47 تۈرلۈك غەلىتە پىسخىلوگىيە قانۇنىيىتى

47 تۈرلۈك غەلىتە پىسخىلوگىيە قانۇنىيىتى

تۆۋەندىكى 47 تۈرلۈك غەلىتە پىسخىكا قانۇنىيىتىدىن قانچىلىرىنى بىلىسىز؟ 1. سىز ئۇيقۇدىن بىدار بولغاندا باشقا بىرەيلەننىڭ چۈشىدە پەيدا بولىسىز. 2. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەملەر كۆڭلى يېرىم بولۇپ تۆككەن كۆز يېشىنىڭ تەكىبىدە غەمكىنلىكتىن كېلىپ چىققان زىيانلىق ماددىلار بولىدىكەن. ئامېرىكا سانكت پاۋلودىكى رېمساي مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر تەجرىبىخانىسىدىكى مۇتەخەسىسىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بويىچە، يىغلاش تەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، كۆپلىگەن زىيانلىق ماددىلار ياش سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدىكەن.   3. ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرى: بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يانفون ئويناپ، تەكرار ئۇچۇر ياكى ئېلىكترونلۇق خەت يوللاشقاندا ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا ئىككىنچى كۈندىكى كەيپىياتىنىڭ چۈشكۈنلىشىش، ئاسان تەشۋىشلىنىش ۋە قايغۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.   4. بارلىق بەختسىزلىكىڭىزنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلاپ ئاندىن ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ: ئۈچ يىلدىن كېيىن بۇلار مەن ئۈچۈن يەنە شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟ ئىشىنىمەنكى نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر شۇنىڭ بىلەنلا ئىدىيەرىڭىزدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.   5. بىراۋنى ياخشى كۆرۈش بىرخىل تۇيغۇ بولۇپ، بىراۋنى ياخشى كۆرمەسلىك ئەكسىچە بىر رېئاللىق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، رېئاللىقنى چۈشەندۈرۈش ئوڭاي بولۇپ، تۇيغۇنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزدۇر.   6. ئەينەككە ئۇزاق قارىۋەتسىڭىز ئۆزىڭىزنى ناتونۇش ھېس قىلىسىز.   7. 88.8% ئادەم يىغلىغاندىن كېيىن كەيپىياتى ياخشىلىنىپ قالىدۇ، %70 ئادەم يىغىسىنى يوشۇرمايدۇ، %77 ئادەمنىڭ يىغىسى ئۆيىدە يۈز بېرىدۇ، ئارىدىن %39 ئادەمنىڭ يىغىسى كېچىدە بولۇپ، كەچ سائەت 6:00دىن 8:00گىچە بولغان ۋاقىت يىغىنىڭ كولمىناتسىيە ۋاقتىدۇر.   8. ئىككى ئەر بىر ئايالنى قوغلاشقان بولسا مېھرى ئاجىزراق كەلگىنى ئاۋۋال ۋاز كېچىدۇ. ئەكسىچە بولۇپ ئىككى ئايال بىر ئەرنى قوغلاشقان بولسا مېھرى چوڭقۇر كەلگىنى ئاۋۋال ۋاز كېچىدۇ.   9. ئىسپانىيە گرانادا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىسى بالىلار مائارىپى ۋە ئۆلۈم ئۇقۇمى مائارىپى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ شۇنى بايقايدۇكى: ئىنسانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى شۇنچە ئۆلۈمدىن قورقمايدىكەن، شۇنداقلا بۇخىل روھ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن.   10. باشقىلارنىڭ سىزنى ياقتۇرۇشىدىكى ئەڭ ياخشى چارە باشقىلارغا ياردەم قىلىش بولماستىن بەلكى باشقىلارنى سىزگە ياردەم قىلغۇزۇشتۇر. —– بېنجامىن فرانكلىن.   11. ئوقۇتقۇچى دوسكىغا تۆۋەندىكى جۈملىنى يېزىپ، ئوقۇغۇچىلىرىغا تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇشقا بۇيرۇپتۇ: «woman without her man is nothing». ئوغۇللارنىڭ جاۋابى: «.Woman,without her man,is nothing» (ئەرلەرسىز ئاياللار ھېچنېمە ئەمەس.) قىزلارنىڭ جاۋابى: «.Woman,Without her,man is nothing» (ئاياللارسىز ئەرلەر ھېچنېمە ئەمەس.) 