ئىككى خىتاي پۇقراسى ئۇرۇش ئىچىدىكى ئۇكرائىنادىن بالا ئوغرىلىغان

ئىككى خىتاي پۇقراسى ئۇرۇش ئىچىدىكى ئۇكرائىنادىن بالا ئوغرىلىغان

ئىككى خىتاي پۇقراسى ئۇرۇش ئىچىدىكى ئۇكرائىنادىن بالا ئوغرىلىغان 

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 15-مارت

بۇ خەۋەر ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئورگان ھېسابىدا تارقىتىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئىككى خىتاي ئۇرۇش ئىچىدىكى ئۇكرائىنادىن بالا ئوغرىلىغان. 

خەۋەردە شۇنداق دېيىلىدۇ : 
« چېرنىۋىتسى رايونىدىكى پورۇبنې تەكشۈرۈش پونكىتىدا ، چېگرا قوغدىغۇچىلار چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇكرائىنادىن بوۋاقلارنى ئوغرىلاپ كېتىش ئۇرۇنۇشىنى توسۇپ قالدى. ئىككى جۇڭگو پۇقراسى ئىككى كىچىك بالا بىلەن ئۇكرائىنادىن رۇمىنىيەگە ئۆتمەكچى بولغان. ئەمما بۇ خىتايلارنىڭ بوۋاقلار توغرىسىدا ھېچقانداق ھۆججىتى يوق.
دۆلەت چېگرا مۇھاپىزەت ئەترىتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،ئىلگىرى ھەر ئىككى جۇڭگولۇقنىڭ بالىسىز دۆلىتىمىزگە كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلانغان، ئەمدىلىكتە بالىلىرىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىگە جاۋاب بېرەلمىدى.  بۇ مەسىلە ھازىر دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.» 

شەرقى تۈركىستاندا 2012-يىلىدىن 2014 يىلىغىچە ئۈچ يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر پەرزەنتى خىتايلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ سېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى پىدائىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە خىتاي ئائىلىلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ كېلىنگەن ئىدى. 

بۇ شەرقى تۈركىستاندا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بىر ۋەقە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق ئىچىدىكى غۇلغۇلىدىن قورقۇپ، قۇتقۇزۇش ۋەقەسىدىكى پىدائىيلار ۋە قېرىنداشلار ساخاۋەت فوندىنى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن تارقىتىۋەتكەن ئىدى.

بۇ خىلدىكى بالا ئوغرىلاش قىلمىشلىرى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئوغرىلىق ئادەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقى تۈركىستاندىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئوغرىلاپ قاچۇرۇش، ئىچكى ئورگانلىرىنى ئېلىۋېلىش، پەرزەنتى بولمىغان خىتاي ئائىلىسىگە سېتىۋېتىشقا ئوخشاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى. 

بۇ قېتىمقىسى خىتاينىڭ ئۇرۇش ئىچىدىكى ئۇكرائىنادا بۇ خىلدىكى ئوغرىلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىشى، خىتاي خەلقىدىكى ئۆلگەن ئىنسانلىق ئېڭىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رۇسىيەنىڭ خىتايدىن ياردەم سورىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

سە مارت 15 , 2022
رۇسىيەنىڭ خىتايدىن ياردەم سورىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

You May Like