تەرجىمىدە: ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 17-ئاۋغۇست
شۇ جاي ۋاقتى 16-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئاق سارايدا تېلېۋىزىيە نۇتقى ئارقىلىق بايانات بېرىپ ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ بۇ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى. تۆۋەندىكىسى نۇتۇقنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
» چۈشتىن كېيىنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن، بۈگۈن مەن ئافغانىستاننىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيىتى، ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن ئىشلار شۇنداقلا بۇنچىۋالا تېز تەرەققىي قىلغان ۋەقەلەرگە قارشى ئالغان تەدبىرلىرىمىز ھەققىدە توختالماقچى. مەن ۋە بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل گۇرۇپپىمىز بىلەن بىللە ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارغا قارىتا تاقابىل تۇرىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ ۋەقەگە تاقابىل تۇردۇق. كۆپچىلىككە ئالدىنئالا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، بىز زادى نېمە ئۈچۈن مۇشۇ قارارنى ئېلىشنى تاللىدۇق، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەنپەئەتى زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە تۆۋەندە تەپسىلىي توختالماقچىمەن.»
» 20يىللار بۇرۇن بىزنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز ناھايىتى ئېنىق ئىدى، يەنى: 2001-يىلى 11- سېنتەبىردە بىزگە ھۇجۇم قىلغان كىشىلەرنى تۇتۇش، شۇنداقلا بازا تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاننى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ بىزگە قايتا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. بىز بۇ مەقسىتىمىزگە يەتتۇق، بىز بازا تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەمەلىي كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردۇق. بىز ئەزەلدىن ئوساما بېن لادىننى تۇتۇش نىشانىمىزدىن ۋاز كەچمىدۇق، ھەمدە ئۇنى تۇتتۇق. ئەلۋەتتە ئۇ 10 يىللار ئالدىدىكى ئىشلار. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئافغانىستاندا يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇش ئەمەس ئىدى، ئافغانىستاننىڭمۇ ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش مەجبۇرىيىتى يوق. بىزنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشىمىزدىكى بىردىنبىر دۆلەت مەنپەئەتىمىز تا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق، يەنى: ئامېرىكىغا بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
مەن ئۇزۇندىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان نۇقتا شۇكى: بىزنىڭ ۋەزىپىمىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا مەركەزلىشىشى كېرەك، ھەرگىزمۇ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ياكى توپىلاڭغا قارشى تۇرۇش ئەمەس. بۇ مېنىڭ 2009-يىلى مۇئاۋىن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋاقتىمدىكى ئەسكەر كۆپەيتىش پىلانىغا قارشى چىققانلىقىمنىڭ ئاساسىي سەۋەبى. بۈگۈن يەنى 2021-يىلىدا پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۆلىتىمىز مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە باش قاتۇرۇشۇم كېرەك، ھەرگىزمۇ بۇرۇن يۈز بېرىپ بولغان تەھدىتلەرگە ئەمەس. بۈگۈنكى تېررورلۇق تەھدىتلىرى ئاللىبۇرۇن ئافغانىستان چىگرىلىرىدىن ھالقىپ بولدى، سومالى ياشلار پارتىيەسى، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بازا تەشكىلاتى، سۈرىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىراق ۋە سۈرىيەدە شۇنداقلا ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ خەلىپە قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان شام ئىسلام تەشكىلاتى قاتارلىقلار. مانا بۇ بۈگۈنكى بىز دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەردۇر. مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن تەھدىتلەر ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ۋە مەبلەغ ئاجرىتىشىمىزغا ھەقىقىي تۈردە ئەرزىيدىغان مەسىلىلەردۇر.زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان ئەھۋالدا ئافغانىستاندىمۇ مۇشۇنداق قىلدۇق. بىز ئۇپۇقتىن ھالقىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ بولدۇق، بۇ بىزنىڭ بۇ رايوندىن ئامېرىكىغا بىۋاسىتە كېلىدىغان تېررورلۇق تەھدىتلىرى يېقىندىن كۆزىتىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا تېز ۋە كەسكىن ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇردى.
مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىمدا پرېزىدېنت ترامپنىڭ تالىبان بىلەن تۈزىگەن ئەھدىسىگە ۋارىسلىق قىلدىم. ئۇلار تۈزىگەن ئەھدىنامىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى تولۇق چېكىندۈرۈپ بولۇش كېرەك ئىكەن، شۇنداق بولغاندا مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۈچ ئاي بولغۇچە. ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زامانىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئاللىبۇرۇن 15500 ئەسكەردىن 2500 ئەسكەرگە قىسقارتىلىپ بولغان. ئەمما تالىبان بولسا بۇ ۋاقىتلاردا 2001-يىلىدىن كېيىنكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ھەربىي ھالەتتە ئىدى. سىلەرنىڭ پرېزىدېنتىڭلار بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن چوقۇم توغرا بىر يولنى تاللىشىم كېرەك، يەنى: ياكى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئەھدىنامىنى ئىجرا قىلىشىم كېرەك، ياكى ئەھدىنامىگە پەرۋا قىلماي ئەتىياز پەسلىدە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ تالىبانلار بىلەن قايتا جەڭ قىلىشىم كېرەك. ئۇ چاغدا 1-مايدىن كېيىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى مەۋجۇت بولمايدۇ، بىزنىڭ قىسىملىرىمىزنى قوغدايدىغان ئەھدىنامىلەر بولمايدۇ، ھازىرقىدەك ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈم يېتىم ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن ۋەزىيەتلەر ھەم بولمايدۇ. پەقەتلا بىر ئېچىنىشلىق رېئاللىق بولغان بولاتتى: » يا ئەسكەر چېكىندۈرۈش، يا قانلىق توقۇنۇش. مىڭلىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەپ كىرىش، شۇنداقلا بۇ توقۇنۇشنى 30-يىلىغا ئېلىپ كىرىش.»
مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ قارارىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن. 20 يىللىق ۋاقىت جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى ھېچقاچان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ ئېلىپ چىقىدىغان ياخشى پۇرسەتلەر بولۇپ باقمىدى. شۇڭا بىز شۇنچىلىك ۋاقىتتىن بېرى شۇ جايدا تۇرۇپ قالدۇق، گەرچە شۇ يەردىكى بىزگە كېلىدىغان خەتەرلەرنى بىلىپ تۇرساقمۇ، ھەربىر تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارغا قارىتا تەييارلىقلىرىمىزنى پۇختا قىلىپ كەلدۇق. مەن بۈگۈن ئامېرىكا خەلقىگە ۋەدە قىلىمەنكى مەن سىلەرگە ھەممە ئىشلارنى ئەينەن ئىقرار قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلار بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ بەكرەك تېز يۈز بەردى، ئۇنداقتا زادى نېمە ئىشلار بولدى؟ جاۋابى شۇكى: ئافغانىستان رەھبەرلىرى ۋاز كەچتى، دۆلىتىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى. ئافغانىستان ئارمىيەسى غۇلاپ چۈشتى، قارشىلىق كۆرسىتىپ جەڭ قىلىپ بېقىشتىن ۋاز كەچتى، مانا مۇشۇ سەۋەبلەر بىزنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەلۋەتتە ئافغانىستان ئۆزلىرىنىڭ ئارمىيەلىرى خالىمىغان ئۇرۇشنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق، ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلمايدۇ. بىز ئافغانىستانغا 1 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق خىراجەت ئاجراتتۇق، 300مىڭ ئەسكىرى كۈچكە ئىگە ئافغانىستان ئارمىيەسىنى مەشىق قىلدۇردۇق. ئۇلارنىڭ كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىلغار قوراللىرى بار، بۇ قىسىم بىزنىڭ بەزى ناتوغا ئەزا دۆلەتلىرىمىزنىڭ ھەربىي كۈچىدىنمۇ كۈچلۈك. بىز ئۇلارغا لازىملىق بولغان ھەرقانداق قورال جابدۇقلارنى تەمىنلىدۇق، ئۇلارغا مائاش بەردۇق، ئۇلارنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنى قوغداش- ئاسراش مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇ ئەھۋاللارنى تالىبانلاردا كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، تالىبانلارنىڭ ھەتتا ھاۋا ئارمىيەسىمۇ يوق. بىز ئافغانىستان ئارمىيەسىنى ھاۋادىن ياردەم بېرىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىدۇق، بىز بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزلىرى يارىتىش ئۈچۈن ياردەملەرنى قىلىپ كەلدۇق، ئەمما بىز ئۇلارغا ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىرادىسىنى بېرەلمەيمىز ئەلۋەتتە. شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى،ئافغانىستان ھەربىي قىسىملىرىدا قەھرىمان ھەم جاسارەتلىك ئەسكەرلەر ياكى قىسىملارمۇ بار، لېكىن ئۇلار ھازىر تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىسا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى يەنە بىر يىل، ياكى بەش -ئون يىللار ئۇ جايدا تۇرسىمۇ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. تۆۋەندىكىسى مېنىڭ ئاساسلىق مەيدانىم: ئەگەر ئافغانىستان ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ جەڭ قىلدۇرۇش تۈپتىن خاتا! ئافغانىستاننىڭ رەھبەرلىرى ئەڭ ھالقىلىق پەيتلەردە ئۆز خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرالمىدى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا توغرا بولغان سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارالمىدى. ئەگەر ئۇلار ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئافغانىستاندا تۇرۇپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشىنى ئويلىغان بولسا، ئۇنداقتا بىز ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمىز. چۈنكى بىزنىڭ ھەقىقىي تۈردىكى ستراتىگىيەلىك رىقابەتچىلىرىمىز بولسا خىتاي بىلەن رۇسىيە. ئامېرىكىنىڭ مىلياردلارچە مەبلەغلەرنى خىراجەت قىلىپ، ئاساسلىق نىشانىمىزنى ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىغا قارىتىشىمىزنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغانلىرى دەل شۇلاردۇر.
مەن 6-ئايدا ئاق سارايدا ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ۋە رەئىس ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ نى كۈتۈۋالدىم، ئارقىدىن 7-ئايدا ئەشرەف غەنى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتىم، بىز ناھايىتى سەمىمىيەتلىك بىلەن پاراڭلاشتۇق، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنگەندىن كېيىنكى ئىچكى ئۇرۇشقا قانداق تاقابىل تۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى چىرىكلىك مەسىلىرىنى قانداق ھەل قىلىش، شۇنداقلا ئافغانىستان خەلقىگە قانداق رەھبەرلىك قىلىش، سىياسىي جەھەتتىن قانداق ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان ياخشى پىكىرلەر بولۇندى، ئەمما ئۇلار بۇ نۇقتىلارنىڭ بىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرمىدى. مەن ئۇلارغا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق تالىبانلار بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى تەشەببۇس قىلدىم، ئەمما ئۇلار كەسكىن ھالدا بۇ تەلىپىمنى رەت قىلدى. غەنى كەسكىن تۈردە ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ تالىبانلارغا قارشى جەڭ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى.
