2022-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئون بىر خەۋەر ۋە ۋەقە-ھادىسلەر
مۇھىم خەۋەرلەرنى تاللاش ئۆلچىمىمىز مەزكۇر خەۋەر ئاستىدا بىرىلدى:
تەييارلىغۇچى: ئادىلجان،ئايگۇزەل،ئەنۋەرجان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
1. 20- يانۋار فىرانسىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر نامى تەكرار تەكرار تىلغا ئېلىندى. خىتاينىڭ جىنايەتلىرى قايتا-قايتا پاش قىلىندى. پەقەت بىرلا ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 169 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلىندى.
2.2-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا باشچىلىق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ بايقۇت قىلىشى ۋە ئەيىپلىشگە قارىماستىن، ختتاي بېيجىڭدا 2022-يىللىق قشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى ئۆتكۈزدى.بۇ تەنھەرىكەت يېغىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق تەنھەرىكەت يېغىنى دەپ ھسابلاندى.
3- 2022-يىلى 24-ماي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرىغا مۇناسىۋەتلىك«شىنجاڭ ساقچى ئارخىپى» نامىدىكى سۈرەتلىك ھۆججەت ئاشكارىلانغان. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، «ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» 15-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە مەزكۇر ناھىيەدىكى ھەر 25 كىشىنىڭ بىرى ئاتالمىش «تېررورلۇق» نامىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئاخباراتتا دېيىلىشىچە، بۇ ھازىرغا قەدەر دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتىكى تۇتقۇن قىلىنىش رېكورتىنى ياراتقان.
4. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلېت 28-ماي كۈنى شەرقى تۈركىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ توردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن «سەمىمىي» ھالدا خىتاي رېجىمنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
5. 2022-يىلى21-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان نۇرى تۈركەل ئەپەندىم «ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى» (USCIRF) نىڭ 2022-2023 -يىللىق باش رەئىسى بولۇپ سايلاندى.شۇنداقلا ختتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان تۇنجى ئۇيغۇر ئامېرىكا ئەمەلدار بولۇپ قالدى.
6. 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست: ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى ناھايىتى ئۇزۇن كۈتۈلگەن دوكلات ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت توشۇشقا ئون مىنۇت قالغاندا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭدا »تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بارغان جىنايەتلىرى سانالغان. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلەرنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە ئەڭ كۈچلۈك ھۈججەت ھسابلىنىدۇ.
7. خىتاينىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنى ئاچ قويۇپ يوقۇتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە غۇلجىدا جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇرىستان دىيارىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈم خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىدى. ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ئاچلىق ئىلان قىلىش نامايشى ئىلىپ باردى.
8. 6-ئۆكتەبىر جەنۋەدە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكتە ئىمزالىشى بىلەن سۇنۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇققا دائىر تەكلىپ قارار لايىھىسى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتنىڭ ئاۋاز قويۇشىغا سۇنۇلغان. نەتىجىدە: 17دۆلەتنىڭ قوشۇلۇشى، 19 دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 11 دۆلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن قارارنامە تەستىقتىن ئۆتمىگەن..تاھىر ئىمىننىڭ بۇ ھەقتە ئۆز بەكستان ۋاشنگىتون ئەلچىخانىسى ئالدىدا سۆزلىگەن نۇتۇق بارلىق سۇپىلاردا 200 مىڭ قېتمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ، كۈچلۈك تەسر قوزغىدى ۋە ئۆزبەكستان ھۆكۈمىتى ئارقىدىن بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەخسۇس خىراجەت ئاجراتقانلىقىنى ئىلان قىلدى.
9. 25-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى كانادا پارلامېنتىدا بېلەت تاشلىنىپ خىتاي رېجىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە پاناھلىق بېرىش توغرىسىدىكى قارارنامە 258 بېلەتنىڭ قوللىشى ۋە 0 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تەستىقلاندى.
10-ئۇيغۇر قاتىلى شى جىن پىڭ ئۆكتەبىردە ئېچىلغان كومپارتىيە 20-قۇرۇلتىيدا ئۈچىنچى قېتىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇردى،مۇتەخەسسلەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشدىغانلىقىغا سەۋەب بولىدۇ دەپ پەرەز قىلدى.
11. 24-نويابىر ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان «بەخت-سائادەت گۈللۈكى» ئولتۇراق بىناسىغا ئوت كېتىپ كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 44 ئۇيغۇر قازا قىلدى. بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا خىتاي دائىرىلىرى يۈرگۈزىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە قاماپ قويۇپ جازالاش سىياسىتى بىۋاستە سەۋەب بولدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا جۈملىدىن چەتئەللەردىكى خىتايلار ئارىسىدىمۇ دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «نۆل كوۋىد» سىياسىتىگە قارشى بىر يۈرۈش نامايش پارتلىدى. نەتىجىدە خىتاي دائىرىلىرى ئامالسىزلىقتىن «نۆل كوۋىد» سىياسىتىنى يۇمشۇتۇشقا مەجبۇر بولدى.
ۋەقە ھادىسلەرنى تاللاش شەرتلىرى: 1-ۋەقە-ھادسە 2022-يىلى يۈز بەرگەن بولۇشى كىرەك.2-ۋەقە-ھادىسە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى، تەقدىرى، ھاياتى ، ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىدار بولۇشى كىرەك.3-ۋەقە-ھادىسە ئىجابى بولسۇن ياكى سەلبى بولسۇن،چوقۇم تەسرى ئومۇمى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بولۇشى كىرەك.4-مەلۇم تەشكىلات ياكى ئورگانغا بىقىنلمايدۇ ياكى چەتكە قاقمايدۇ.5-تاللىنىدىغان ئومۇمى ۋەقە-ھادىسلەر: ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەلقئارالىق ھادىسلەر،ئامېرىكا-ياۋروپا،ئسلام دۇنياسى، تۈركىيە،ئوتتۇرا ئاسيادا ئۇيغۇرلارغا ئائىت يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر.ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىلىپ بارغان سياسەت ياكىن ھەرىكەتلىرى ئىچىدە بۇ يىل يۇز بەرگەن تەسرى ئالاھىدە بولغانلىرى ،ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ھەرىكەتلىرى ئىچىدە كۆرىنەرلىك بولغانلىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېقتساد، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ساھەسدە كۆزگە كۆرىنەرلىك بولغانلىرى…ۋەتەن، چەتئەل ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئىجابى ئىلگىرلەشلەر….6-مەزكۇر ۋەقە-ھادىسە -شۇ ۋەقەگە ئالاقىدار جەمىيەت (ئۇيغۇرلار ئارىسدا ۋە خەلقئارا دا) تاراتقۇ ئارقىلىق تەسر قوزغىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بىرىلگەن بولۇشى كىرەك.