27 گىكتارلىق يەكەن تۈرمىسى

ئەگەر سىز بۇ ئورۇنلارغا سولانغان بولسىڭىز نىمە قىلاتتىڭىز؟ نىمىلەرنى ئويلايتتىڭىز؟!

رەتلىگۈچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-26

 

ئەگەر سىز بۇ ئورۇنلارغا سولانغان بولسىڭىز نىمە قىلاتتىڭىز؟ نىمىلەرنى ئويلايتتىڭىز؟!

تەخمىنەن27گىكتار(400مو )لىق تۈرمە ۋە جازا لاگىرى.

تۈرمە ئىچىدىكى كامىرلارنى ۋە ئىچىدە ئىككى رەت تۇرغۇزۇلغان تۇتقۇنلارنىڭ رەسىمى ۋە ۋىيدىيولارنى  كۆپچىلىكىمىز كۆرگەن. بۇ رەسىملەر ۋە ۋىيدىيولار نەردە تارتىلغان بولسۇن ئوخشاشلا كومىنىست خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە سالغان تۈرمىلەرنىڭ بىر كارتىنىسى.1995يىلدىن كېيىن سېلىنغان تۈرمىلەر مۇشۇ رەسىم ۋە ۋىدىيودا كۆرسىتىلگەن شەكىلدە سېلىنغان.

بۇ تۈرمە يەكەن شەھەر ئىچىدىن تەخمىنەن 10 كىلومىتر مۇساپىدە بولۇپ، قەشقەر -يەكەن قارماي يولى( خىتاي 315-نۇمۇرلۇق دۆلەت يولى دەپ ئاتايدۇ) ئۈستىدە، ئەسلى بۇ ئورۇن قارا قۇم دەپ ئاتىلاتتى. (ھازىر قارا قۇم سانائەت رايۇنى دىيىلىدۇ.)  بۇرۇن بۇ يەردە قۇم دۆۋىلىرى بار ئىدى.

ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتەتتى

رەسىمدىكى كۆرۈنگەن تۇرمە ئەتراپىدىكى تۈرمىدىن باشقا قۇرۇلۇشلار ھەممىسى دىگۈدەك ھەرخىل زاۋۇت، فابرىكىلارنىڭ بىنالىرىدۇر.

1. رەسىم تۈرمە ۋە جازا لاگىرنىڭ گۇگىل (google )خەرىتە  ئادرىسى.

2. رەسىم  سېرىق سىزىق ئىچى، 2000-يىللىرى سېلىنغان تۈرمەئىچىدە تەخمىنەن60 قايېقىن كامىر بار .

3. رەسىم  سېرىق سىزىق ئىچى2014- يىلى 5-ئايدا قۇرۇلۇش باشلاپ شۇ يىل ئاخىرغىچە پۈتتۈرۈپ ئادەم قاماشقا باشلىغان تۈرمەبۇلۇپ ، ئىككى

 قەۋەت سېلىنغان تەخمىنەن 100دىن 120 گىچەكامىر بار.

4. رەسىم سېرىق سىزىق ئىچى، 2016 -يىلى سېلىنغان  جازا لاگىرى دەپ ئاڭلىدىم . بەلكىم شۇنداقتۇر ياكى بۇمۇ تۈرمە  بولۇشى مۇمكىن.

 بۇ ئورۇن كۆلەم جەھەتتىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈرمىنىڭ كۆلىمىدىن كىچىك ئەمەستەك تۇرىدۇ.  قانچىلىك كامىر بارلىقىنى ،قانچە قەۋەت ئىكەنلىكىنى ھەركىم ئۆزى تەخمىن قىلىۋىلىپ باقسۇن!

5. رەسىم يېڭىدىن سېلنىۋاتقان تۈرمە ياكى جازا لاگىرى بولۇشى مۇمكىن.  ئەسلىدىكى تۈرمىگە يانداش قىلىپ سېلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق پەرەز قىلدىم.

ئادەتتە تۈرمە تېمىغا چاپلاپ باشقا بىر ئىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش قىلىنمايدۇ.

6. رەسىم سېرىق سىزىق ئىچى بولسا يۇقارقى تۆت تۈرمىنىڭ ئورنى.

 2017-يىلى 7ـ ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى سەۋبى بىلەن شۇ يىلى 10-ئايغىچە مەزكۇر دىلوغا چېتىشلىق دەپ ،3000مىڭدىن ئارتۇق  ئادەم تۇتۇلغان بۇلۇپ، (كېيىنمۇ داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنغان) بۇ چاغدا پەقەت 1-تۈرمىلا بار ئىدى. 2-تۈرمە  سېلىنىۋاتقان بولغاچقا، تۇتقۇنلارنى سىغدۇرالماي، تۈرمە ئەتراپىدىكى بىر قىسىم زاۋۇتلارنىڭ بىنالىرىنى مەجبۇرى بىكارلىتىپ ۋاقىتلىق تۈرمىلەرگە ئۆزگەرتكەن . يەنە بىر تەرەپتىن  شۇ يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ھەر ساقچىخانىغا ئايدا 50 نەپەر ئادەمنى مەجبۇرى تۇتۇپ بىۋاستە تۈرمىگە (مەخسۇس ھەركۈنلۈكىنى ھەركۈن يىغىدىغان ماشىىنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان) يوللاش ۋەزىپىسى چۈشۈرگەن بولغاچقا،  (يەركەندە ېىزا ۋە شەھەر ئىچىدە بۇلۇپ جەمئى35 ساقچىخانا بار). ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىغى تۇتقۇنلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ ئومومىي تۇتقۇنلارنىڭ سانى بەكلا كۆپىيىپ كەتكەچكە سىغدۇرالماي  قوشنا ناھىيلەرنىڭ  (مەكىت، يىڭىسار،  پۇسكام ،يەكەن پەيلۇ  «قەشقەر تۈرمىسى» كونا 2- چوڭ ئەترەت تۈرمىسى )  ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلارگە يۆتكەپ قامىغان.

ھازىرقانچىلىك قېرىنداشلىرىمىز باردۇ بۇ لەنىتى تۈرمە ۋە جازالاگىرلىرىدا؟! ….

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

د ئۇ ق دا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيتى ئۆتكۈزلىدى.

يە ماي 26 , 2019
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مېينخۈندىكى مەركىزىدە 25ۋە 26-چىسلا ئىككى كۈنلۈك گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. پا

You May Like