ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-10-11
شۇ يەر ۋاقتى 11-ئۆكتەبىر جۈمە چۈشتىن بۇرۇن نورۋېگىيە نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېفىئوپىيە باش مىنىستىرى ئابى ئەھمەدكە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. مۇكاپاتلاش سەۋەبىدە: ئابى ئەھمەد دۆلىتىنى يېتەكلەپ، قوشنا ئېرىترىيە بىلەن بولغان توقۇنۇش ۋە چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى دېيىلگەن.
BREAKING NEWS:
The Norwegian Nobel Committee has decided to award the Nobel Peace Prize for 2019 to Ethiopian Prime Minister Abiy Ahmed Ali.#NobelPrize #NobelPeacePrize pic.twitter.com/uGRpZJHk1B— The Nobel Prize (@NobelPrize) October 11, 2019
نوبىل كومىتېتى ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە كېلىشىش ئۇچۇن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان.