70يىللىقنى تەبرىكلەش ۋە خىتايدىكى ئىچكى تۇقۇنۇش

خىتاي كومىنىست ھۈكۈمىتىنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيتى بېيجىڭدا ۋە باشقا ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانلىرىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-يىلى 2-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي كومىنىست ھۈكۈمىتىنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيتى بېيجىڭدا ۋە باشقا ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانلىرىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاي ھۈكۈمىتى رەھبەرلىرى ھەر ئون يىلدا بىر چوڭ تىپتىكى ھەربىي  پارات ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ ماۋ زېدۇڭ كۈچ كۆرسىتىشكە ھەۋەسكار بىرى بولسىمۇ 1960-يىلدىن كېيىن ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن 23يىل ئۈزۈلۈپ قالغان. 1984-يىلى دىڭ شىياۋپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن چوڭ تىپتىكى ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەن. جىياڭ زېمىن بىر قېتىم، خۇ جىنتاۋ ئىككى قېتىم ھەربىي پارات ئۆتكۈزگەن. شى جىنپىڭ 7يىللىق رەئىسلىك ھاياتىدا 6 قېتىم ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ بولدى. چاۋشىيەن رەئىسى جىن بودەكتىن قالسا ھەربىي پاراتقا ئەڭ ھەۋەسلىك بولغان رەئىس شى جىنپىڭ ھىساپلانسىمۇ، نىمە ئۈچۈن خىتايغا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن بېسىم قاتتىق ئېشىۋاتقان مەزگىلدە يەنىلا كۈچەپ ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدۇ؟

بېيجىڭ چاڭپىڭ رايۇندىكى خەلىقنىڭ بىلدۈرشىچە ھەربىي پاراتقا تەييارلىق ئايلار بۇرۇن باشلانغان بولۇپ ئەتىگەن سائەت 7دىن كەچ سائەت 11غىچە بوشاشماي ئېلىپ بېرىلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا 9ـ ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ تىيەنئەنمىن مەيدانىدىن باشلاپ سەن لىدۈنغىچە بولغان ئەتراپتىكى قاۋاقخانا قاتارلىق كۈڭۈل ئېچىش رايۇنلىرىنى ھەممىسىنى تاقىۋەتكەن. بېيجىڭدا پىچاق قاتارلىق كەسكۈلەرنى يىغقان ۋە ئازايتقان. بېيجىڭنىڭ پىچاق ئىشلەپ چىقىرىش مەسھۇلات مىقدارى كۆرنەرلىك چۈشكەن.ئەڭ ئىلغار قوراللارنى كۆرگەزمىگە قويغان خىتاي ھۈكۈمىتى خەلىقنىڭ يىمەككە ئىشلىتىدىغان پىچاقلىرىدىن قورقۇپ يىغىۋالغان. جۇڭگۇ تارىخىدا يۈۋەن سۇلالىسى دەۋىردە پىچاق يىغىۋېلىنىپ باشقۇرۇلغان.  يېقىنقى زاماندا شەرقى تۈركىستاندا پىچاقلار يىغىۋېلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئۆزىنىڭ پايتەختىدە پىچاقلارنى يىغىۋالغان.

70يىللىقنى تەبرىكلەش زىياپەت كېچىلىكىدە كومىنىست ھۈكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى قارار رەھبەرلىرىدىن جىياڭ زېمىن ۋە خۇجىنتاۋنىڭ قاتناشماسلىقى ئالاھىدە دىققەت تارتقان. ئەمما 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ھەربىي پاراتقا جىياڭ زېمىن ۋە خۇجىنتاۋ ئىككى تەرپىدىن يۆلەنگەن ھالدا قاتناشقان ۋە بىر نەچچە كۈرنىشلا كامىرادا كۆرۈنگەن. تەھلىلچىلەر بۇ ھەقتە مۇنداق دىدى: بۇ شى جىنپىڭنىڭ قەستەن ئورۇنلاشتۇرشى بولۇپ ئاستا-ئاستا كونا رەھبەرلەرنى خەلىقنىڭ كۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئىتبارسىزلاشتۇرۇش. مەملىكەتلىك 19-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ ۋاقتى تېخى بەلگىلەنمىگەن بولسىمۇ بۇ ئىككى قارارلىق كونا رەھبەرلەرنى باشقىلار بىلەن ئۇچرۇشىشتىن تۇسۇش بولىشى مۇمكىن. يەنە بىرى شى جىنپىڭ خىتاي كومىنىست پارتىيسىنىڭ 5قارار رەھبەرلىرىنىڭ تىزىملىكىدىن ئاستا-ئاستا جىياڭ زېمىن بىلەن خۇجىنتاۋنى سىقىپ چىقارماقچى بولغان. بۇنىڭ مىسالى بۇ يىل 9-ئايدا ئىلان قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى ئاق تاشلىق كىتابتا ئۈچ تارىخ يىل نۇقتىسىدىن 1949-يىلى،1979-يىلى،2012-يىلى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ماۋ، دىڭ، شى ئۈچ كاتىباشنىڭ زامانىغا ئىشارەت قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇنىڭ يەنە بىر ئىشارىتى جىياڭ ۋە خۇلارنىڭ قولىدا ئۆسكەن، يىتىشىپ چىققان ئەمەلدارغا قارا سىنىڭ رەھبىرىڭنىڭ زامانى ئۆتتى، ھوقۇق مىنىڭ قولىمدا دىمەكچى بولىشى مۇمكىن.

شى جىنپىڭ يۈز ئاۋايلاشقا ئامراقمۇ ياكى باشقا مەقستى بارمۇ؟ خىتايدا چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ خەلىق ئېلىپ يىيەلمىگۈدەك ھالغا يەتكەنلىكى ئېنىق. خوڭكوڭ ۋە سودا ئۇرۇشىنى دىمەي تۇرايلى. ئەھۋال شۇنداقكەن يەنە بار كۈچى بىلەن بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەربىي پاراتنى ئۆتكۈزىدۇ؟

بۇ شى جىنپىڭغا قارشى بولغانلارغا ئۆزىنى تەۋرەنمەس كۆرىسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، قورقۇنىچ سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھوقۇقنى ھەممىنى بىر قولغا يىغىش ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى ھوقۇقتا چەكتىن ئېشىش.

ئاخىردا ئىچكى تۇقۇنۇشنى خۇلاسىلىسەك :جىياڭ زېمىن ۋە خۇجىنتاۋنىڭ 10-ئاينىڭ 1-كۈندىكى ھەربىي پاراتتا تەكرار كۆرۈنىشى. سەن بىزنى تەبىرىكلەش زىياپەت كېچىلىكىدىن توسۇپ قالساڭ بىز ساڭا بوزەك بولمايمىز دەپ ھەربىي پاراتقا سۆرلۈپ بولىسمۇ كېلىشى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

سامسۇڭ شىركىتى خىتايدا تىلىفۇن ئىشلەشنى توختاتماقچى

پە ئۆكتەبىر 3 , 2019
2-ئۆكتەبىر، سامسۇڭ شىركىتى خىتايدا ئەقلىي تىلىفۇن ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سامسۇڭ شىركىتى گۇاڭدۇڭدىكى زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايىتقان، ئۆتكەن يىلى تىيەنجىندىكى زاۋۇتىنى ئىشتىن توختاتقان.

You May Like