12. ئەنگلىيە باس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلگىرى 75 نەپەر ئۆسمۈرنىڭ قول بارمىقىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى ئۆلچىگەن بولۇپ، نامسىز بارمىقى ئۇزۇنراق بولغان بالىلارنىڭ ئالگېبىرا نەتىجىسى ياخشى ئىكەنلىكىنى، كۆرسەتكۈچ بارمىقى ئۇزۇنراق بولغان بالىلارنىڭ ئېنگىلىزتىلى نەتىجسى كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. 13. كۆپلىگەن پىسخولوگىيىلىك تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا توي قىلىش يېشى قانچە بالدۇر بولغانسېرى نىكاھنىڭ سۈپىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. لېكىن يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ لوگىكىسىغا ئىشىنىدۇ: قانچە ئۇزاق كۈتكەنسېرى نەتىجىسىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. تەتقىقات يەنە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ساقلاش پەقەت 22 ياشتىن تۆۋەن بولغان كىشىلەرگىلا ئەھمىيەتلىك بولىدىغان بولۇپ، 22 ياشتىن بۇرۇن توي قىلغانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى جىددىي ھالدا تۆۋەنلەيدىكەن، 22 ياشتىن كېيىن كۈتۈشنىڭمۇ ھاجىتى بولمايدىكەن، 30 ياشتىن كېيىن توي قىلغانلارنىڭ نىكاھىنىڭ بۇزۇلۇشى يەنە قايتا ئۆرلەيدىكەن. 14. ئۇيقۇنىڭ ناچار بولۇشى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۈنىگە بەش~ئالتە سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۈنىگە يەتتە~سەككىز سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭكىدىن ئۈچ~تۆت كىلوگىرام ئېغىر بولىدۇ. نورمال ئۇخلاش ۋاقتى مەجبۇرى تارتىۋېلىنغاندا، بەدەن ئۆزلۈكىدىن بېسىمغا قارشى ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ-دە، شۇ ئارقىلىق مېتابولىزىمنىڭ سۈرئىتىنى تىزگىنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈندىكى ئىشتىھا ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئەگەر ئەتىگەن سائەت 7:00دە چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ بولۇش زۆرۈر بولغاندا، ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى چوقۇم كەچ قالغاندىمۇ 11:00 لاردا ئۇخلاپ بولۇش كېرەك. ئۇيقۇسى كەلمەيدىغانلار ئىسسىق سۇدا پۇتىنى چىلاش ياكى كىتاب ئوقۇش قاتارلىق چارىلەرنى سىناپ كۆرسە بولىدۇ. 15. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا %50 ئۈچ ياشلىق بالا يالغان سۆزلەشنى بىلىدىكەن، تۆت ياشتىكى بالىلارنىڭ ئادەم ئالدايدىغىنى %90نى ئىگەللەيدىكەن، 12ياشلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسىلا يالغان سۆزلەشنى بىلىدىكەن. بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشى ئەمەلىيەتتە تونۇشىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، تونۇشى قانچە تەرەققىي قىلغان بالىنىڭ يالغان سۆزلەش تېخنىكىسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ يالغاننى ئىشەندۈرۈشكىمۇ ئۈنۈملۈك چارىسى بولىدىكەن. 16. ئەنگلىيە ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى: خوشال كەيپىيات ئۈچ قاتلامدىنمۇ ئارتۇق ئالاقە دائىرىسىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. خوشال كەيپىياتتا يۈرىدىغان ئادەم بىلەن تونۇشقاندا سىزنىڭمۇ خوشاللىق دەرىجىڭىز %15.3 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، خوشال كەيپىياتتا يۈرىدىغان دوستى بار كىشى بىلەن تونۇشقاندا سىزنىڭ خوشاللىق دەرىجىڭىز %9.8 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 17. دائىم دېگۈدەك تېلىفونىڭىزنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز-يۇ، يېرىم كۈن جاپا تارتىپ ئاختۇرۇپ چىقارسىڭىز ھېچقانداق ئۇچۇر ياكى تېلىفون كەلمىگەنلىكىنى بايقايسىز. 18. پىسخولوگىيە تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئايالىنىڭ جامالى ئېرىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ. كۆكسى قارنى كەڭ، مىجەز-خاراكتېرى يېقىملىق، ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان ئەرلەرنىڭ ئايالىنىڭ چىرايى نۇرلۇق بولۇپ، ئاسان قېرىمايدىكەن ھەم تەڭ ياشتىكى ئاياللارغا قارىغاندا ياش كۆرۈنىدىكەن. 19. پىسخولوگىيە ئىلمىدە: قارشى تەەپنى كەينىدىن قۇچاقلاش قوغداش ئېڭىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، قۇچاقلىغۇچىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇچاقلانغۇچىغا مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇق بېغىشلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئۇخلىغاندا مۇشۇ خىل قىياپەت كۆرۈلسە شۇ ئادەمنىڭ سىزگە مۇھەببەت ۋەدىسىنى ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى شۇنداقلا سىزمۇ شۇخىل تەشەببۇسكار پاناھلىق ۋە مۇھەببەتتىن بەخت ھېس قىلالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. 20. بىر ناخشىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئەڭ ياخشى چارە شۇ ناخشىنى ئەتىگەندە ئويغاتقۇچى قوڭغۇراق قىلىۋېلىشتۇر. 21. ئەركىشىنىڭ ئايال كىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆيۈۋېلىشى تاساددىپىي ھادىسە، ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىنى تەشەببۇسكارلىق سۆيۈۋېلىشى ئالدىن پىلانلاپ قويۇلغان ھادىسە. فىرانسىيە «ئاياللار» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، يوشۇرۇن ئاڭدا ھەربىر ئايال كىشى ئۆزى سۆيگەن ئەرنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ تامغا مىختاپ تۇرۇپ مەجبۇرى سۆيىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 22. ياپونىيەنىڭ مېتروسىدا ھەر بەش ئادەمدىن بەشىنىڭ ھەممىسىلا كىتاب ياكى گېزىت كۆرىۋاتقان بولىدىكەن؛ تەيۋەندە ھەر بەش ئادەمدىن ئۈچى كىتاب ياكى گېزىت كۆرىۋاتقان بولىدىكەن؛ شياڭگاڭدا ھەر بەش ئادەمدىن ئىككىسى كىتاب ياكى گېزىت كۆرىۋاتقان بولۇپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا بولسا ھەر بەش ئادەمدىن ئىككىسى پاراڭ سېلىۋاتقان، قالغان ئۈچەيلەن بولسا ئۇ ئىككىسىنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىۋاتقان بولىدىكەن. 23. نۇرغۇن ئەركىشى كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا ئۇرۇشۇشنى ياقتۇرمايدىكەن ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جېدەللىشىشنى ياقتۇرمايدىكەن، لېكىن، ئەركىشى ئايال كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشكە ۋە ئايال كىشىنىڭ چىدىغۇچىلىقىنى قويماستىن ئۆزىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جېدەل تېرىغۇزۇشقا ماھىر كېلىدىكەن. 24. تەدرىجىي تەرەققىيات مۇتەخەسسىسى كىم زېجىنىڭ دېيىشىچە، ھەمرىيىغا ساداقەتمەن بولىدىغان ئەرنىڭ ئەقلىي سەۋىيىسى 103 بولۇپ، ھەمرىيىغا ساداقەتسىز بولىدىغان ئەرنىڭ ئەقلىي سەۋىيىسى 97 بولىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارى قانچە يۇقىرى بولغان ئەر ئەر-ئاياللىق مېھىر مۇھەببەتنى شۇنچە قەدىرلەيدۇ ۋە سادىقلىقنى ئەلا بىلىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارى قانچە تۆۋەن بولغان ئەركىشى ئاسانلا تالاغا قاراپ قالىدۇ. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى: تالاغا قاراپ قالغانلىق كاللىسىدىن چاتاق چىققانلىقتۇر. 25. سىز بىلەن مۇناسىۋىتى قانچە يېقىن بولغىنى سىزنى شۇنچە سۆكۈشكە ئامراق كىشىدۇر. شۇنداق ئادەم بىلەن پاراڭلاشقاندا سىز دائىم ئۆزلۈكۈڭىزدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان سۆزلەردىن دالدىلىنىسىز. سىزنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرىڭىزنى قارشى تەرەپ دائىم سىزدىن بەكرەك چۈشىنىدۇ. سىز ئىلگىرى ياقتۇرىدىغان ئادەمنى ئۇچراتقاندا، ئۇ دائىم سىزدىن بەكرەك ھاياجانلانغان ھالدا سىزگە «ئۇنىڭغا قارا» دەيدۇ. مەخپىيەتلىكلەرنى سىزمۇ دائىم ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايسىز. شۇڭلاشقا سىزگە ئەڭ كۆيۈنىدىغىنى دائىم سىزنى رەنجىتىدىغان كىشىڭىزدۇر. 26. يېڭى سېتىۋالغان يانفونىڭىزنى ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىققاندا دائىم ئۇنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بىردەم-بىردەم يانچۇقىڭىزنى سىلاپ تەكشۈرىسىز، بۇنىڭ بىلەن ئوغرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە تارتىسىز-دە، يانفونىڭىزنى ئاخىرىدا غەلىبىلىك ھالدا يانچۇقچىغا بېرىسىز. مەلۇم ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن قانچە ئەنسىرىگەنسېرى شۇ ئىشقا بولغان دىققىتىڭىز شۇنچە مەركەزلىشىدۇ، دىققەت ئېتىبارىڭىز قانچە مەركەزلەشكەنسېرى خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ شۇنچە ئوڭاي بولىدۇ، مانا بۇ مەشھۇر مۇرفېي تېئورېمىسىدۇر. 27. ئامېرىكا پىسخولوگلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئوغۇللار ۋە قىزلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتا خىل ئەڭ ئاساسلىق بولغان سۆيگۈ تەلىپى بولىدىكەن. ئوغۇللاردا: ئىشەنچ، غەمخورلۇق، مىننەتدارلىق، ماختاش، ئېتىراپ قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش.  قىزلاردا: غەمخورلۇق، چۈشىنىش، ھۆرمەت، ۋاپادارلىق، كۆيۈنۈش، تەسەللىي بېرىش. 28. تۈن پەردىسى يېپىلغان چاغ يالغۇز ئادەمنىڭ ئەڭ نازۇك ۋاقتى بولۇپ، سېغىنىش ئازابى ئەۋجىگە چىقىدىغان چاغدۇر. 29. كۆز-كۆز قىلىش قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، پىسخولوگىيەدە كۆز-كۆز قىلىشنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ، شۇنداقلا مەلۇم خىل شەيئىي ياكى ھادىسە ئۆزىدە ئىلگىرى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغانلىقتىن، تۇيۇقسىز ئېرىشكەن ھامان سىرتقى دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىيالىسا، ھەتتا باشقىلارنىڭ ھەۋىسىگە ئېرىشەلىسە، شۇ ئارقىلىق ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. 30. ئەگەر بىر ئەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن سومكىڭىزنى كۆتۈرۈپ، تاشيولدا سىزنى يولنىڭ ئىچى تەرىپىدە  ماڭغۇزۇپ، سىز ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئورۇندۇقلارنى تارتىپ بەرسە بۇنىڭلىق بىلەن تەسىرلىنىپ ياش تۆكىشىڭىز ھاجەتسىز، چۈنكى بۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغان ئايالنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. شۇڭا ئەركىشى قانچە نۇقسانسىز بولغانسېرى ئايال كىشى ئۈچۈن شۇنچە چوڭ مەسىلە بولىدۇ. 