇلارنى مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كىين ئىسىملىرىنى خىتايلارنىڭكىگە ئوخشاش ئۈچ ياكى تاۋۇشلۇق قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى، ئىسلامىي ئىسىملارنى چەكلىگەنلىكى، مەسچىتلىرىنىڭمۇ سىرتقى كۆرىنىشىنى بۇتخانىلارغا ئوخشىتىپ قويغانلىقىنى، ئۆز ئارا توي قىلشنى چەكلىگەنلىكى …..ۋە بۇلار ئارقىلىق خۇيزۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئىسلام مەدەنىيىتىدىن بەكرەك خىتاي مەدەنىيتىگە ئوخشاپ قالغانلىقنى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ھازىر خىتاي ھاكىمىيتى تەرپىدىن  مۇشۇنداق بىر ئاسمىلاتسىيەگە زورلىنىۋاتقانلىقىنى  بايان قىلىپ ئۆتتى.

رىياسەتچىنىڭ « شەرقىي تۈركستان خەلقىنى نېمە جىنايەت بىلەن لاگىرلارغا سولاۋاتىدۇ » دېگەن سۇئالىغا قارتا، ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ، خىتايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بولمىغان «ماركىلار» نى چاپلاپ كەلگەنلىكىنى مەسىلەن 90- يىللاردا كاۋاپچى، 2000- يىللاردا ئوغرى ۋە ئونىڭدىن كىين تېرورچى دېگەندەك كەمستىش خاراكتېرىدىكى ئىسىملار بىلەن مىللى ئايرىمچىلىق سىياستى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭىرتاغلى زۇلۇمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۆزلەنگەندىن تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكرارلاپ ئۆتتى. ئو يەنە تۈركىيەدە خىتاينى چۈشىنىشنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تازا توغرا سىياسەتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمايۋاتقانلىقىنى سۆزلىدى. ئو يەنە ئۆزىنىڭ تور بېتىدىن ئالغان ئىككى پارچە ماقالىسىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ خىتاينىڭ غەربكە كېڭەيمىچىلىك قىلش سىياستى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي مۇداپئە ئۇنۋىرستىتىدىكى لىيو ياجوۋ دېگەن خىتاينىڭ بۇ ھەقتە « غەربىي رايون (ئوتتۇرا ئاسيا ) تەڭرىنىڭ خىتايلارغا بەرگەن ئىلتىپاتى ، بىزنىڭ غەربكە كىڭىيىش سىياسىتىمىزگە ئامېرىكىمۇ ئەمەس، رۇسىيەمۇ ئەمەس بەلكى تۈركىيە توسقۇنلۇق قىلدۇ» دېگەن جۈملىلىرى ئارقىلىق بۇنىڭغا  ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى. پەرھات قۇربان تەڭىرتاغلى ، خىتاينىڭ «ئۆزۈڭنى كۈچلۈك ۋاقتىڭدا  ئاجىز ، ئاجىز ۋاقتىڭدا كۈچلۈك كۆرسەت » دەيدىغان تاكتىكىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن بۇ قەدەر كۈچلۈكتەك كۆرۈنگەن خىتاينىڭ بەلكىم ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭمۇ بۇنىڭغا قاراپ سىياسەت تۈزىشى كېرەكلىكىنى  سۆزلىدى.

پروگراممىغا قاتناشقا ئىككى تۈرك بولسا شەرقىي تۈركستان داۋاسىنىڭ ۋە ھەركىتىنىڭ ئامېرىكا ئىستىخباراتى بىلەن باغلىۋېلىشنىڭ بەك كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۆرستىلگەن ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركستان خەلقىگە ساھىب چىقىشى كېرەكلىكى ۋە بۇ ساھىب چىقىشنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ، مەسلىنىڭ تۈركىيەنىڭ قانداق بىر سىياسەت قوللىنىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى. ئولار يەنە تۈركىيەنىڭ قىرىمدىكى تاتار تۈركلىرى مەسىلىسىدە روسىيەگە قانداق مەيداننى ئىپادىلگەن بولسا، شەرقىي تۈركستان مەسىلىسىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ساھىب چىقىدىغانلىقىنى خىتايغا بىلدۈرىشى كېرەك دېدى.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

پولشا: ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو خۇا ۋېيغا قارىتا ئورتاق مەيدان ھاسىل قىلىشى كېرەك

يە يانۋار 13 , 2019
پولشا ئىچكى ئىشلار مىنىستېرى يوئاشىم برۇدزىنسكى شەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو خىتاينىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى خۇا ۋېينى ئۆز بازىرىدىن چىقىرىۋېتىش يا چىقارماسلىق توغرىسىدا ئورتاق مەيدان ھاسىل قىلىشى كېرەك.›

You May Like