ئىستانبۇلدىن باشلانغان 8- مارتتىكى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدىن باشلانغان 8- مارتتىكى مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر

 ئىستانبۇلدىن باشلانغان 8- مارتتىكى  مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى10-مارت

ئامىنە سەدەف

ھەر يىلى 8 مارت خانىم-قىزلار بايرىمى .‌ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ بايرامدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نېسىۋىسى يوق. ‌ئۇلار تېخى قۇللۇقتىن، ئازابتىن قۇتۇلمىدى.  ئاۋازى ئۆچۈرۈلگەن، ھايات ياشاشتىن ۋە ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن، 8-مارت كۈنى ئىستانبۇل سارى يەردىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار سۇپىسىنىڭ تەشكىللىشىدە « ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن دەس تۇر» نامىدا پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پائالىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە داڭلىق ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم ۋە بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان مەدىنە نازىمى خانىم باشچىلىقىدىكى لاگېر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار سۇپىسىدىكى ئاياللار تۈركچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا  ئاخبارات ئېلان قىلدى. پائالىيەتكە يەنە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ  ۋە يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئايال‌ ۋەكىللىرى  قاتناشتى. پائالىيەتتە «سائادەت پارتىيەسى» ئاياللار  بىرلىكىنىڭ  باشلىقى بەدىيە خانىم، «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» ئىستانبۇل ئاياللار بىرلىكىنىڭ باشلىقى ئويا ئالتۇن سوي خانىم ، «ئى پارتىيە» ئىستانبۇل تۈرك دۇنياسى رەئىس مەسلىھەتچىسى نۇرجاھان ھەسەن دەدە خانىم، «ئۆزگۈردەر» ئاياللار بىرلىكىنىڭ باشلىقى زەھرا خانىم قاتارلىقلار  ئايرىم -ئايرىم سۆز قىلدى. 

«ئى پارتىيە» نىڭ بۇ پائالىيەتنى ئاكتىپ قوللىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەرزۇرۇم، ئەنقەرە ، قەسىرىيە، كۇجا ئېلى، توكات ، گازان تەپە قاتارلىق 51 ۋىلايەت ۋە شەھەردە ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن سىرت كانادا ، ياپونىيە ، ئاۋسترالىيەدىكى بىر قىسىم  خانىملارمۇ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە « ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن دەس تۇر » پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. 

ئوخشاش بىر كۈندە يەنە تۈركىيەدىكى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئىنسان ھەق -ھوقۇقلىرى ياردەم دەرنىكى» گە تەۋە ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ قوللىشىدا «نۇزۇگۇم  ئائىلە ۋە كۈلتۈر» دەرنىكىمۇ « ماۋىي يۈرۈش » نامى بىلەن ئىستانبۇل فاتىھتا پائالىيەت ئېلىپ باردى. 8- مارت كەچتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەت فاتىھ جامىئەسىدىن باشلاندى. قوللىرىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئالغان ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئاياللار فاتىھ جامىئەسىدىن ساراچخانە باغچىسىغىچە شوئار توۋلاپ ماڭدى. ساراچخانە باغچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا «نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر» دەرنىكىنىڭ باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم ئاخبارات ئېلان قىلدى. ئارقىدىن  «سائادەت پارتىيەسى» ، «ھۇدا پارتىيەسى» ئاياللار بىرلىكى باشلىقلىرى سۆز قىلدى .  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇلدا يانغان ئىلىم مەشئىلى كونىياغا تۇتاشتى

پە مارت 10 , 2022
ئىستانبۇلدا يانغان ئىلىم مەشئىلى كونىياغا تۇتاشتى

You May Like