ئەمدى ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى خاتا دەپ قارايدىغانلاردىن سورىماقچى بولغىنىم: ئەگەر ئافغانىستان ئۆزلىرىنىڭ ئارمىيەسى جەڭ قىلىشنى خالىمىغان تەقدىردە مەن يەنە قانچىلىغان ئامېرىكىلىق يىگىت قىزلىرىمىزنى ئافغانىستانغا ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشتۇرىشىم كېرەك؟ يەنە قانچىلىغان ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىشىم كېرەك؟ ئارلىڭتون دۆلەتلىك قەبرىستانلىقىغا يەنە قانچىلىغان قەبرىلەرنى قاتتۇرىشىم كېرەك؟ مېنىڭ جاۋابىم ئىنتايىن ئېنىق، مەن ئەمدى بىز بۇرۇن سادىر قىلغان خاتالىقلارنى قايتا قىلىشنى خالىمايمەن. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن ئالاقىسى يوق بىر توقۇنۇشنىڭ ئىچىگە كىرىپ جەڭ قىلىشنى توغرا دەپ قارىمايمەن. باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ ئۇلارنىڭ تۈگىمەس جەڭ مەيدانلىرىغا كىرىش تۈپتىن خاتا. شۇڭا بىز خاتالىقلارنى ئەمدى قايتا سادىر قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ باشقا ئىنتايىن چوڭ بولغان مەنپەئەت مەسىلىلىرىمىز بار ، بۇلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىمەنكى، ئافغانىستاننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋاللىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئازابلىدى، بىزنىڭ كونا ئەسكەرلىرىمىز، دېپلوماتلىرىمىز شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولدى، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ۋاقتىنى زېھنىنى سەرپىيات قىلىپ ئافغانىستاننىڭ ھالىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەر، ئافغانىستاندىكى يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ بىز يۈزلىنىش ناھايىتى تەس بولغان بىر ھەقىقەت بولدى. شەخسەن مەن ئۈچۈنمۇ شۇنداق.
مەن باشقىلارغا ئوخشاشلا ئۇزۇندىن بۇيان ئافغانىستان مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ كەلدىم، بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا باردىم، كابۇلدىن قەندەھار، قۇنار جىلغىلىرىغىچە. ئۇ جايلاردا خەلق بىلەن يۈز -تۇرانە كۆرۈشتۈم،ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتىم، ئەسكەرلىرىمىز بىلەن بىللە بولدۇم، ئۆزۈم ئافغانىستاندا نېمىنىڭ مۇمكىنلىكىنى، يەنە نېمىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، شۇڭا بىز ھازىر دىققىتىمىزنى مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈردۇق. مەن داۋاملىق تۈردە ئافغانىستان خەلقىنى قوللايمەن، بىز ئۆزىمىزنىڭ دىپلوماتىك يوللىرىمىز بىلەن شۇنداقلا خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىمىز بىلەن ئىنسانىيلىق ياردەملىرىمىزنى ئايىمايمىز. بىز رايوننىڭ دىپلوماتىيە مەسىلىسىگە داۋاملىق ئارىلىشىپ توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ شۇنداقلا مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىمىز. بىز داۋاملىق تۈردە ئافغانىستان خەلقى، ئاياللىرىنىڭ ئاساسىي ھەق ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنى توختاتمايمىز، خۇددى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا چىقارغان ئاۋازلىرىمىزغا ئوخشاش. مەن ئەزەلدىن شۇ نۇقتىدا چىڭ تۇرىمەنكى، ئىنسان ھەقلىرى ھەر زامان تاشقى دېپلوماتىيەمىزنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى. ھەرگىزمۇ قوشۇمچە ئىدىيەسى ئەمەس، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەرگىزمۇ ھەربىي كۈچكە تايىنىش بولماستىن بەلكى بىزنىڭ تاشقى دېپلوماتىيەمىز، ئىقتىسادى قوراللىرىمىز شۇنداقلا دۇنياغا قىلىدىغان خىتابلىرىمىز ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئەمدى ھازىرقى ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىمىز ھەققىدە توختالماقچىمەن، مەندىن بۇ ھەقتە ھوقۇق تۇتۇشۇم تەلەپ قىلىندى، شۇنداقلا مەن ھازىر بۇ بۇيرۇقلارنى بېرىشكە تولۇق ھوقۇقلۇق. 6000 ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ، مەقسەت: ئامېرىكىلىق خىزمەتچى خادىملىرىمىزنى بىخەتەر ھالدا ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش، شۇنداقلا بىزنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز ۋە ئاجىز خەلقنى بىخەتەر ھالدا ئافغانىستاندىن باشقا بىخەتەر يەرلەرگە يۆتكەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈندۇر. