(پارتىلاتقۇچ خەۋەر) ب ب س: خىتتاي ئەرلىرى لاگېرلارغا كىرىپ ئۇيغۇر قىزلىرىغا توپلىشپ باسقۇنچىلىق قىلىدۇ.

ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى ب ب س 2- فېۋرال دۇنيانى زىلزىلگە سالغان قورقۇنچلۇق خەۋەر ۋە ۋىدېئو تارقاتتى. مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2- فېۋرال، ۋاشىنگتون

 

ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى ب ب س 2- فېۋرال دۇنيانى زىلزىلگە سالغان قورقۇنچلۇق خەۋەر ۋە ۋىدېئو تارقاتتى. مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

 

        لاگېرغا 18 ئاي قامالغان قازاق قىزى گۈلزىرە ئايۇلخان ئۆزىنىڭ قىپيالىڭاچ قىلىنغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، كارۋاتقا باغلاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتتاي ئەرلەر كېلىپ، بۇ قىزلارغا نۆۋەتلىشپ باسقۇنچىلىق قىلىدىكەن. خىتتاي ئەرلەر قايسى قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىشنى ئۆزلىرى تاللايدىكەن.

 

        ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ۋەزىپەم – قىزلارنىڭ بەلنىڭ ئۈستىدىكى كىيملىرىنى سالدۇرۇش ۋە ئۇلارنى مىدىرلىيالمىغۇدەك قىلىپ كارۋاتقا قولىدىن كويزا سېلىپ باغلاش، ئاندىن مەن ئۇ قىزنى ئۆيدە قالدۇرىمەن، سرتتىن بىر خىتتاي ئەر ياكى ساقچى كىرىدۇ. مەن ياندىكى ئۆيدە جىم ئولتۇرىمەن، ئەر ئايرىلغاندا، مەن قىزنى مۇنچىغا ئېلىپ چىقىمەن.

 

        خىتتاي ئەرلەر ساقچىلارغا پۇل تۆلەيدۇ. خىتتايلار تۈرمىدىكى ئەڭ چىرايلىق قىزلارنى تاللايدۇ. مېنى ئۆيگە كىرگۈزۈشكە مەجبۇرلاپ، ئاياللارنىڭ كىيمىنى سالغۇزىدۇ، ئاندىن مېنى ئۆيدىن چىقىرۋىتىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماي ئامالىم يوق، كېچىسى ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن بەزى قىزلار شۇنىڭدىن كېيىن قايتىپ كەلمىدى. قايتىپ كەلگەنلىرى بولغان ئىشلارنى ھېچكىمگە دېمەسلىك توغرىسىدا تەھدىت سېلىندۇ.»

 

        لاگېرغا توققۇز ئاي سولانغان، ھازىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ تۇرىۋاتقان تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە كېلىپ، ئۆزلىرى خالىغان ئاياللارنى تاللايدۇ. ئۇلارنى كارىدوردىن ئېلىپ چىقىپ، كامېرا يوق بولغان ‹قاراڭغۇ ئۆي› لەرگە سولايدۇ…»

 

        تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ئۆزىنىڭ ئۈچ قېتىم نۆۋەتلىشپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ھەر قېتم ئىككى ياكى ئۈچ ئەرنىڭ باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن، ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچرىغان باشقا بىر ئۇيغۇر قىزىنى سىرتتا ئۇچرىتىپ، تونۇپ قالغان. بۇ قىز ئۆز ئازابلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن توختىماي ھاراق ئىچكەن ۋە ھاراققا خۇمار بولغان. تۇرسۇنئاي ئۇ قىزنىڭ كوچىلاردا مەست پېتى ياتقانلىقىنى كۆرگەن.

 

        تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئەسلىشچە، باسقۇنچىلىق قىلىدىغان خىتتاي ئەرلىرى بىردەك ماسكا تاقايدىكەن، ساقچى فورمىسى ئەمەس بەلكى كاستۇم كىيىدىكەن. ئۇ چاغدا تېخى ۋىرۇس تارقالمىغان ئىدى.

