ئامېركا پارلامېنت ئەزالىرى پروفېسور ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسەتمەكچى

26-ئۆكتەبىر ئامېركا پارلامىنتى خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى(CECC) تىۋېتتېر ئىجتىمائى ئالاقىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ پروفېسور ئىلھام توختىنىڭ 25- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ سەمىگە سالدى. ھەمدە خىتاي رىجىمىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى

تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

26-ئۆكتەبىر ئامېركا پارلامىنتى خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى(CECC) تىۋېتتېر ئىجتىمائى ئالاقىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ پروفېسور ئىلھام توختىنىڭ 25- ئۆكتەبىر كۈنىدىكى تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ سەمىگە سالدى. ھەمدە خىتاي رىجىمىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

ئۇلار مۇنداق دېدى: « تۆنۈگۈن 49 ياشقا كىرگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختى «بۆلگۈنچى» دىگەن ئەيبلەش بىلەن  خىتاي تۈرمىسىدە ھازىرغىچە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ئۆتىمەكتە. ئىلھام توختى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپ تۆھپە قوشقان، ھەمدە خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)دىكى باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.  خىتاي ئىلھام توختىنى دەرھال تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشى كېرەك. »

CECC يەنە مۇنداق دېدى: « ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى ئىلھام توختىنىڭ يېقىندا كەلگەن تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، رەئىسلەر(كىرىس سمىس ۋە ماركو رۇبىئو) ئىلھام توختىنى 2019-يىللق نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش پىلانىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە دۇنيادىكى باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.»

 

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

شىنزو ئابىنىڭ خىتاي سەپىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

يە ئۆكتەبىر 28 , 2018
25- ئۆكتەبىر، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى خىتايغا ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ يىل ياپونىيە – خىتاي تىنىچلىق كىلىشىمى ھازىرلىغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولۇپ، ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنزو ئابى بېيجىڭدا خىتايغا 40 يىلدىن بۇيان بىرىپ كىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەمنى توختىدىغانلىقىنى جاكارلىماقچى بولغان. دۇنيا بويىچە ئۈچىنجى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئىقتىسادىي ياردەم بىرىپ كىلىۋاتقانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ: «ياپونىيەنىڭ خىتايغا بەرگەن ھۆكۈمەت مەبلىغى خىتاينىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئى

You May Like