بۈگۈن 2020.يىلى 4.ئاينىڭ 18.كۈنى . مەن ئۈچۈن ئۆمرۈم بويى قەلبىمدىن ئۆچمەيدىغان ئەڭ قاخشاتقۇچ مۇسىبەتلىك كۈن. ئاپامنىڭ ۋاپاتىنى مەندىن 10 ئاي يوشۇرغان رەھىم-شەپقەتسىز قارا كۈن. ئەزەلدىن بىراۋنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ۋاقىتسىز يېتىم قېلىشىنى دۇنيادا ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ كۈلپەت سانايتتىم. ئاتا-ئانىنىڭ ئۆلۈمى مەن ئۈچۈن ھەر دائىم قوبۇل قىلغۇسىز دەھشەتلىك ، قاباھەتلىك تۇيۇلاتتى. ئەمما بۇ يىرگىنىشلىك كۈن مېنىڭمۇ بېشىمغا كەلدى. شۇم خەۋەر ئالغان شۇ دەمدە بېشىمدىن كىرگەن بىرتۈتۈن تاپىنىمدىن چىققانىدى. يۈرىكىمنى ئۈزلۈكسىز داغلاپ ئۆرتەۋاتقان ئوت، ئاپامنىڭ ۋاپاتىدىن 10 ئاي كېچىكىپ خەۋەر تېپىشىم بولدى. چۈنكى مەرھۇمە ئاپام ئۈچۈن بىر كۈنمۇ ھازىدار بولالمىغانىدىم.
مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋاپات قىلغىنىڭىزغا ئىككى يىل بولدى. ئېھ ، مېنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ، ماڭا يېڭى ھاياتلىق بەخش ئەتكەن قەدىرلىك ئاپام، سىزمۇ ئاخىرقى نەپسىڭىزدە مېنى كۆرۈۋېلىشنى ، مېنى ھىدلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلغانسىزمۇ؟ ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ ئاپا، ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە ماڭا ، نەۋرەمنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ بېرىمەن دەيتتىڭىز. ئاجايىپ تاتلىق تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ مەست بولۇپ كېتەتتىم. گەرچە بالامنى سىزگە باقتۇرۇشنى ئويلىمىغان بولساممۇ. شۇنى دېيىشىڭىزنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن چوڭ ئىلتىپات ئىدى. ئەمما ئەپسۇس، نەۋرىڭىزنى كۆرۈش تۈگۈل ، يالغۇز ئوغلىڭىزنىڭ تويىنى قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدىڭىز . ئۆمرىڭىز يەتمىدى جېنىم ئاپا . ئەسلى بۈگۈن قەبرە بېشىڭىزغا بېرىپ، سىيرىپ سۈپۈرۈپ قىزىل گۈللەر تىزغۇم ، قۇرئان تىلاۋىتى قىلىپ ئاللاھتىن سىزگە مەغپىرەت ، رەھمەت تىلىگۈم بار ئىدى. بىراق قەبرىڭىز قايەردە ئاپا ئېيتىڭچۇ ، چۈشلىرىمگە كىرىڭ . بىشارەت بېرىڭ ئاپا ، قەيەرگە ماكانلاشتىڭىز؟ پات- پات تۇرالغۇمنىڭ ئەتراپىدىكى قەبرىستانلىقلارغا كىرىپ قالىدىغان بولۇپ قالدىم قاراڭ ئاپا. خۇددى سىزنىڭ ئىسمىڭىز يېزىلغان قەبرە تېپىلىپ قالىدىغاندەكلا ئۇ ياق بۇياققا قاراپ تىمىسقىلاپ كېتىمەن. ناتونۇش قەبرە تېشى ئالدىدا توختاپ دۇئا قىلغىنىمنى كۆرەمسىز ئاپا؟ مېنىڭ ئوغلۇم، چىرىغىم نەدە دەپ سورىغانسىزمۇ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇنقى شۇ دەملەردە ، جاھاننىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمەي يىغلامسىراپلا ئۆتۈپ كەتكەن قەلبى كاۋاپ ناتىۋان ئاپام . چوڭ بولغاندا دوختۇر بولۇڭ بالام، دوختۇرلۇق سىزگە خويمۇ يارىشىدۇ دەيتتىڭىز ئاپا. ئەمما بولالمىدىم، تېخىچە تۇتسا سېپى يوق، تارتسا يىپى يوق ، ماڭسا ئىزى يوق ، نام- نىشانسىز مەخلۇق سىياقىدا جان ساقلاۋاتىمەن. ئۆزۈمنى خۇمپەردەك ھىس قىلىمەن ئاپا. سىز ماڭا ئەڭ مۇھتاج ۋاقىتتا يېنىڭىزدا بولالمىدىم. بىر پىيالە ئىسسىق چاي سۇنالمىدىمغۇ ئاپا سىزگە. كىچىكىمدىن بىر ئۇلۇغۋار ئارزۇيۇم بار ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ ، خىزمىتىڭىزنى قىلىش ئارقىلىق سىزگە ئوغۇللۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئىدى. پاھ، ئۇ ئارزۇلار قاياقلاردا قالدى ھە ئاپا، سىزنى بىرەر قېتىم ھاپاش ئېتىپ كۆتۈرەلمىدىغۇ كۆيۈمسىز ئوغلىڭىز. بىلەمسىز ئاپا، دائىم كىچىك ۋاقتىمدىكى شۇ ئۆيىمىزنى ، مېنى باغچىلارغا ئاپارغانلىرىڭىزنى ، مېنى پەپىلەپ ئەركىلەتكەنلىرىڭىزنى چۈشەيمەن. مېھرىڭىزدىن مەھرۇم قالغان 5 يېشىمدىن تاكى قۇرامىمغا يەتكۈچە كۆزۈمدىن ياش قۇرىمىغانىدى ئاپا، يىغلىمىغان كۈنۈم بەك ئاز ئىدى. كاج تەرسا دادام بىزنى كۆرۈشتۈرمەيتتى . ناگان ناگاندا كېلىپ مېنى كۆرۈپ ، خىراجىتىمنى بېرىپ كېتەتتىڭىز ، بىر بىرىمىزگە ئېسىلىشىپ يىغلىشىپ كېتەتتۇق جېنىم ئاپا. باشلانغۇچنىڭ 3.يىللىقىدىكى ۋاقتىم ، بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ قىيغىتىپ چېپىپ كېتىۋاتاتتىم، ئۇشتۇمتۇت ئالدىمدىن چىقىپ كەلدىڭىز ۋە ئوغلۇم دەپ ماڭا قاراپ ئوقتەك ئېتىلدىڭىز. مەن ھەيكەلتىراشتەك تاڭ قېتىپ تۇرغانىدىم نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي. ئۇ كۈنى قار-يامغۇر كەبى يىغلىدىڭىز ئاپا ، چۈنكى نەچچە يىل كۆرۈشمىگەنلىكتىن شۇ ئەسنادا سىزنى تونۇيالمىغانىدىم. دادام سىزنى تامامەن ئۇنتۇلدۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئۇ چاغدا مەكتەپتە ئاللىبۇرۇن يېتىم ئوغلاق دېگەن لەقەمگىمۇ كۆنۈپ قالغانىدىم. ئالدىڭىزدا بەك خىجىلمەن ئاپا. مېنىڭ بالىلىقىم پەقەت سىز بىلەنلا مەنا تاپقانىكەن ئاپا، بالىلىق كارتىنام ئاشۇ 5 ياشلىق ئەسلىمىلىرىمدىلا قېتىپ قالدى. كېيىنچە پات- پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولدۇق ئاپا، ئەمما بىر ئۆيدە ياشىمىغاچقىمىكىن ئەيتاۋۇر ، بىر بىرىمىزگە تازا بەك ئۆزلىشىپ كېتەلمىگەنىدۇق. ئاپا دېيىشكە باشتا تىلىم كەلمەيتتى كېيىنچە ئاستا ئاستا كۆنگەنىدىم ئاپا دېگەن سۆزلۈككە. 10 يىل كۆرمىگەن نەۋرە تۇققانلىرىمنىڭ ئىسمىنى بىلمەيتتىم ھەتتا.