 

        تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ دېيىشىچە، بۇلار ھەممىسى كۈنەس ناھىيىسىدىكى بىر ناھايىتى چوڭ لاگېرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەركۈنى يۈزلىگەن چوڭ ئاپتوبۇسلاردا توختىماي ئادەم توشۇپ كېلىدىكەن. خىتتاي ساقچىلار قېرى-ياش ئاياللارنىڭ ھەممە كىيىمىنى سالدۇرۋىتىدىكەن. ئاياللار خىجىل بولۇپ، ئالدىنى قولى بىلەن توسۇۋالىدىكەن.

 

        تۇرسۇنئاي خانىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ قارشلىق قىلغاندا، خىتتاي ساقچىلار ئۇنى ئېغىر ۋە ئۇچلۇق پاشنىلىق ئاياقلار بىلەن كۆكسگە قاتتىق تەپكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ساقچى ئايىغى بەك قاتتىق ۋە ئېغىر ئىكەن، مەن دەسلەپتە ئۇ مېنى بىرەر نەرسە بىلەن ئۇرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئۇ يەنە مېنىڭ قورسقىمغا دەسسىدى. مەن ھوشۇمدىن كېتەي دېدىم. كېيىن بەدىنىمدىن ئىسسىق بىر نەرسنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلەلىدىم.

 

        لاگېر دوختۇرى ئۇنىڭغا ئىچىنىڭ قانىغانلىقىنى ئېيتقان، لاگېرداشلىرى ئۇنىڭدىن قان چىقىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان. مۇھاپىزەتچى ئۇنىڭغا: «ئاياللاردىن قان چىقىش نورمال ئىش!» دېگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەر بىر كامىردا ئەڭ كۆپ بولغاندا 14 ئايال بولۇپ، كارۋات بار بولۇپ، دېرىزىلەر توسۇق ئىكەن. ئۇ دەسلەپتە قىزلارنىڭ ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرگەندە، سەۋەبىنى چۈشەنمەي، بەلكىم باشقا يەرگە يۆتكىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان.

 

تۇرسۇنئاي: «2018- يىلى بەشىنچى ئايدا بولسا كېرەك، 20 ياشلار چامىسدىكى بىر قىز ماسكىلىق بىر خىتتاي ئەرگە تۇتۇپ بېرىلگەن، ئۇ قاراڭغۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېينلا ۋارقىراشقا باشلىغان. مەن نېمە ئىشنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلماپتىمەن. دەسلەپتە ئۇلار ئۇنى ئۇرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، باسقۇنچىلىق قىلىشىنى خيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن…

 

        ئاياللارنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئايال مېنىڭدىن  قان چىققانلىقىنى دەپتۇ، خىتتاي ساقچى ئۇنىڭغا: ‹قاراڭغۇ ئۆيگە ئېلىپ كىر!› دەپ ۋارقىراپتۇ. ئايال مېنى ھېلىقى قىز سولانغان ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆيگە ئېلىپ كىردى. ئۇلارنىڭ قولىدا بىر ئېلېكترونلۇق كالتەك بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئۇلار ئۇنى مېنىڭ جىنىسى ئەزايىمنىڭ ئىچىگە كىرگۈزدى. مېنى ئېلېكترونلۇق ماگنىت بىلەن بەك قىينىدى. كېيىن مېنى ياندۇرۇپ كەلدى، ھېلىقى قىزمۇ قايتىپ كەلدى. ئۇھېچكىمگە گەپ قىلمايتتى، بىر بۇلۇڭدا جىمجىت ئولتۇراتتى، كامىردىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەقلىنى يوقاتقان ئىدى.»

 

        لاگېردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلانغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «مەن بىر خىتتاي ساقچى ئايالدىن باسقۇنچىلىق ھەققىدە سورىدىم. ئۇ جاۋابەن، لاگېردا باسقۇنچىلىق قىلىش – بىر مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ بولدى. تېخى توپلىشپ باسقۇنچىلىق قىلىدۇ. خىتتاي ساقچىلىرى ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئۇلارنى توكتا قىينايدۇ، ئاياللارنى ۋەھشىي قىينايدۇ، دېدى.» قەلبىنۇر سىدىق يەنە ئېلېكترونلۇق كالتەكنىڭ ئاياللارنىڭ جىنىسى ئەزاسغا كىرگۈزۈلۈپ، قاتتىق قىينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «توك بىلەن قىيناشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى بار: ئورۇندۇق، پەلەي، باشقا كىيگۈزىدىغىنى ۋە مەقئەت يولىدىن توك كىرگۈزۈش قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ۋارقىراشلىرى پۈتۈن بىنانى بىر ئالىدۇ… چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ياكى سىنىپتىكى چاغلاردا ئۇلارنىڭ ۋارقىرىغانلىقىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.»

