7- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېچېلىش كۈنى كەچتە ۋەكىللەر پراگا پارلامېنت سارىيىدا كۈتۈۋېلىندى

7- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېچېلىش كۈنى كەچتە ۋەكىللەر پراگا پارلامېنت سارىيىدا كۈتۈۋېلىندى

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 13- نويابىر

مۇراسىمدا پراگا شەھەر باشلىقىغا ھەدىيە بۇيۇمى سوغا قىلىندى .  

پراگا شەھەر باشلىقى زېدنىك ھېرىب ئەپەندىم  چېخ خەلقىنىڭمۇ دېكتاتورلۇقنىڭ نىمىلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ، بۈگۈنكىدەك بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىك ئازاتلىق كۈرىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شەھرىنىڭ ساھىپخانلىق

 قىلغانلىقىدىن شەرەپ تۇيۇدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى . مۇراسىمدا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى  مىللەت ۋەكىلى ،گەلەجەك پارتى تاشقى ئىشلار باشلىقى   سەلچۇق ئۆزداغ  سۆز قىلىپ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسانلىققا قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىدى . ۋە بىر كۈنى ھۆر شەرقى تۈركىستاننىڭ قورۇلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز ئىمكان بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياۋى كۈنتەرتىپكە ئەكەلگەنلىكىدىن غۇرۇر تۇيۇدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى . 

مىللى گۈرۈش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مۇرات ئىلەرى ئەپەندىم سۆز قىلىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ  سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىدىن نۇمۇس قىلىدىغانلىقىنى ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى . 

بۇداپېشت شەھەر باشلىقى گېلىنسىر فىرىنىس ئەپەندىم  ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققى ھوقۇقى ،ئەركىنلىكى ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھۆررىيىتى كاپالەتكە ئىگە بولغىچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە كۈرەش قىلىدقغانلىقى  ئېيتتى.

پارېژ شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ژېننېۋېپ گاررىگوس خانىم  لاگېر شاھىتلىرىغا  ھېسداشلق قىلىدىغانلىقىنى  ۋە ئۇلاردەك ئاياللار بىلەن  بىرگە پائالىيەت قىلغانلىقىدىن غۇرۇر تۇيۇدىغانلىقىنى ، بۈگۈنكى كۈندە لاگېرلاردا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال للىرى بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە تۇرۇدىغانلىقىنى ئپادىلەپ ئۆتتى . 

ئاخىرىدا لاگېر شاھىتلىرىغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىلدى .

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

جو بايدىن شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى

شە نويابىر 13 , 2021
خەلقئارا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 15- نويابىر دۈشەنبە كۈنى سىنلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.

You May Like