مەمەت توختى :تۈركىيەدىن كاناداغا كىلىدىغانلارغا ئۇقتۇرۇش

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كاناداغا ئولتىراقلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلىرىمىزنى تىزىملاش 11-ئاينىڭ 12 – كۈنى دۈشەنبە باشلىنىدۇ . يىراق يېقىندىكى ھەممەيلەننى كۆزدە تۇتۇپ ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملاش ۋە نەق مەيداندا تىزىملاش ئىككى خىل بولىدۇ . نەق مەيداندا تىزىملاش ۋاقتى : 11-ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ ھەپتە ۋاقىت .( تىزىملاشقا ئىككى ھەپتە كېتىدۇ ، ئوتتۇرىدىكى بىر ھەپتە مۇخپىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، ئەنقەرەدىكى كانادا ئەلچىخانا خادىملىرى ، ب د ت ۋەكىللى

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كاناداغا ئولتىراقلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلىرىمىزنى تىزىملاش 11-ئاينىڭ 12 – كۈنى دۈشەنبە باشلىنىدۇ . يىراق يېقىندىكى ھەممەيلەننى كۆزدە تۇتۇپ ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملاش ۋە نەق مەيداندا تىزىملاش ئىككى خىل بولىدۇ . نەق مەيداندا تىزىملاش ۋاقتى : 11-ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ ھەپتە ۋاقىت .( تىزىملاشقا ئىككى ھەپتە كېتىدۇ ، ئوتتۇرىدىكى بىر ھەپتە مۇخپىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، ئەنقەرەدىكى كانادا ئەلچىخانا خادىملىرى ، ب د ت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە باشقا خىزمەت ئىشلىرى ئۈچۈن) تىزىملاش ئورنى : ئىستانبۇل ، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى ئىشخانىسى. ئەتىگەن سائەت 9 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 4 كىچە . ئېلىپ كېلىشكە تىگىشلىك ماتىرياللار : 1. پاسپورت كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى (دىققەت ! بىز ھەرقانداق كىنىشكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى قۇبۇل قىلمايمىز، پەقەت كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ قالىمىز ، رەڭسىز بولسىمۇ بولىدۇ ئەمما رەڭلىك كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بولسا ئەڭ ياخشى، پاسپورتنىڭ بارلىق ۋىزا ۋە تامغا بېسىلغان بەتلىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ) 2. باشقا قولدا بار بولغانلىكى بارلىق كىنىشكىلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ، مەسىلەن ئىقامەت ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ، توي خېتى ، توغۇلۇش ئىسپاتى ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ھەرقانداق ھۆججەتنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى. ئىشخانىدا جەدۋەل تارقىتىپ بېرىلىدۇ ۋە بىر تۇتاش تولدۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىنىدۇ . جەدۋەلدىكى مۇھىم بىر نوقتا – چوقۇم تىزىملاتقۇچى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدىغان ئېلخەت ئادىرىسى ۋە تېلىفۇن نۇمۇر .(ئېلخەت ئادىرىسى مۇھىم ) بىر ئائىلىدىن بىرلا كىشى ۋەكىل بولۇپ كەلسە بولىدۇ . ئۇندىن باشقا تىزىملاتقۇچى كىشىلەرنىڭ ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پاسپورت رەسىمى چوڭلىقىدىكى رەسىمىنى بىللە قوشۇپ تاپشۇرسا تېخىمۇ ياخشى . دىققەت : تىزىملاش ئىشخانىسىغا يانفۇن ، ئاپارات ، ۋە ياكى باشقا ئۈنگە سىنغا ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ . رەسىمگە ۋە ۋىدىئوغا ئېلىش قەتئى چەكلىنىدۇ . ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەگە كېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلارغا تور ئارقىلىق تىزىملاش : ئېلخەت ئادىرىسى : UyghurRefugeeProject10@gmail.com ئېلخەت مەزمون تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا بولىدۇ: 1. تولۇق ئىسىم – فامىلىسى(پاسپورت ئۈستىدىكىسى بىلەن ئوخشاش يېزىش) 2. تۇغۇلغان يىل ئاي كۈن 3. ھازىرقى تۇرۇشلۇق دۆلەت ئىسمى ۋە شەھىرى 4.دۆلەت تەۋەلىكى 5.ھازىرقى ۋىزا ياكى ئىقامەت توشۇش ۋاقتى 6. ئائىلە ئەھۋالى (توي قىلغانمۇ يوق ، ئايالى ، بالىلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلار ) 7. قىسقىچە ئوقۇش ۋە خىزمەت تارىخى 8. بارلىق ماتىرياللارنىڭ pdf ياكى رەسىم شەكلى . 9. تىزىملاتقۇچىنىڭ تۇرمۇش رەسىمىدىن ئىككى پارچە ۋە پاسپورت رەسىمى بىر پارچە . 10. ئالاقىلىشىش ئۇسولى (ئېلخەت ۋە تېلىفۇن نۇمۇر ) ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بىز تاپشۇرۇپ ئالغانلىق جەزىملەشتۈرۈش خېتى ئەۋەتىمىز ( 24 سائەتتىن ئۈچ ھەپتىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە). ئالاقىلاشقۇچىلار ۋە تىزىملىغۇچىلار : قېيۇم ماسىموۋ گۈلى مەخسۇت ئالاقىلىشىش ئۇسولى: ئېلخەت ئارقىلىق سۇئال سوراشقا بولىدۇ ، تېز سۈرئەتتە جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشىمىز. ئۈچ ھەپتە ۋاقىت تىزىملاش ئىشلىرى ئۈچۈن بولىدۇ. ۋوسساپ ئۇچۇرىغا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماسلىقىمىز مومكىن . ۋاقت ھاياتلىقتىن قىممەت . تىزىملاتقۇچىلار تولۇق تەييارلىق بىلەن كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە كانادا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن كاپالەت بېرىمىز . يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويىمىزكى بۇ تىزىملاش پائالىيىتىگە ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ . قالغان ئىشلار كانادا ھۆكىمىتىنىڭ قارارىغا باغلىق . قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈدىغان ۋاقىتقا بىز ۋەدە بېرەلمەيمىز ئەمما كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇبۇل قىلدۇرۇش يولىدا ئىزچىل تىرىشىمىز

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تۈركىيەدە، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

دۈ نويابىر 12 , 2018
شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا 12-نويابىر كۈنى كەچ ، ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنىدىكى قارا دىڭىز يىغىن زالىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like