8-مارت پارىژدا چوڭ نامائىش ئۆتكۈزۈلدى

8-مارت پارىژدا چوڭ نامائىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پارىژ خەۋىرى

 

ئارمان

 

8-مارت فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئاياللارھەق ھوقۇقۇنى قوغداش كۈنىنى خاتىرىلەش چوڭ نامائىشى ئۆتكۈزۈلدى. ئىگەللىنىشچە مەزكۇر نامائىش ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ فرانسىيەدىكى تەسىر دائىرىسى چوڭ ۋە قاتناشقۇچىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان نامائىشلاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۈگۈنكى يارقىن نۇقتا شۇكى: ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى لەپىلدىتىپ بۇ نامائىشقا ئىشتىراك قىلىشى بولدى.

 

<<ڧرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى>> نىڭ رەئىسى ئالىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە: بۈگۈنكى نامائىش يەرلىك ئاياللار ھەق ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق ئورگاننىڭ ھەمكارلىقىدا ڧرانسىيەنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي قاتناشقۇچىسى 30 مىڭدىن ئاشقان ئىكەن. << ڧرانسىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىتتىپاقىUnion syndicale – Solidaires >> نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىمۇ بۈگۈنكى نامائىشقا ئىشتىراك قىلغان.

 

نامائىش شۇجاي ۋاقتى 12 بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىشىدىن كېيىنلا بىرىنچى سۆز قىلىش پۇرسىتىنى ئۇيغۇرلارغا بەردى. سۆزگە چىققان ئاينۇر خانىم قىسقا ھەم جانلىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇچراۋاتقان ئېچىنىشلىق تەقدىرى توغرىسىدا نامائىش ئەھلىگە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ڧرانسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر پاجىئەسىگە كۆز يۇمماسلىققا چاقىردى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن مەيداندا بىردەك <<بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە!>> دېگەن شوئارلار ياڭرىدى.

 

نامائىشقا لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىپھاجى خانىم ، گۈلباھار جەلىلوۋا خانىم، ۋە شۇنداقلا پارىژ ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن 50 كە يېقىن ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامائىش جەريانىدا ھەرقايسى ئاخپارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلدى. <<ڧرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى>> تەشكىلاتى باياناتچىسى مىرقەدىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە: يېقىندىن بۇيانقى ڧرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ بۈگۈنكىدەك چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەردىمۇ ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىش پۇرسەتلىرىنىڭ كۆپلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى بولسا، مۇشۇنداق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مەسلىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا ڧرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ << ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى>>نى ئېتراپ قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى.

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

شىۋىتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

سە مارت 9 , 2021
شىۋىتسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like