 

        لاگېردا مۇئەللىم بولۇشقا زورلانغان سايراگۇل ساۋۇت ب ب س غا مۇنۇلارنى سۆزلىدى: «لاگېرلاردا باسقۇنچىلىق ئومۇملاشقان بىر ئىش. مۇھاپىزەتچىلەر خالىغان چاغدا ئۆزى خالىغان قىزلار ۋە ياش ئاياللارنى تاللاپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ساقچىلار بىر قېتىم 20 ياكى 21 ياشلار چامىسدىكى بىر ئايالغا 100 ئادەمنىڭ ئالدىدا نۆۋەتلىشپ باسقۇنچىلىق قىلدى.ھەر بىر ئادەمنىڭ چىرايىغا قاراپ، قارشىلىق بىلدۈرىدىغانلارنى، مۇشتۇمنى تۈگكەن، كۆزىنى يۇمۇۋالغان ياكى باشقا يەرگە قارىۋالغانلارنى جازالاشقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ياش قىز بىچارىلەرچە ۋاقىرىپ ياردەم سورىدى، بۇ بەك پەسكەشلىك ئىدى، مەن ئۆلگەن بولسام ئىدىم دەپ قالدىم.»

 

        تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ دېيىشىچە، ئاياللارغا مەجبۇرىي تۇغۇت توختىتىش دورسى ئۇرۇلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بىزنىڭ مېڭىمىزنى يۇيۇۋەتتىمۇ ياكى دورىنىڭ تەسرىمۇ بىلمىدىم، بىز كامىر ئىچىدە باشقا ھېچنىمىنى ئويلىيالمايمىز، بىز پەقەت قورسىقىمىزنىڭ تويۇشىنىلا ئويلايمىز. ئۇ يەردە ئاچ قالدۇرۇش، تاماق بەرمەسلىك ئېغىر.»

 

        ئىلگىرى لاگېردا مۇھاپىزەتچى بولغان بىرسى ب ب س غا مۇنداق دېگەن: «مەھبۇسلارغا ئېلېكترونلۇق كالتەك ياكى توكتا جازالاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىقرا قىلغۇزۇش ئىشلىرى ناھايتى كۆپ.»

 

        تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي مۇنداق دېگەن: «ئۇلار پەقەت باسقۇنچىلىقلا قىلمايدۇ، بەلكى بەدىنىڭىزنىڭ ھەممە يېرىنى چىشلەيدۇ، قاتتىق چىشلەپ بەك سەت ئىزلارنى قالدۇرىدۇ. سز ئۇلارنىڭ ئادەم ياكى ھايۋانلىقىنىمۇ بىلمەيسز.»

 

ئوخشاش كامىردىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال كۆپ بالىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن سولانغان بولۇپ، ئۇمۇ بىر كېچىدە ئېلىپ چىقىلىپ، پۈتۈن بەدىنىگە ئىز قالدۇرۇلۇپ ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى دېيەلمىگەن، ئەمما تۇرسۇنئاينىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتكەن.

 

تۇرسۇنئاي يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئادەملەرنى قويۇپ بەردۇق دەيدۇ، لېكىن قويۇپ بېرىلگەنلىرىمۇ پۈتۈنلەي تۈگەشكەن ھالەتتە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسدىمۇ شۇ، بىزنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرۈش.»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېقىنلىرى ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيتىنى باشلىدى.

چا فېۋرال 3 , 2021
يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئىستانبۇلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا «ئائىلىمىز قەيەردە» پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يېقىنلىرى ئىستانبۇل ۋالىيسىنىڭ ئارىچىلىق قىلىشى بىلەن پائالىيتىنى بىر مەزگىل توختاتقان ئىدى.

You May Like