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى ئايروپورتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەربىي ياكى ئاممىۋى ئايروپىلانلارنىڭ بىخەتەر ئۇچۇپ قونۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. بىز بىخەتەر ھالدا كونسۇلخانىمىزنى تاقىدۇق، شۇنداقلا كونسۇل خادىملىرىمىزنى، دېپلوماتلىرىمىزنى بىخەتەر ھالدا ئايروپورتقا ئورۇنلاشتۇرىۋالدۇق. كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە بىز داۋاملىق تۈردە ئافغانىستاندا ياشاۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان مىڭلىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز. بەزى ھۆكۈمەتسىز ئامېرىكا تەشكىلاتلىرى ۋە خەۋەر ئورگانلىرىغا خىزمەت قىلىۋاتقان بەزى ئافغانىستانلىقلارمۇ بار ئەلۋەتتە،ئۇلار ئەڭ خەتەر ئىچىدىكى ئىنسانلاردۇر. بەزىلەر »نېمىشقا ئۇلارنى ئەڭ ئالدى بىلەن قايتۇرۇپ كەلمەيسىلەر؟ دەپ سوئال قويۇشى مۇمكىن. مەن سىلەرگە بېرىدىغان بىر قىسىم جاۋابىم شۇكى، بەزىبىر ئافغانىستانلىقلار بالدۇر كېتىشنى خالىمايدىكەن، ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىگە بولغان ئۈمىدىنى ساقلاپ قالىدىكەن، يەنە بەزىلىرى بولسا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىشىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىكەن، شۇڭا كەڭ كۆلەملىك چېكىنىشكە قارشى تۇرىدىكەن.
بىزنىڭ ئەۋەتكەن ھەربىي قىسىملىرىمىز خۇددى بۇرۇنقىدەكلا كەسپى ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس خەتىرى بار ئەلۋەتتە، بىز بۇ قېتىملىق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىن بۇرۇن تالىبان تەرەپكە ئېنىق خەۋەر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ قىسىملىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ قالسا، بىز چوقۇم تېزلىكتە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار. زۆرۈرىيىتى كەلسە بىز چوقۇم ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى قايتۇرما ھۇجۇم ئارقىلىق خەلقىمىزنى قوغدايمىز. بىزنىڭ بۇ قېتىملىق ھەربىي ۋەزىپىمىزنىڭ ۋاقتى قىسقا، دائىرىسى چەكلىك، نىشانىمىز ئېنىق بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىخەتەر ھەم تېز ھالەتتە خەلقىمىز ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمىز. مۇشۇ قېتىملىق ھەربىي ۋەزىپىمىز تۈگىگەن ھامان بىزنىڭ بارلىق ھەربىي قىسىملىرىمىز ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىدۇ، 20يىلغا سوزۇلغان قانلىق توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىدۇ.
ھازىر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئېچىنىشلىق ھەقىقەتلەر شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، ھەرقانچە قۇدرەتلىك بولغان ھەربىي كۈچمۇ ئافغانىستانغا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىرلىكنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، تارىختىن بۇيان ئافغانىستاننىڭ «ئىمپىرىيەلەرنىڭ قەبرىستانلىقى» دېگەن نامى بار. ھازىر يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار 5يىل ياكى 15 يىللار بۇرۇن ئوخشاشلا بولۇپ ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن. بىز چوقۇم سەمىمىيەتلىك بىلەن شۇنى ئىقرار قىلمىساق بولمايدۇكى، ئۆتكەن 20 يىل جەريانىدا بىزنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىلىرىمىزدە نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلدۇق. مەن ھازىر ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان 4-قارار پرېزىدېنت بولۇپ قالدىم، ئىككى نەپەر دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن، ئىككى نەپەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن. ئەمدى بۇ مەسئۇلىيەتنى 5- نۆۋەتلىك پرىزدېنتقا تاشلاپ بەرگۈم يوق، ئەمدى ئامېرىكا خەلقىنى قايمۇقتۇرغۇم يوق، يەنە بىرئاز ۋاقىت سەرپ قىلساق ئافغانىستاندا چوقۇم ياخشىلىنىش بولىدۇ دەپ ئۇلارنى ئالدىغىم يوق. مېنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىمىزنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن، شۇنداقلا كەلگۈسى ئۈچۈن قەدەم تاشلاشتەك مەسئۇلىيەتتىن قاچقۇممۇ يوق، مەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى، بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى مەن ئۈستۈمگە ئېلىشىم كېرەك.
