ئۈچۈنچى قېتىملىق ئاناتولۇ سەپىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

ئۈچۈنچى قېتىملىق ئاناتولۇ سەپىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 1-دېكابىر

ئامىنە سەدەف

تۈركىيەدىكى لاگېر قۇربانلىرى تۇغقانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۈرك خەلقىگە، يەرلىك تەشكىلات ۋە  سىياسىي پارتىيەلەرگە  يېقىندىن ئاڭلىتىش  مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن « شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە » سەپىرىنىڭ 3- قېتىملىقى تۈركىيەنىڭ مەرسىن شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاياغلاشتى . 

بۇ قېتىمقى سەپەر تۈركىيەدىكى ئوخشىمىغان 9 شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىتىپ بارغان ھەر بىر شەھەردە ۋالىيلىقتىن تارتىپ  بەلەدىيە، سىياسىي پارتىيە ۋە يەرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارغىچە زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئەڭ توغرا شەكىلدە ئاڭلىتىش، ئىمزا توپلاش، مەيدانلاردا ، كوچىلاردا تەشۋىقات ۋاراقچىللىرى تارقىتىش، رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان. 

مەزكۇر پائالىيەتكە تۇلۇق قاتنىشىپ كېلىۋاتقان مەدىنە نازىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل‌ قىلىپ: « بۇ خىلدىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىشىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى كۈندىن-كۈنگە بىزنى قوللاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ۋە سىياسىي پارتىيەلىرىمىزنىڭ سانى ئېشىۋاتىدۇ، ئىمزا سانىمۇ ئېشىۋاتىدۇ. بىز بۇ پائالىيەت جەريانىدا تۈرك خەلقىنىڭ ۋەتىنىمىزدە زۇلۇم بارلىقىنى بىلسىمۇ لېكىن زۇلۇمنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق ۋە ئۇلارغا ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەڭ روشەن شەكىلدە ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق. ھازىر ۋەتىنىمىزدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نۇرغۇن تۈرك قېرىنداشلار تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ‌ يەتتى، مەيلى سىياسىي پارتىيەلەر بولسۇن ياكى تۈرك پۇقرالىرى بولسۇن قۇلىدىن كەلگىنىچە بىزنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بىزنىڭ يېنىمىزدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى » دېدى . 

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى 8- ئاينىڭ 2- كۈنى بۇرسا ۋىلايىتىدە باشلانغان بولۇپ ‌، 3 ئاي  داۋاملاشقان. بۇ قېتىمقى سەپەردە پائالىيەتچىلەر تۈركىيەدىكى 32 شەھەر، ۋىلايەتكىچە يىتىپ باردى . بۇ جەريانىدا يىتىپ بارغان ھەر بىر شەھەر ، ۋىلايەتتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئاچتى. يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىتلەر بۇلارنى يېقىندىن كۆزۈتۈپ، ئىش- پائالىيەتلىرىدىن خەۋەر بەردى. ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، دەرنەكلەر ۋە تۈرك خەلقى بۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.‌ 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاندى

چا دېكابىر 1 , 2021
ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاندى

You May Like