31. بىرە ئىش بولسا چوقۇم دەۋېتىش كېرەك، قارشى تەرەپكە قورسىقىمدىكىنى تاپ دېيىش ئەخمەقلىق بولۇپ، قارشى تەرەپ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەيدۇ، ئاخىرىدا قايغۇرۇپ ئازابلىنىدىغىنى بەرىبىر ئۆزىڭىز، بولۇپمۇ ھېسسىيات مەسىلىسىدە شۇنداق. __ مەيدۇ. 32. پىسخولوگىيە تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا: ئەركىشى بىر كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 دانە سۆز قىلىدۇ، ئايال كىشى بولسا 7000 دانە سۆز قىلىدۇ. ئەركىشى بىر كۈنلۈك خىزمەت جەريانىدا ئاشۇ 2000 دانە سۆزنى قىلىپ تۈگىتىپ بولىدۇ-دە، ئۆيىگە قايتقاندا پەقەتلا ئارام ئېلىشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە ئايال كىشىنىڭ يەنە قىلمىغان 5000 دانە سۆزى بولغاچقا شۇلارنى دەۋەتمىگۈچە ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ئائىلىۋى ماجرا مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇ. 33. پىسخولوگىيە ئىلمىدە: نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پەقەت بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار بولغان كىشىلەرگە ئاچچىقلىيالايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بىخەتەرلىك دەرىجىسىنىڭ دائىرىسىدە قارشى تەرەپنىڭ ھەرقانچە قىلسىمۇ ئاچچىقلىغان كىشىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا خاپا سېلىشمۇ بەزىدە بىرخىل ئەركىلەشتۇر. 34. بۇ بىرنەچچە تۈرلۈك ئاددىي پىسخولوگىيە ساۋاتىنى بىلەمسىز؟ 1. قولى پاكىزلا تۇرىدىغان ئادەم باشقىلارنى ئاسانلا كەچۈرىۋېتىدۇ؛ 2. نىكاھى بەختلىك بولغان ئايال كىشىنىڭ بېسىمى ئاز بولىدۇ ياكى ئاسان بېسىم ھېس قىلمايدۇ؛ 3. ئەرمەك ھايۋان بېقىش روھى ساغلاملىققا پايدىلىق؛ 4. ئۆز ئۆزىگە سۆزلەش سالامەتلىككە پايدىلىق؛ 5. ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئادەمنىڭ يارىسى ئاسان ساقايمايدۇ؛ 6. ئائىلە جاھازلىرىنى يۆتكەشنىڭ كەيپىياتقا پايدىسى بار؛ 7. ئادەمنىڭ قورسىقى ئاچقانسېرى ئاسانلا قالايمىقان پۇل خەجلەيدۇ؛ 8. بويتاق كىشىنىڭ ئۆلۈشى توي قىلغان كىشىدىن بالدۇر بولىدۇ؛ 9. يۈزى ئاسان قىزىرىدىغان كىشىنى باشقىلار ئاسانلا كەچۈرىۋېتىدۇ. 35. ئايال كىشىنىڭ كارىۋات ئۈستىدە تۆككەن كۆز يېشى ھەرقانداق يەردىكىدىن كۆپ بولىدۇ؛ ئوخشاشلا ئەر كىشىنىڭ كارىۋات ئۈستىدە سۆزلىگەن يالغان سۆزى ھەرقانداق يەردىكىدىن كۆپ بولىدۇ. __ جاڭ شياۋشيەن. 36. پىسخولوگىيە ئىلمىدە، ئىچىملىك نەيچىسىنى چىشلەشنى ياقتۇرىدىغان ئايالنىڭ ھەممىسىنىڭ ھېسسىياتى كۈچلۈك بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. 37. كەينىگە سۈرۈش __ ئەڭ يامان رەت قىلىش ئۇسۇلىدۇر. 38. ھېچكىم ئۆتمۈشكە قايتىپ قايتا باشلىيالمايدۇ، لېكىن ھەركىم ھازىردىن باشلاپ يېڭىچە خاتىمە تۈزىيەلەيدۇ. 39. چوڭلارنىڭ قارىشىچە: يۈزىگە دانىخورەك چىقىپ قالغان بولسا كېرەك يوق، توي قىلغاندىن كېيىن ئوڭشىلىدۇ؛ ماددا ئالمىشىش ياخشى بولمىسا كېرەك يوق، توي قىلغاندىن كېيىن ئوڭشىلىدۇ؛ سەمىرىپ كەتكەن بولسىڭىز كېرەك يوق، توي قىلغاندىن كېيىن ئوڭشىلىدۇ؛ مىجەزىڭىز چۇس بولسا كېرەك يوق، توي قىلغاندىن كېيىن ئوڭشىلىدۇ…دېمەك، توي قىلىش نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. 40. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، نۇرغۇنلىغان ئايال 15 ئايغىچە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بىر ئىشكاپ يېڭى كىيىم ئالماشتۇرۇشنى خالايدىكەن. