ختاي − قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن، مەڭگۈلۈك «ئ‍ورتاق تەقدىر گەۋدىسى» ھەمرالىقى سۆز تېمىسى

ختاي پارتىيە تەشۋىقات تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8 – نۆۋەتلىك ختاي − ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، 3 – نۆۋەتلىك ختاي − قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەلقئارا يىغىن – كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ختاي، قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، دىققەتنى «ئىناق قوشنىدارچىلىق – دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش» باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ختاي – قازاقىستان يەرلىكلەر ئارا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ختاي- قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ كۈچىنى قوشۇش ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشكەن.

ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنستىرى جۇمانغارىن مۇنبەرگە قاتنشپ سۆزى قىلغان. ختاي دۆلەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ سۆز قىلغان.

ختاي ئەمەلدارى ماشڭرۈي مۇنداق دىگەن:

«ختاي − قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ختاي شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پىرەزدىنت توقايېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ختاي – قازاقىستان مۇناسىۋىتى مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرۈلۈپ، يېڭى «ئالتۇن 30 يىل» باشلاندى. قازاقىستان -ختاي شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ھەمراھى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام – دەرىجىلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى جانلاندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. ھازىر، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى ختاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، ئاسىيا – ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە ختاينىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستان تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، گۈللەپ ياشناۋاتقان «يېڭى قازاقىستان» قۇرماقتا؛ ھەر ئىككىلا تەرەپ تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، كەلگۈسى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ختاي شىنجاڭ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، ختايدىكى ھەرقايسى قېرىنداش ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە، ختاي – قازاقىستان يەرلىكلەر ئارا ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ختاي – قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇشنى خالايدۇ.»

قازاقستان مۇئاۋىن باش منستىرى جۇمانغارىن ئاساسىي مەقسەت سۆزىدە مۇنداق دىگەن: ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدىكى ياخشى دوستلۇقنىڭ تۈرتكىسىدە، قازاقىستان بىلەن ختاينىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە، ئىككى تەرەپ بىر قاتار چوڭ – چوڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى تۇنجى قېتىم قازاقىستاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، قازاقىستان – ختاي ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتناش قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق كۆپ ساھەدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. ختاي قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق سېلىنما مەنبەسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ھازىر، قازاقىستان بىلەن ختاي ئىككى تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىقلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ يىل ختاينىڭ «قازاقىستان ساياھەت يىلى». ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، قازاقىستان تەرەپ تېخىمۇ كۆپ ختايلىق ساياھەتچىنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى قارشى ئالىدۇ. قازاقىستان باشتىن – ئاخىر ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ چوڭ – چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاقىستان – ختاي ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.»

ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلغان، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ سياسى كومسسارى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشقان.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» ناملىق كىتابى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشمەكتە

دۈ ئىيۇل 1 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى, 1-ئېيۇل ئۇيغۇر سەرگەردان شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش: ئۇيغۇر شائىرنىڭ خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغاندىن ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسدا زور ئالقىشلارغا ئىرىشپ كەلمەكتە. تاھىر ھامۇتنىڭ كىتابى «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە يېزىلغان كىتاپلار ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك تۆت رىكورت ياراتتى: ئەڭ كۆپ تىلغا تەرجىمە قىلىنغان […]
تاھىر ھامۇت ئىزگىل

You May Like