تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2023- يىلى 7-يانۋار
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋزۇچىلىقى بىر يىلغا يېقىنلاشقان مەزگىلىدە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا يېڭەلمەيلا قالماستىن، ئالدىنقى سەپتە ئېغىر تالاپەتلەرگە ئۇچرىماقتا.
يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قاراتقان قايتارما زەربىدە ،بىراقلا 400 رۇس ئەسكىرىنى يوقاتقان بولۇپ، بۇ رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش روھىنى ئۆلتۈرۈپ، رۇسىيەدە ھۆكۈمكە، ئارمىيەگە ۋە پۇتىنغا بولغان نارازىلىقنى قوزغىغان.
ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن ئۇكرائىناغا زور كۆلەمدە قورال ياردىمى بېرىشنى باشلىدى. ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، گېرمانىيە كۈچلۈك تانكا، فرانسىيە برونېۋىكلارنى توشۇشنى باشلىدى.
ئون مىڭلىغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى ناتونىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەربىيىلىنىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرى زور ساندا ئۆلۈۋاتقان، ئۇرۇش يېشىدىكى پۇقرالار رۇسىيەدىن قېچىپ كېتىۋاتقان قوشۇن بىلەن سلىشتۇرغاندا، ئۇكرائىنا ئالدىنقى سەپ ۋە قورال تەمىناتىدا زور ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.