مايك پومپىيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»خاراكتېرىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو (ئۇيغۇرچە ئىسمى مەمەت پولات) 23- دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكى خەلقئارا ئادالەت بۆلۈمى، ئاسيا – خىتاي بۆلۈمى، ئىنسان ھەقلىرى بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىنگەن پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قانۇنىي، ئىلمىي ئاساستا يەكۈن چىقىرىشقا بۇيرۇغان. بۇ دېلو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆكۈمەت نامىدىن بىجىرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن.

تۇرسۇنجان تۇراپ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى، 24- دېكابىر

 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو (ئۇيغۇرچە ئىسمى مەمەت پولات) 23- دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكى خەلقئارا ئادالەت بۆلۈمى، ئاسيا – خىتاي بۆلۈمى، ئىنسان ھەقلىرى بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىنگەن پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قانۇنىي، ئىلمىي ئاساستا يەكۈن چىقىرىشقا بۇيرۇغان. بۇ دېلو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆكۈمەت نامىدىن بىجىرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن.

 

ئامېرىكا ھۆكۈمىىتى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2015- يىلى دائىشنىڭ يازىد ۋە خىرستئانلارغا قىلغان قىلمىشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇنى شۇ چاغدىكى مىنىستىر جون كەررى ئېلان قىلغانىدى.

 

ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسلىسىگە قىرغىنچىلىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلسا، خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەربىي ئارىلىشىش ئارقىلىق قىرغىنچىلىقنى توختىتىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا راستىنلا قوراللىق ئارىلىشامدۇ-يوق؟ بۇ تېخىچە نامەلۇم.

 

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مايك پومپيونىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىتايدىن «ئاخىرقى قېتىم ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ قارىغان، شۇنداقلا ئەگەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلسە، بۇ قارارنىڭ قاچان ئېلان قىلىنىشى نائېنىق بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەيلى كىم پرېزىدېنت بولسۇن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇيدىغانلىقى ئېنىق بولماقتا. بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا، دېموكراتلار پارتىيسى نامزاتى جوۋ بايدىن تېلېۋىزيە مۇنازىرسدە: «مەن پرېزدېنت بولسام، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆتكۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قەتئىي ھەرىكەت قوللىنىمەن، ھەرگىزمۇ ترامپقا ئوخشاش شى جىنىپىڭغا لاگېر قۇرساڭ بولىدۇ، دەپ تەستىقلىمايمەن.» دېگەن ئىدى.

 

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر جوۋ بايدىننىڭ ئوغلى ھانتىر بايدىننىڭ ختتاي بىلەن بولغان مۇناسۋىتى سەۋەبلىك، ختتايغا قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

 

ترامپ ھۆكۈمىت خىتايغا ئەڭ قاتتىق زەربە بەرگەن ھۆكۈمەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاق سارايدىن ئايرىلىشى خىتايغا قارشى بارلىق كىشلەرنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

فرانسيە تاشقى سودا منستىرى: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسلىسى بىزنىڭ قېزىل سىزىقىمىز.

پە دېكابىر 24 , 2020
فرانسيە خەلقئارا رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، شۇ يەر ۋاقتى 23- دېكابىر چۈشتىن كېيىن، فرانسيە تاشقى سودا مىنىستىرى فرانك رىيستېر(Franck Riester) مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بىز ھازىرغىچە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە يېتەرلىك ۋەدىسنى ئالمىدۇق. ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسدە ئىلگىرىلەش بولمايدىكەن پارىژ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىمزالىغان كېلىشىمنى قوللىمايدۇ.

You May Like