ماكرون ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

فرانسيە پرېزدېنتى ماكرون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستانغا بىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

فرانسىيە ئاۋازى، 2020-09-22
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەلكېزەر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-23

 

فرانسيە پرېزدېنتى ماكرون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75- نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستانغا بىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

 

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون سەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ 75- قېتىملىق ئومۇمىي مۇنازىرە يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستانغا خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا تۇنجى قېتىم خىتايدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى بولۇپ، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسنى ئېنىق ۋە روشەن ئىپادىلەش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

 

مەنبە:
https://www.rfi.fr/cn/中国/20200922-法国总统⻢克⻰联大会上要求派遣国际调查团前往新疆调查维吾尔人权

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي يىغىۋىلىش لاگېرلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قۇرماقتا

پە سېنتەبىر 24 , 2020
ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (Australian Strategic Policy Institute, ASPI) نىڭ يېڭى تەتقىقاتى خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى داۋاملىق قۇرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ASPI نىڭ قارىشىچە، بۇ يېڭىدىن سېلىنغان تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ئاساسلىقى يۇقىرى دەرىجىدە قوغدىلىشچانلىققا ئىگە «تۈرمە ئۇسلۇبى» دىكى مۇئەسسەسەلەر ئىكەن.

You May Like