ئوبزور: بىر دېموكراتىك دۆلەت لېدىرىنىڭ قىرغىنچىلىق پىلانلىغۇچى جاللات بىلەن كۈلۈمسىرەپ قول سىقىشىشىنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
ئۇيغۇرىئان
14-نويابىر كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىدا، ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئۈچ سائەت سۆزلەشكەن. يېغىنىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنمىغانلىقى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنىپ ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنى ئەپسۇسلاندۇردى.
بايدىن ئامېرىكا تارىخىدا ئۇيغۇر مىللىتى نامىنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان، ئەڭ كۆپ ئاۋاز چىقارغان، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىمزالىغان ۋە ئىجرا قىلغان، 30 دىن ئارتۇق يېڭى دۆلەتنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش سېپىگە باشلاپ كىرگەن بىر كۈچلۈك سىياسىيون. ئەمما بايدىننىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن قىلغان بىر جاللاتنىڭ قولىنى مەمنۇنىيەت بىلەن سىققاندا، بۇ دۇنياغا ھەرگىز ئىجابىي ئۇچۇر بەرمەيدۇ.شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەيدۈرىدۇ. خىتايغا قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە خاتا ئۇچۇر بېرىدۇ.
ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت.
ئامېرىكا ۋە دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئامېرىكا ۋە بىر نەچچە ئىتتىپاقداشلىرى ھەل قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدا بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھەمىشە خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشتىن ساقلاشقا موھتاج. يۇقىرى دەرىجىلىكلەر دىئالوگىنى ساقلاش ئامېرىكا ۋە خىتاي داۋاملىق ئەھمىيەت بەرگەن ئورتاق تېمىدۇر.
نۆۋەتتە ئامېرىكا خىتاي بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كونترول قىلىش، رۇسىيەنىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىشنى چەكلەشكە تەشەببۇس قىلىش، شىمالى كورېيەگە بېسىم چۈشۈرۈش، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش، پاندەمىك مەسىلىلىرىنى ئورتاق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە خىتاي بىلەن دىئالوگ ۋە ھەمكارلىق داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئالدىدىكى مۇھىم ئاجىزلىقلىرىدىن بىرى شۇكى، تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسى بولۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرى قاتمۇقات خىتاي مەھسۇلاتلىرى قاينىمىغا پاتقان. ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا ھەمكارلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكا بازىرىغا مۇھتاجلىقىدىن بەكرەك، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان موھتاجلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ ۋىرۇس قامالى ئاستىدا ئالما شىركىتى قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلات مەنبەسى ئۈزۈلۈپ ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا زور بېسىم ئىلىپ كەلدى. بۇنداق مىساللار كۆپ بولۇپ، تەشەككۈر بايرىمى ۋە رودژستۇۋا بايرىمىغا بۇيرۇتۇلغان ماللارنىڭ ۋاقتىدا كەلمەسلىكىمۇ ئامېرىكىدا مەملىكەت خاراكتېرلىك جىددىي مەسىلە.
بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا خىتاي بىلەن سۆھبەتكە موھتاج.
ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىقى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجىزلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، 300 مىليون ئامېرىكىلىقنىڭ ئەرزان مەھسۇلاتقا كۆنۈپ قىلىشى، مىڭلىغان چوڭ كارخانىلارنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىغا بېقىنىشى بىرەر پرېزىدېنت پات پۇرسەتتە ھەل قىلالايدىغان مەسىلە بولمىغانلىقى ئۈچۈن 2011-يىلدىن بىرى خىتايغا بېقىنماسلىق تېمىسى ئىككى پارتىيەنىڭ پرېزىدېنتلىق سايلىمىدىكى مۇھىم ھەل قىلىش شوئارى بولۇپ كەلدى.
ئەمما بايدىن خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن قىلغان بىر جاللاتنىڭ قولىنى مەمنۇنىيەت بىلەن سىققاندا بۇ دۇنياغا ھەرگىز ئىجابىي ئۇچۇر بەرمەيدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەيدۇ.
مۇھىمى شۇكى، خىتايغا قاتتىق بېسىم چۈشۈرۈش ئورنىغا ئۇنىڭغا يول قويۇش ۋە يارىشىپ قىلىش سىگنالى ئەۋەتىش، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە كۈچىدىكى ئاجىزلىق دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. خىتاينىڭ ئامېرىكا ئالدىدىكى ئاجىزلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئالدىدىكى ئاجىزلىقىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك. ئامېرىكا ۋە دىپلوماتلىرى ئۆزىگە ياراشقان كۈچلۈك ئوبراز ۋە كەسكىن پوزىتسىيە بىلەن ئامېرىكا مەنپەئەتى ۋە ئىنسانىيەت ئەركىنلىكى بەخت سائادىتى ئۈچۈن مۇستەھكەم تۇرمىقى لازىمدۇر.
14-نويابىر