تۈركىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى

2019_10_1_كۈنى ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 70 _يىلى ، ئىستانبۇل زەيتۇن بۇرۇنۇ ۋە سەفا كۆيلەردىن ئەتىگەندىلا يولغا چىققان نەچچە ئونلىغان ئاپتۇبۇسلار ئىستانبول تارابىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-10-1

تەييارلىغۇچى: سەدەف

 

  2019_10_1_كۈنى ئەزىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 70 _يىلى ، ئىستانبۇل زەيتۇن بۇرۇنۇ ۋە سەفا كۆيلەردىن ئەتىگەندىلا يولغا چىققان نەچچە ئونلىغان ئاپتۇبۇسلار ئىستانبول تارابىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسغا قاراپ يولغا چىقتى. كونسۇلخاننىڭ ئالدى قوللىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە تۈرك بايراقلىرىنى كۈتۈرگەن نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. كونسۇلخانا ئالدىدىكى يوللارغا جاللات چىن چۈەنگونىڭ رەسىمى چاپلانغان بۇلۇپ، نامايىشقا ماڭغان ئامما ئۇنىڭغا دەسسەپ ماڭدى. نامايىش ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار باشلىقى ھېدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشى بىلەن باشلاندى، ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ باشلىقى ئالىمجان ئىنايەت، ئۆلىمالار جەمىيتىدىن ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ، مەھمۇتجان داموللام، دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەمىيتىدىن ئابدۇللا ئاقيول، نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە مەدەنىيەت دەرنىكىدىن مىنەۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىملار ئايرىم _ ئايرىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ 70 يىلدىن بىرى تارتقان زۇلمىنى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىللە خەلقىمىزنى بىر نىيەت _ مەخسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ زۇلۇمغا قارشى چىقىشقا، پۈتۈن تۈرك دۇنياسى، ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىشقا سەپەرۋەر قىلدىغان نۇتۇقلارنى سۆزلىدى، نامايىشقا يەنە يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۈلۈپ كىلۋاتقان ژورنالىست شەبنەم ئۇرۇچ خانىم ، كادىرلار ئۇيۇشمىسىدىن رەنجى ئۆزمەن ئەپەندى، دۇنيا تۈركىستانلىقلار جەمىيتىدىن بورھان كاۋۇنجۇ ۋە ئەزەربەيجان ۋەكىلى قاتارلىقلار ئايرىم _ئايرىم سۆز قىلدى. ئاخىردا خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلدى.     دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يەنە تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا ئىستانبۇل ۋە قەيسىرىيە كەلگەن ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار نامايىش قىلدى، نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىدىن خەيرۇللاھ ئەپەندىگۈل ، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئەندەر كاھۋەجى ۋە بىر قىسىم پارتىيە، مىللەت ۋەكىللىرى ۋە تۈرك تەشكىلات، جەمئىيەت رەھبەرلىرى، ھەرقايسى تۈرۈك مېدىيا قاناللىرى ، مۇخپىر، ژورنالىستلار قاتناشتى. بۇ قېتىمقى نامايىشنى تۈركىيەدىكى ئايدىنلىق، قارار، يېڭى شەپەق، خەبەر تۈرك……. قاتارلىق تۈركىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەر ۋە بىر قىسىم تېلۋوز قاناللىرى نەق مەيداندىن تارقاتتى. ئوخشاش بىر كۈندە يەنە ئىستانبول زەيتۇن بۇرۇنۇ ئاق دېڭىز سالۇنىدا بۈيۈك تۈركىستانلىقلار دەرنىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا بىر قىسىم تۈرك جەمئىيەت، پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كەچ سائەت 7_10 غىچە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق كىچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. تۇرانچىلار پىلەتفورمۇ رەئىسى ھۈسۈيىن كانەر كىچىكلىككە رىياسەتچىلىك قىلدى. كىچىلىكتە بۈيۈك تۈركىستان باشلىقى يۈسۈپ يۈسۈپ ئوغلۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى جەمىيتدىن ئەلى ئەكبەر ھاجىم، خىتاي جازا لاگىردىن چىققان گۇۋاھچى گۈلباھار جېلىلۇۋا قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ۋە نۆۋەتتىكى تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىللەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ۋە باشتا تۈركىيەدىن باشلاپ ھەرقايسى تۈرك دۆلەتلىرگە شەرقىي تۈركىستاننى يالغۇز قويماسلىق ۋە قېرىنداشلىق مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىش ھەققىدە سۆز قىلدى. كىچىلىككە قاتناشقان رەفا پارتىيسى ۋەكىلى ۋە ھەرقايسى پارتىيە، جەمئىيەت ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى، ئۆزلىرنىڭ ھەر زامان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئايرىم _ئايرىم سۆز قىلدى. ئاخىردا رىياسەتچى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدىكى كىچىلككە كىلەلمىگەن بىر قىسىم جەمئىيەت، تەشكىلاتلارنىڭ يوللىغان كۆڭۈل سۆزلەرنى ئۇقۇپ ئۆتتى. ئەڭ ئاخىردا بۈيۈك تۈركىستانلىقلار دەرنىكىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا تۈرك ۋەتەنداشلىق بىرشنى تەلەپ قىلىش ئىمزالىق پائالىيتىنى باشلاپ، كىچىلككە قاتناشقان مىھمانلار دىن ئىمزا توپلاندى.  

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ماھاتىر: جەنۇبىي دىڭىز ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا تىك تۇرالمايمىز

چا ئۆكتەبىر 2 , 2019
مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھادىر 28- سىنتەبىردىكى بىر زىيارەتتە، جەنۇبىي دىڭىز ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن قارشىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like