گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى رۇسىيە بىلەن خىتايدىن ئاگاھلاندۇردى

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى رۇسىيە بىلەن خىتايدىن ئاگاھلاندۇردى

ئابدۇرەھىمجان
2021- يىلى 7- مارت (يەكشەنبە)

 

ئىچكى ھۆججەتتە «Welt am Sonntag» (يەكشەنبىدىكى دۇنيا ئاخباراتى( نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، گېرمانىيە فېدېراتىسيىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى: خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش ئىشتىھاسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەھدىدتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. پىلانغا قارىغاندا خىتاينىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇش» تىن ئىبارەتتۇر. رۇسىيە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە ئاجىزلىشىشىنى تاشقى ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى» قىلىۋاتىدۇ.

 

خىتاي «قورال سېتىش ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەرشارى خاراكتېلىك تەسىرى جەھەتتە رۇسىيەدىن ئېشىپ كەتتى.»

 

بۇ دوكلاتنى گېرمانىيە فېدېرال ئارمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرى تەييارلىغان. ھازىر خىتاينىڭ ئىككى مىليون ئەسكىرى بار بولۇپ، 6850 ئەتراپىدا ئۇرۇش تانكىسى ۋە 1600 كۈرەشچى ئايروپىلانى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا يوشۇرۇن كۈچى» گە ئىگە.

 

مەنبە: http://ntv.de

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

8- مارت خانىم - قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

دۈ مارت 8 , 2021
8- مارت خانىم - قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like