ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى«خوڭكوڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى.

19-نويابىر چۈشتىن كېيىن «خوڭكوڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاندى. ئىككى پارتىيەدىكى مەجلىس ئەزالىرى ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2019-11-20

 

19-نويابىر چۈشتىن كېيىن «خوڭكوڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاندى. ئىككى پارتىيەدىكى مەجلىس ئەزالىرى ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

  بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى خوڭكوڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى تېزدىن«خوڭكوڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاشقا چاقىرغانىدى.

 

خوڭكوڭ ساقچىلىرى يەكشەنبە كەچ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى نى قورشىۋېلىپ، نامايىشچىلار نىڭ كىملىكىنى تىزىملىتىپ ئاندىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. مەكتەپ ئىچىدە تەخمىنەن يۈزدەك نامايىشچى بار بۇلۇپ، ئۇلار كىملىكىنى تىزىملاتسا كېيىنچە ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەن ۋە باشقا ئامال بىلەن مەكتەپتىن ئايرىلماقچى بولغاندا ساقچىلارنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە سۇ پۈركۈش ماشىنىسىنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان. سىرتتىكى نامايىشچىلارمۇ مەكتەپكە يېقىنلاشقاندا ساقچىلارنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان.

 

ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار خوڭكوڭ ھەققىدە شۇلارنى بىلدۈرگەن:

 

«خىتتاي كومپارتىيىسىنىڭ خوڭكوڭنى 21-ئەسىردىكى تىيەنئەنمېن مەيدانىغا ئايلاندۇرىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك» _ Mitch McConnell  دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبىرى 

خىتتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتتاينىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى نارازىلىقنى باستۇرىشى ھەممىسى قەبىھ ۋە رەھىمسىزدۇر. خىتتاينىڭ خوڭكوڭدىن يىراق يەنە بىر تەرىپىدە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئىشلىرى رەھىمسىز ۋە قورقۇنچلۇقتۇر. بىز ئامېرىكادا دېموكراتىيە تەرەپدارلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ يىغىلىش ۋە ھۆكۈمەتكە تەلىپىنى سۇنۇش ھۇقۇقى بار. _ Chuck Schumer. كېڭەش پالاتاسى دېموكراتچىلار پارتىيەسى رەھبىرى.

ئەگەر خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ تەنقىدچىلەرنى نازارەت قىلىشىغا يول قويسا بۇ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بۇلۇش» پىرىنسىپى ئەمەلىيەتچانلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقنى، ئىگىلىك ھۇقۇقىنى ئۆتكۈزىۋالغاندا بەرگەن بارلىق ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ دەرھال خىتتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتقان ئوخشاش پوزىتسىيە بىلەن خوڭكوڭغا مۇئامىلە قىلىشىغا سەۋەب بۇلىدۇ. 

 

Marco Rubio_
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە مەمۇرىي دائىرلىرى خىتتاي كومتېتى ئەزاسى.

 

خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ يۈزلىگەن ئوقۇغۇچىلانى مەكتەپ ئىچىگە قاپساپ قويۇشى، ئۇلارنى ئايرىلغۇزماسلىقى ئېنىقكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندۇر.

 

بېيجىڭ تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن بۇ ھەرىكەت ئىنساننى خىتتاينىڭ 1984-يىلىدىكى خىتتاي-ئەنگىلىيە بىرلەشمە بايانىتىدىكى ۋەدىسىدىن گۇمان قىلغۇزىدۇ.
Josh Hawley_
مىسسۇرى شىتاتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى.

 

خوڭكوڭ ساقچىلىرى پۈتۈنلەي كونتىروللىقىنى يوقاتتى. خەلىقئارا ئۆلچەملەرگە خىلاپلىق قىلدى. چېكىدىن ئاشقان ھەربىي كۈچ ئىشلەتتى. چۇقۇم ئۇنىۋېرسىتېتقا قاپسىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. ئۇلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ساقچىلارنىڭ قەبىھ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك.
خوڭكوڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى قوغدايمىز.
Jim McGovern _
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە مەمۇرىي دائىرلىرى خىتاي كومتېتى رەئىسى.

 

ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە چېكىنمەيدۇ. ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان بىر دۆلەت بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز باتۇر خەلقنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھۇقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى قوللايمىز.
كومپارتىيە چۇقۇم بىر قەدەم چېكىنىپ، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشى، ئەكسىچە قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئۇلارنى جىمىقتۇرماسلىقى لازىم. بىز خوڭكوڭ بىلەن بىللە.
Rick. Scott_
فىلورىدا شىتاتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى

 

ئامېرىكا ئاۋازى تورى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

بېيجىڭ خوڭكوڭ ئەدىليەسىنىڭ مۇستەقىللىقنى بىكار قىلماقچىمۇ؟

چا نويابىر 20 , 2019
بۇ ھەپتە خىتاي ھۈكۈمىتى ۋە خوڭكوڭ ھۈكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەركىتى تىزلەشتى. دىمكوراتلار پارتىيسىنىڭ تىرامپنىڭ ئۈستىدىن سۇنغان شىكايىتى تەستىقتىن ئۆتسە تىرامپنىڭ باشقا ئىشلارغا كۆپ ۋاقىت ئاجىرىتالماسلىقى مۇمكىن. خىتاي بۇنى پۇرسەت بىلىپ مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە خوڭكوڭدىكى نامايشچىلارنى بېسىقتۇرماقچى بولغان بولۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى.

You May Like