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى: ئەركىشىنىڭ نەزىرىدە قېرىنداش خۇددى ئۆزىنىڭ پۇت قولىدەك يېقىن بولسا، ئايال كىشى خۇددى كىيىمگە ئوخشايدۇ. نەھايەتكى، ئايال كىشىنىڭ نەزىرىدە بولسا ئەر كىشىنى كىيىمگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. 41. ئاچچىقلانغاندا سۆيگەن كىشىڭىزگە يۈزلىنىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئەينەككە قاراپ بېقىڭ، سىز ئۆزىڭىز بۇ چىرايىڭىزنى ياقتۇرامسىز؟ __ پائۇل پىئېرسو. 42. ئىنساننىڭ ھاياتى پەقەت 900 ئايلا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىز 30×30 بولغان جەدۋەلدىن بىرنى سىزسىڭىز، بىر ۋاراق ئا4 ئۆلچەمدىكى قەغەزلا يېتىدۇ. ھەربىر ئاي ئۆتكەندە بىر كاتەكنى سىزىۋېتىسىز، سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىز تامام مۇشۇ قەغەزدە! بۇ ئارقىلىق سىزدە ئىنتايىن يارقىن بولغان بىر ئۇقۇم پەيدا بولىدۇ: سىز ھاياتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتىسىز؟ 43. پىسخولوگىيە ساۋاتى: بىبو قانۇنىيىتى. ئەسلى باھاسى بىر يۈەن بولغان گېزىت 10 يۈەن بولۇپ قالسا سىز چوقۇم بۇنى قوبۇل قىلالمايسىز؛ ئەگەر ئەسلى باھاسى 5000 يۈەن بولغان كومپىيۇتېرنىڭ باھاسى 50 يۈەن ئۆسسە سىز ئۇنچىۋالا ھاياجانلانمايسىز. بىبو قانۇنىيىتى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى: ئىنسان ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان ئىشنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەنە ئۆزىگە مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلگەن تەسىر قىلغۇچى ئىش-ۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. 44. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا: ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆزى بەرگەن جاۋابلارنى قايتا تەكشۈرگەندە، %55 ئادەم نەتىجىنىڭ تۆۋەن چىقىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدىكەن، پەقەت %15 ئادەملا نەتىجىنىڭ يۇقىرى چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. لېكىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى: %58 ئادەم ئۆزىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرۈپ توغرا قىلىپ ئۆزگەرتكەن بولسا، %20 ئادەم خاتا قىلىپ ئۆزگەرتكەن، %22 ئادەم خاتا جاۋابنى يەنە خاتا قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 45. ئەركىشى سىزنى سۆيىدىغان بولسا سىزنى دۆت دەپ قارايدۇ ۋە نۇرغۇن جەھەتلەردىن سىزگە غەمخورلۇق قىلىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، يەنى سىزنى سۆيمىسە سىزنى ئىنتايىن ئەقىللىق دەپ ئويلاپ، سىزنى ھېچكىمنىڭ غەمخورلىقىغا مۇھتاج ئەمەس دەپ قارايدۇ. 46. مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈش ئۈچۈن 8.2 سېكۇنتلا كېتىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئەر ۋە ئايال تۇنجى ئۇچراشقاندىكى قارىشىپ قېلىش ۋاقتى ئىككى ئادەمنىڭ مۇھەببەتلىشىپ قېلىش ياكى قالماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئەرنىڭ تۇنجى قېتىمدا ئايالغا قاراپ قېلىش ۋاقتى 8.2 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا، ئۇ ئەر پەقەت مەپتۇن بولۇپ قالغانلا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. 47. بىراۋنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈش نىسبىتى ئۇنىڭ سىزگە ئۇچۇر قايتۇرۇش تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

گۇمانخور ئادەملەرگە ئۆزىڭىزنى قانچە چۈشەندۈرسىڭىزمۇ بىكار

چا ئاپرېل 25 , 2018
گۇمانخور ئادەملەرگە ئۆزىڭىزنى قانچە چۈشەندۈرسىڭىزمۇ بىكار

You May Like