200 مىليون يىل ئىلگىرىكى ھاشاراتلارنىڭ رەڭگى قانداق؟ بۇنى پەقەت تەسەۋۋۇر قىلىشقىلا بولىدۇ، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىزناسى قالمىدى. ھالبۇكى، جۇڭگو، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ئالىملىرى ھاشاراتلارنىڭ تاشقاتمىسىدىكى قۇرۇلما رەڭگە ئاساسەن، 200 مىليون يىل ئىلگىرىكى ھاشاراتلارنىڭ «ھەقىقىي رەڭگى» نى ئېچىپ بەردى. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىنىڭ بالا ژۇرنىلى «ئىلىم-پەن تەرەققىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.
رەڭگارەڭ ھاشاراتلار قۇياش نۇرى بولمىغان بولسا بەلكىم بىر پارچە تۇتۇق رەڭدە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇلار ئاجايىپ مىكرو قۇرۇلمىغا ئىگە، نۇرنىڭ سۇنۇشى، دىفراكسىيە ۋە توسقۇنلۇق ئارقىلىق ھەر خىل رەڭلەرنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ھاشاراتلارنىڭ رەڭگى پىگمېنت رەڭگى (خىمىيەلىك رەڭ) ۋە قۇرۇلما رەڭگى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، قۇرۇلما رەڭگى ھاشاراتلار رەڭگىنىڭ ئاساسىي قىسىمى بولۇپ، مەڭگۈلۈك قوڭۇر رەڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
پەرۋانە ۋە كېپىنەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭگە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ھاشاراتلارنىڭ تېخىمۇ روشەن، ئۇلارنىڭ قاسرىقىدا ئىنتايىن نەپىس بولغان ئۈچ ئۆلچەملىك مىكرو قۇرۇلما بار بولۇپ، خىلمۇخىل قۇرۇلما رەڭلىرىنى پەيدا قىلالايدۇ. بىز كېپىنەكنى قولىمىز بىلەن تۇتقاندا قولىمىزغا يېپىشقان تالقانسىمان ماددا دەل قاسرىقىدۇر. قاسراقنىڭ چوڭلۇقى ئادەتتە 50 مىكرومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يۈزىنىڭ مىكرو قۇرۇلمىسى ئارانلا نەچچە يۈز نانومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى پەرۋانە تۈرىدىكىلەر بۇندىن 200 مىليون يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن، كىشىلەر ئۇلارنىڭ چىرايلىق رەڭگىنى پەرەزلا قىلالايدۇ خالاس، چۈنكى تاشقاتمىدا جانلىقلارنىڭ قۇرۇلمىسىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، رەڭگى ساقلانمايدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى يۇرا دەۋرىدىكى پەرۋانە تۈرلىرى، قاناتلىقلارنىڭ قاسراقلىرىدا مۇرەككەپ ئوپتىكىلىق قۇرۇلما ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولغان بولۇپ، كۈمۈش رەڭ ياكى ئالتۇن رەڭلىك قۇرۇلما رەڭگىنى پەيدا قىلالايدىكەن. بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ بۇرۇنقى ھاشاراتنىڭ ھەقىقىي رەڭگى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ قەدىمكى ھاشاراتنىڭ قۇرۇلما رەڭگى بولىدىكەن. بۇ ھەم بۇندىن 200 مىليون يىل ئىلگىرىكى ھاشاراتلارنىڭ رەڭگى توغرىسىدىكى خاتىرىنى ئاز دېگەندىمۇ 130 مىليون يىل ئالدىغا سۈرگەن.