9- قېتىملىق خانىم-قىزلار ئىلىم چېيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

9- قېتىملىق خانىم-قىزلار ئىلىم چېيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

 9- قېتىملىق خانىم-قىزلار ئىلىم چېيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى 

ئامىنە ۋايىت سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 2-فېۋرال

1- ئاينىڭ 29-كۈنى ئىستانبۇل سافا كۆيگە جايلاشقان ساماۋار چايخانىسىدا ئىلىم چېيى گۇرۇپپىسىنىڭ قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىلىم چېيى پائالىيىتىنىڭ 9-قېتىملىقى ئىلگىرىكىدەكلا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت دوكتور ئەركىن سىدىق،  پروفېسسور، دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ۋە ئاۋسترالىيەدىكى شائىرە ئايگۈل ئالىم تامچە قاتارلىقلارنىڭ ئەۋەتكەن تەبرىك سۆزلىرى بىلەن باشلىنىپ ئەدەبىيات، سىياسەت، تارىخ، دىن ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە چىقىرىلغان تېمىلاردا  خانىملارنىڭ ئۆزلىرى يازغان  سەرخىل ماقالىلەر  ئۇقۇلدى ۋە مۇھاكىمە، مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى. 

خانىملارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش سوئاللىرى قاتناشقۇچىلارغا ئىلگىرى ئوقۇغان،  ئۆگەنگەنلىرىنى ئەسلىتىش بىلەن بىللە يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولدى. 
ئىلىم چېيى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر زىيالىي خانىملاردىن تەشكىل تاپقان، ھېچبىر تەشكىلات ياكى دەرنەككە باغلىق بولمىغان ئەنجۈمەن بولۇپ ، قۇرۇلغان بىر يېرىم يىل مابەينىدە 9 قېتىم  چوڭ تىپتىكى، ئاكادېمىك سەۋىيەدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ، ھەر قايسى ساھەدىكى ئۇستازلارنىڭ كەسپىي دائىرىسىدە 7 قېتىم تور لېكسىيەسى ۋە 3 قېتىم نەق مەيدان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ ،  مۇھاجىرەتتە ئاقارتىش ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك  خىزمەت قىلىۋاتقان، كۈچلۈك ئاياللار قوشۇنى شەكىللەندۈردى.

بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيىدا ماقالە ئوقۇغان خانىملارغا ئۇيغۇر پىروجەكىت فوندى تەرىپىدىن« ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق ئېسىل كىتابلار مۇكاپات قىلىپ بېرىلدى.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ختتايغا يېرىم بېقىنىدىغان ئۆزبەكستان-قىزغىزستان ستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتتى

پە فېۋرال 2 , 2023
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ مەنبەلەردىن تەكشۈرىشچە، شۇ جاي ۋاقتى 27-يانۋار قىرغىزىستان پىرەزدىنتى جاپاروۋ زىيارەتكە كەلگەن ئۆزبېكىستان پىرەزدىنتى مىرزىيايېۋ بىلەن بېشكەكتە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى خىتابنامىنى ئىمزالىدى.

You May Like