مەن بىزنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيىتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن، لېكىن مېنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتەك قارارنى بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايمەن. بىز ئافغانىستان ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلەرگە يۇقىرى دەرىجىدە دىققەت قىلىشتەك ۋەزىپىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. بىز ئافغانىستاندا بازا تەشكىلاتىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردۇق شۇنداقلا بېن لادىننى يوقاتتۇق، مانا بۇ بىزنىڭ غەلبىمىز. ئەمما نەچچە ئەسىرلەردىن قېلىپ قالغان ئافغانىستاننىڭ تەقدىرىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلغان نەچچە ئون يىللىق كۈرەشتە مەغلۇپ بولدۇق، مەن ئىشىنىمەنكى بۇ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە. مەن ئەمدى ئارمىيەمىزگە باشقا دۆلەتنىڭ ئايىغى چىقمايدىغان ئىچكى ئۇرۇشلىرى ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيمەن، ھەمدە چۈشۈرمەيمەن. يەنە ئۆلۈم- يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى، ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كۆرگۈم يوق. بۇلار بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ماس كەلمەيدۇ، بارلىق ئامېرىكا خەلقى ئەمدى بۇنى خالىمايدۇ. بۈگۈنكى نەتىجە ھەرگىزمۇ بىزنىڭ 20 يىللىق قۇربانلىقلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى بولماسلىقى كېرەك ئىدى، مەن پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان ۋاقتىمدىلا ئامېرىكا خەلقىگە ئافغانىستاندىكى ئەسكىرى ئارىلىشىشنى ئاياغلاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدىم. گەرچە بۇ ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولى شۇنچە مۈشكۈل، قالايمىقان، شۇنداقلا بەكمۇ مۇكەممەل ئەمەس بولسىمۇ ئەمما مەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلدىم. ئەڭ مۇھىمى، بۈگۈن مەن دۆلىتىمىز ئۈچۈن جېنىنى ئاتىغان يىگىت قىزلىرىمىز ئۈچۈن ۋەدە بەرمەكچىمەن، مەن ئەمدى ئۇلارنى ئاللىبۇرۇن ئاياغلىشىشقا تېگىشلىك بولغان ھەربىي ۋەزىپىلەر ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشىنى تەلەپ قىلمايمەن. ياش ۋاقىتلىرىمدا شۇ چاغدىكى ئامېرىكا رەھبەرلىرى ۋىيېتنام ئۇرۇشى توغرىسىدا بۇ نۇقتىلارغا قىلالىغان ئىدى، ئەمدى مەن ئافغانىستاندا بۇ قۇربان بېرىشلەرنى توختىتىمەن.
بىلىپ تۇرىمەنكى، مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم نۇرغۇن تەنقىدلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما شۇ تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايمەنكى، ئەمما بۇ قارارنى كېيىنكى پرېزىدېنتقا تاشلاپ بېرىشنى خالىمايمەن، يەنە بىر، 5- نۆۋەتلىك پرىزدېنتقا. خەلقىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بىر توغرا قارار، ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ دۆلىتىمىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان قەھرىمان ھەربىيلىرىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ بىر توغرا قارار. شۇنداقلا ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ ھەم توغرا بولغان قاراردۇر.
ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا رەھمەت، ياراتقۇچىمىز ھەربىي قىسىملىرىمىزنى، بىزنىڭ دېپلوماتلىرىمىزنى، شۇنداقلا خەتەر ئىچىدە ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بارلىق كىشىلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.»