پەقەت مېنى كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈنلا تالاي جاپالارنى چېكىپ ،تۇققانلىرىڭىز يۇرتقا چاقىرسىمۇ ئۇنىماي، ئۈرۈمچىدە قالغانىدىڭىز ئاپا. ھەش-پەش دېگۈچە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ، مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كەتتىم ، پات- پات تېلېفونلىشىپ تۇراتتۇق. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي غايەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چەتئەلگە يول ئالدىم. 2015.يىلى ۋەتەنگە قايتقىنىمدا دادامنىڭ قارشى تۇرغىنىغا قارىماي، سىزنى يوقلاپ ئاقسۇغا باردىم ئاپا. ناھايىتى ئۇنتۇلغۇسىز ئۇچرىشىش بولغانىدى مەن ئۈچۈن . ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سىرداشتۇق، دەرتلەشتۇق. ساياھەت قىلدۇق، ئۇرۇق-تۇققانلارنى بىرگە زىيارەت قىلدۇق. نەۋرە ئاكامنىڭ تويىدا سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتقان چېغىمدا ھاڭ-تاڭ قالغانىدىڭىز ھە ئاپا. تويدا بىرلىكتە رەسىملەرگە چۈشتۇق ، ناھايىتى خوشال ئىدۇق ئىككىلىمىز. خوشلاشقان كۈنى يىغلىشىپ ئايرىلالماي قالغانىدۇق خۇددى ئاخىرقى كۆرۈشىشىمىز بولارىنى بىلگەندەكلا. ئىچىم نېمىگە ئۆرتىنىدۇ، بىلەمسىز ئاپا؟ بىرەر قېتىم ئاپا، ئاپا …..، مەن سىزنى سۆيىمەن دېيەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆرتىنىمەن. قانداق جان ئۈزۈپ كەتكىنىڭىزنى بىلمەيمەن ئاپا. قانداق دەپنە قىلىنغىنىڭىزنى، قەبرىڭىزنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيمەن ئاپا. ئاق بەلباغنى باغلاپ ،ئاق سەللىنى يۆگەپ سەپنىڭ ئالدىدا ،جىنازىڭىزنى مۆرىدەپ كۆتۈرۈپ ماڭالمىدىمغۇ ، قەبرىڭىزگە بىرەر كەتمەن توپا تاشلىيالمىدىمغۇ جېنىم ئاپا. ھەي…. جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەسكەن تاتلىق ئاپام. ئەمما مەن يارىماس ئەمەس ئاپا، مەن دېگەن سىزنىڭ ئوغلىڭىز، مەن ھەرگىز خۇمپەر ، نائەھلى ئەمەسمەن. شۇ قەدەر تېتىك چاققان، تېمەن ساغلام ئايال ئىدىڭىز. قانداق بولۇپ؟ ۋاپاتىڭىز بەكلا ۋاقىتسىز بولدى سۆيۈملۈك ئاپا. مەيلى ئۆز ئەجىلىڭىز بىلەن تۈگىگەن بولۇڭ ، مەيلى خىتاينىڭ قانخور سۈيقەستى بىلەن جان ئۈزگەن بولۇڭ، سىزنىڭ بىمەھەل ۋاپات بولۇشىڭىزدا، ھاياتىڭىزنىڭ 50.يىلىغا قەدەم قويالماستىن كېتىپ قېلىشىڭىزدا، ئاخىرقى قېتىم يۈزىڭىزنى كۆرەلمەسلىكىمدە، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالالماسلىقىمدا ئەڭ چوڭ جاۋاپكار : رەھىمسىز ، ئىبلىس، قاتىل خىتاي. سىزنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىڭىزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ئىتىبارەن زالىم خىتايغا قارشى يادرو بومبىغا ئايلاندىم. قاتىل تېرورچى خىتايغا قارشى يەنە بىر تەلۋە كۈشەندە دۇنياغا كەلدى . جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن، قان-قىساسىڭىزنى ئالماي قويمايمەن ئاپا. سىزگە ئوخشاش مىليونلىغان ئانىلىرىمنىڭ ، مەندەك ئاتا-ئانىسىدىن ، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن، دوست بۇرادەرلىرىدىن ، ھاياتىدىكى جىمى قەدىر- قىممەتلەردىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەنتىنى ئېلىش يولىدا ئىنشائاللاھ ئاداققىچە بوشاشماي كۆرەش قىلىمەن . ئاپا ماڭا ئىشىنىڭ ، خىتاينىڭ يۇمۇق كۆزىگە قۇلۇمنى تىقىپ تۇرۇپ ، ئېي نومۇسسىز خىتاي ، ئېي قاتىل خىتاي، سەن دېگەن بىر ئىبلىس خىتاي ، ئالۋاستى توڭگۇز خىتاي دەپ ھېساپ سورايدىغان ، خۇن تۆلىتىدىغان، ئىنتىقام ئالىدىغان جۈرئەت، يۈرەك مەندە بار ئاپا. مەن بىر قېتىم ئۆلۈپ بولدۇم ئاپا ، ئەمدى مەندە بارى مىللەتنىڭ جېنى. قورقىمەن ئاپا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتايغا بولغان غەزەپ- نەپرىتىمنىڭ بوشاپ قېلىشىدىن قورقىمەن. قەلبىمنىڭ يارىسىغا نە ئات بېشىدەك ئالتۇن، نە مال -دۇنيا، نە ئەمەل- مەنسەپ ئار تۇرالمايدۇ ئاپا. پەقەت ئىنتىقاملا قەلبىمنى ئاۋۇندۇرالايدۇ. مەن چوقۇم ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى، تىلسىزلارنىڭ تىلى، بارچە مەزلۇم ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ خەلقىمىزنىڭ ئۈنسىز نىدالىرىنى دۇنياغا جاكارلايمەن جېنىم ئاپا. رەھىملىك، شەپقەتلىك ۋە ئەپۇچان ئاللاھتىن سىزگە مەغپىرەت ،رەھمەت تىلەيمەن. ئاللاھ سىزگە جەننەتتىن ئورۇن بەرگەي ، پەرىشتىلەرنى ھەمراھ قىلىپ بەرگەي، مەندىن رازى بولۇڭ باغرىم ئاپام.
دادا، سىزگىمۇ ئىككى ئېغىز سۆزۈم بار. مەن يولۇمنى بەلگىلەپ بولدۇم دادا. ئەمدى مېنى توسماڭ. تېنىمگە سىڭگەن ناننى يەپ غەمسىز يۈرەلمەيمەن. ھېلىمۇ ئۇزۇن سۈكۈت قىلدىم ،ئەمدى يېتەر . ۋىجدان سوتۇم تەرىپىدىن تۇزكور ئاتىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن. خىتاي سىزىپ بەرگەن يولدا ئەمەس، ئاللاھ ئەمىر قىلغان يولدا كېتىۋاتىمەن. ھىچقاچان سىزنى يەرگە قارىتىدىغان ، ۋىجدانىمغا مۇخالىپ كېلىدىغان ئىش قىلمىدىم ھەم قىلمايمەن دادا. سىز تەربىيە قىلغاندەك ، سىز كۈتكەندەك ،مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ، سىز ئارزۇلىغاندەك ۋەتەن ئۈچۈن جان بېرىدىغان ئادەم بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. سىز ماڭا ئوقۇتقان ئىز ، ئويغانغان زېمىن، ئىزدىنىش، چالا تەككەن ئوق، ئانا يۇرت قاتارلىق نادىر كىتاپلارنىڭ تۈرتكىسىدە مۇشۇنداق يېتىلدىم. پەقەت ۋەتەن- خەلقىم ئازات بولسۇن ، جۇلدۇر كېپەنلىك يالاڭ ئاياق تىلەمچى بولۇپ كەتسەم مەن رازى . غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ، ۋاقىتلىق راھەتكە ئېرىشىشنى ھەرگىز خالىمايمەن دادا.
ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي
2020.يىلى 25.ئاپرىل