يېڭى ھەمكارلىق: ختتاي 300 مىلىيون ياۋرو مەبلەغ سلىپ تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ختتاي ئەركىن ئېقتسادى رايونى قۇرىدۇ.

يېڭى ھەمكارلىق: ختتاي 300 مىلىيون ياۋرو مەبلەغ سلىپ تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ختتاي ئەركىن ئېقتسادى رايونى قۇرىدۇ.

 يېڭى ھەمكارلىق: خىتاي 300 مىليون ياۋرو مەبلەغ سېلىپ تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ خىتاي ئەركىن ئىقتىسادى رايونى قۇرىدۇ

مۇكەررەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 29-ئاپرېل

بىرىنچى پوچتا خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ مالتەپە شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ يىچاڭ شەھىرى ھەمكارلىقىدا، تۈركىيەدە خىتاي ئەركىن ئىقتىسادى رايون قۇرۇلىدۇ.

مالتەپە شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئەلى قىلىچ مۇنداق دېگەن: « يىللاردىن بىرى تۈركىيە خىتايلارنىڭ ئىقتىسادى ئىلگىرىلەشلەرگە ئەگىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز يېقىندا خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلدۇق. ئەركىن ئىقتىسادى رايونى تۈرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇ يەردە بىز ئىككى دۆلەت مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا ساتىدىغان چوڭ سودا رايونى قۇرىمىز،بۇ تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سودا رايونى بولۇپ قالغۇسى.

يىچاڭ شەھەر باشلىقى مازىڭچاڭ مۇنداق دېگەن: « بىزنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن شىركەتلىرىمىز بار، شەھىرىمىزدىمۇ ئەركىن سودا رايونى بار، بۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز.»

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

بىلدۈرگۈ: «كانادا كۆچمەنلىك پىروگراممىسى ئۇچۇر سەھىپىسى» قۇرۇلدى.

يە ئاپرېل 30 , 2023
بىلدۈرگۈ: «كانادا كۆچمەنلىك پىروگراممىسى ئۇچۇر سەھىپىسى» قۇرۇلدى.

You May Like