ئامېرىكا CNN تورى خەۋىرى : خىتاي دۇنيا مىقياسىدا يۈزدىن ئارتۇق ساقچى پونكىتنى قۇرغان

ئامېرىكا CNN تورى خەۋىرى : خىتاي دۇنيا مىقياسىدا يۈزدىن ئارتۇق ساقچى پونكىتنى قۇرغان

 ئامېرىكا CNN تورى خەۋىرى : خىتاي دۇنيا مىقياسىدا يۈزدىن ئارتۇق ساقچى پونكىتنى قۇرغان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-دېكابىر

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە تورى (CNN) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يۈزدىن ئارتۇق ساقچى پونكىتى قۇرغان بولۇپ، ئاساسلىقى چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى شەخسلەرنى كۆزىتىش، ئۇلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش، ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇشتەك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن.

«فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى» تورى، ئىسپانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچىلار»(Safeguard Defenders) نىڭ سېنتەبىردە ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى 54 ئورۇندا مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرغانلىقى مەلۇم بولغان، نۆۋەتتە يېڭىدىن يەنە 48 ئورۇندا ساقچى پونكىتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاشكارىلاندى…خىتاينىڭ مەخپىي جاسۇسلىرى يېقىندا پارىژ شەھىرى ئەتراپىدا مەلۇم بىر كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇشقا ئۇرۇنغان، ئىلگىرى ئۇلار سېربىيە ۋە ئىسپانىيەدىن ئىككى كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن…»

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاينىڭ ساقچى پونكىتى يېقىندا مەلۇم بىر كىشىگە خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدا تەھدىت سالغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس تەربىيەلەنگەن جاسۇس خادىملىرىنى ئىشقا سېلىپ بۇ تۈردىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىكەن. خەۋەردە يەنە ئىلگىرى ياۋروپادىكى سېربىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىدەك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر تارالغاندىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، سىياسەتچى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتقان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باياناتچىسى نەد پرېس (Ned Price) بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن:« مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردىن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەللەرگە قەدەر پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنى كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىپ تەھدىتلەرنى سېلىۋاتىدۇ…ئامېرىكا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان  بۇ تۈردىكى تەھدىتلىرىگە داۋاملىق تۈردە دىققەت قىلىدۇ…»

3-دېكابىر پارىژدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باش تېما قىلىنغان نامايىشقا قاتناشقان ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائېل گلۇكىسمەن قىلغان نۇتقىدىمۇ بۇ ھەقتە توختالغان، شۇنداقلا فىرانسىيە خەلقىنىڭ قەتئىي تۈردە بۇ قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشىنى ھەمدە ھوشيار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر ئاۋازى خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالىدا

پە دېكابىر 8 , 2022
ئۇيغۇر ئاۋازى خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالىدا

You May Like