فىنلاندىيە رەسمىي ھالدا ناتوغا ئەزا بولۇپ كىردى

فىنلاندىيە رەسمىي ھالدا ناتوغا ئەزا بولۇپ كىردى

 فىنلاندىيە رەسمىي ھالدا ناتوغا ئەزا بولۇپ كىردى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 4-ئاپرېل

«فىرانسىيە ئاگېنتلىقى» 4-ئاپرېل خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن 1300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا چېگرىلىنىدىغان شىمالىي ياۋروپا دۆلىتى فىنلاندىيە 4-ئاپرېل، يەنى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» قۇرۇلغان (1949-يىلى 4-ئاپرېل) خاتىرە كۈنىدە رەسمىي تۈردە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىردى، ئەزا دۆلەتنىڭ سانى 31غا كۆپەيدى.

«شىمالى ئاتلانتىك تەشكىلاتى» باش كاتىپى  يەنس ستولتېنبېرگ فىنلاندىيەنى قارشى ئېلىپ مۇنداق دېدى: «فىنلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى، چۈنكى ناتو پۈتۈن دۇنيادىكى 50 پىرسەنت ھەربىي كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز بىر سەپتە مۇستەھكەم تۇرغىنىمىزدا، ئەزا دۆلەتلەرگە ھېچكىم ھۇجۇم قوزغىيالمايدۇ». دەرۋەقە ناتو بەلگىلىمىسىنىڭ 5- ماددىسىغا ئاساسلانغاندا بىر ئەزا دۆلەت ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىق، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا باراۋەر دەپ بەلگىلەنگەن.

كرېمېل سارىيى سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرگەنلىكىگە قارىتا «قارشى تەدبىر» ئېلىپ بارىمىز دېگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى باياناتچىسى دىمىتىرى پىسكوف مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: « ناتونىڭ كېڭىيىشى دۆلىتىمىز بىخ بىخەتەرلىكىگە شۇنداقلا مەنپەئەتىگە تەھدىت، بۇ ھال نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىدۇ. بۇ بىزنى قارشى تەدبىر ئېلىشىمىزغا مەجبۇرلايدۇ…». ئۇ سۆزىدە تىلغا ئالغان «قارشى تەدبىر» توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروڭ زور كۆلەمدىكى سودا ئۆمىكىنى يېتەكلەپ خىتايغا قاراپ ئۇچتى

سە ئاپرېل 4 , 2023
فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروڭ زور كۆلەمدىكى سودا ئۆمىكىنى يېتەكلەپ خىتايغا قاراپ ئۇچتى

You May Like