ياپونىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى

ياپونىيە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24-دېكابىر

ياپونىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ھىروكازۇ ماتسۇنو 24-دېكابىر كۈنى بايانات بېرىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە ھېچقانداق ئەمەلدار ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ سۆزىدە «بايقۇت» كەلىمىسىنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ ئەمما ياپونىيەنىڭ خەلقئارا ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى يەنى ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننى ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ خىتايدىمۇ ھۆرمەتلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەييارلىق كومىتېتى رەئىسى سېيكو ھاشىموتو شۇنداقلا ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى ياسۇخىرو ياماشىتا قاتارلىقلارنىڭ بېيجىڭغا بارىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. 

ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، لىتۋانىيە، يېڭى زېلاندىيە، كوسوۋو ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بېيجىڭ ئولىمپىكىگە ئەمەلدار ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېخىچە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. جەنۇبى كورېيە ئالدىنقى ھەپتە ئىپادە بىلدۈرۈپ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر تېكىن تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى ئىمزالانغاندىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

جۈ دېكابىر 24 , 2021
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىمزالانغاندىن كېيىنكى خىتاينىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟»

You May Like