24 بەتلىك مەخپى ھۆججەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

بۇ يىل 11-ئاينىڭ 24- كۈنى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئاسىيە ئابدۇلئەھەد خانىم قولغا چۈشۈرگەن 24 بەتلىك مەخپى ھۆججەت خەلقئارا مۇخبىرلارنىڭ ياردىمىدە دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇيغۇرئاگىنتلىقىمىز پىدائىيلىرى ئاسىيە خانىمدىن مەخپى ھۆججەت ئارگىنالىنى سوراپ ئالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ چىقتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاسىيە خانىمغا يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتىمىز!

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تارىم

 

2019-12-31

 

 

 

بۇ يىل 11-ئاينىڭ 24- كۈنى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئاسىيە ئابدۇلئەھەد خانىم قولغا چۈشۈرگەن 24 بەتلىك مەخپى ھۆججەت خەلقئارا مۇخبىرلارنىڭ ياردىمىدە دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇيغۇرئاگىنتلىقىمىز پىدائىيلىرى ئاسىيە خانىمدىن مەخپى ھۆججەت ئارگىنالىنى سوراپ ئالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ چىقتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاسىيە خانىمغا يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتىمىز!

 

خىتاي باشتىن- ئاياغ لاگىلارنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى تەربىيەلەش مەركەزلىرى، ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى بىرىپ كىلەلەيدۇ دەپ ساختا تەشۋىقات قىلىپ كەلگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى ھۆججەت مەزمۇنىغا دىققەت قىلسىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تۈرمىدىن بەتتەر بىر كوھىقاپ ئىكەنلىكى نامايەن بولىدۇ.

 

خىتاي تەربىيەلەش لاگىرلىرى دەۋاتقىنى بولسا نەچچە يىللىق قاتتىق قىيىن- قىستاق، روھىي ئازاب، سىناق ئىمتاھانلاردىن كىيىن ئىپادىسى ماڭقۇرتلاشقان بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى قاتمۇقات باھالاش ۋە تەستىقلاردىن كىيىن ئاندىن 3 ئايدىن ئالتە ئايغىچە تىخنىك تەربىيەلەشكە ئەۋەتىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن يەنە بۆلۈنگەن زاۋۇت- كارخانىلاردا بىر يىل مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىنىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، ھەرگىزمۇ لاگىرنىڭ ئۆزى ئەمەس. لاگىر بولسا نۇمۇرى توشمىغانلار ئەۋەتىلىدىغان دوزاخ، مەكتەپ بولسا نۇمۇرى تەلەپكە يەتكەنلەر ئەۋەتىلىدىغان تۈرمە ۋە قاراڭغۇ زاۋۇتلار.

 

 

 

بۇ 24 بەتلىك ھۆججەت قايتىلانغاننى چىقىرىۋەتكەندە جەمئىي 23 بەت بولۇپ،  6 پارچە ھۆججەتكە بۆلۈنگەن. ئۇلار: بىر پارچە ئۇيغۇرچە سوت ھۆكۈمى، 4 پارچە  ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە كومىتىتى قاتتىق باستۇرۇش قوماندانلىق بۆلۈمى تارقاتقان، بىرپارچە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە كومىتىتى سىياسىي بىيوروسى تارقاتقان قەتئىي مەخپى ھۆججەت. 

 

 نەبىجان غوجەخمەتكە سوت ھۆكۈمى، جەمئىي 4 بەت، ئۇيغۇرچە

 

چاقىلىق ناھىيەلىك سوت مەھكىسىمى 2018- يىلى 6 – ئاينىڭ 12 -كۈنى  50 ياشلىق نەبىجان غوجەخمەتكە باشقىلارنى ناماز ئوقۇشقا، ھارراق ئىچمەسلىك، ھارام يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك سېرىق فىلىم كۆرمەسلىك، ئەدەبسىز سۆزلەرنى قىلماسلىق توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە  تىرورلۇق، ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىش جىنايىتى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىنغان. 

 

2017-6-16 كۈنى ھۆججەت، 3 بەت، مەزمۇنى:

 

چەتئەل گىراژدانى ئۇيغۇرلاردىن شەرقىي تۈركىستانغا بىرىش ئۈچۈن ۋىزا تەلەپ قىلغانلار سانى، تۇرۇشلۇق دۆلىتى ھەمدە ۋىزا ئىرىشكەنلەر سانى، تۇرۇشلۇق دۆلىتى، ئەسلى نوپوسى قاتارلىق ئۇچۇرلار، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلاردىن خىتاي گىراژدانلىقىنى ئۆچۈرىۋەتمىگەنلەر بولسا ئۇلارنى لاگىرلارغا تۇتۇپ سوراق قىلىش، ئەگەر خىتاي گىراژدانلىقىنى ئۆچۈرگەن بولسا چىگرادىن ھەيدەپ چىقىرىش. ۋىزا ساقلاۋاتقانلاردىن مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلار بولسا ئۇلارغا ۋىزا بىرىپ چىگرادىلا قولغا ئىلىش، ئەگەر قاتناشمىغان بولسا ئۇلارنى لاگىرلارغا سولاش. بۇندىن كىيىن ۋىزا تەلەپ قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، گۇماندارلارنى قولغا ئىلىش ياكى ۋىزا بەرمەسلىك. 

 

2017-6-21  كۈنى ھۆججەت، 2 بەت، مەزمۇنى: 

 

يىل بىشىدىن باشلاپ ئىنتىرنىتنى قامال قىلىپ، خەتەرلىك يۇمتاللارنى چۈشۈرگەنلەرنىڭ سانى، تۇرۇشلۇق ئورنى، ئۈچ كۈن ئىچىدە تۇتۇش بۇيرۇقى. 

 

2017-6-25  ھۆججەت، 4 بەت، مەزمۇنى 

 

جەنۇپتىكى  ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا : نوپوسى تