خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يۈز مىڭلىغان «يېڭىچە گۆرلەر»نى ياساشقا مەجبۇرلىغان. ئەنئەنىۋى قەبرە پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ جەنۇبىدا، ئۇيغۇرلارنى گۆر كولاشقا مەجبۇرلىغان .
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا، كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي ئەقىدىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان يېڭىچە قەبرە ۋە گۆر ياساشقا ئۇيۇشتۇرغان.

 

ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 7- ئىيۇل

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ جەنۇبىدا، ئۇيغۇرلارنى گۆر كولاشقا مەجبۇرلىغان .
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا، كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي ئەقىدىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان يېڭىچە قەبرە ۋە گۆر ياساشقا ئۇيۇشتۇرغان.

ھازىرغىچە ئېنىقلانغان ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، يېڭىچە گۆر سېلىش قۇرۇلۇشنىڭ ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان. ۋىدىئولاردا كۆرسىتىلىشىچە، گۆرلەر ئۈچ -تۆت قەۋەت بىنا شەكىللىك ئۆيلەر ھالىتىدە سېلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئازغىنا يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سىياسىتى بويىچە، ئۆلۈكلەردىن يەرلەرنى تېجەش پىلانىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم ئۇزىتىشى ئىسلام دىنى ئەنئەنىسى بويىچە، ئاۋۋال مېيىت يۇيۇپ -تارىلىپ، ئۇرۇق -يۇققان ۋە يۇرتداش جامائەت يىغىلىپ، مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرلىك بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، ۋاپات بولغۇچىنىڭ قەدىر-قىممىتى، ھۆرمىتى بىلەن تۇپراققا ئاق رەخت بىلەن ئوراپ، پۈتۈن جەسەتكە ھېچقانداق جىسمانىي دەخلى يەتكۈزمەستىن كۆمۈپ ئۇزىتىپ قويىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
ئەمما ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىگىلىگەن ئاخباراتقا كۆرە، خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى باشلىغان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدىن كىيىن، ۋاپات تاپقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم -ۋاپاتىنى ھېچقانداق دىنى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە ئىلىپ بېرىشىغا يول قويمىغان. نامىزىنى چۈشۈرۈش چەكلەنگەن، ئۆلگەن كىشىلەر بىۋاسىتە كۆيدۈرۈلگەن ، يۇيۇپ تاراشقا يول قويمىغان.

باشقا تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئېلان قىلغان دوكلاتلارغا كۆرە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار قامالغان يېغىۋېلىش لاگېرلىرى ئەتراپىغا زور ساندىكى «جەسەت كۆيدۈرۈش ئۆيى»تەسىس قىلغان بولۇپ،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ جەسەت كۆيدۈرۈش ئۆيلىرى ئۈچۈن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى 2018-يىلدىن باشلاپ، تور يۈزىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قولغا چۈشۈرگەن ۋىدىئولار ۋە ئىگىلىگەن باشقا يازما ئىسپاتلارغا كۆرە، گۆر قازغۇچىلار ئۇيغۇرلار بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشلارنى خىتاي شىركەتلىرىگە كۆتۈرە بەرگەن.گۆر ۋە قەبرىلەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىنژېنېرلىرى لايىھىلىگەن، ئۇيغۇر ئىشچىلار گۆرنىڭ قۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ياللانغان. يېڭى قەبرىگاھلارنىڭ ئورنى ئاساسەن دېگۈدەك شەھەر سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

گەرچە مۇستەقىل ۋە ئۈزۈل -كېسىل تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، 2017-يىلدىن بۇيانقى ئىرقى قىرغىنچىلىق داۋامىدا، ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا كۆرە، خىتاي دائىرىلىرى -ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىت، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، قەبرستانلىقلىرى قاتارلىقلارنى زور كۆلەمدە ۋەيران قىلغان بولۇپ، قەبرىلەرنىڭ ئورنىغا يەر تېجەشلىك، دىنى ئەقىدىلەرگە ئورۇن بېرىلمەيدىغان گۆرلەرنىڭ قېزىلىشى -ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسى بولغان ئۆلۈم مۇراسمىنىڭمۇ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 
 
 
 
 
 

Uyghur Reporter

Next Post

ئانتونى بېلىنكىن بىرقىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن تور سۆھبىتى ئىلىپ باردى، خىتايغا قارشى يېڭى جازا قوللانماقچى

يە ئىيۇل 18 , 2021
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى (دۆلەت مەھكىمىسى دەپمۇ قوللىنىلغان) باش كاتىپى ئانتونى بېلىكىن 6-ئىيۇل كۈنى بىر قىسىم سابىق مەھبۇسلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن تور سۆھبەت يېغىنى ئاچقان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نەد پىرايىس (Ned Price) مۇنداق دېگەن: ئانتونى بېلىنكىن سابىق مەھبۇسلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستان. ت) بولۇۋاتقان ئېچىنىشلىق ئىشلار ۋە بىر مىليون ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدىكى بىرىنچى قول تەسىراتى، ھېكايىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى مۇھىم دەپ قارىدى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان

You May Like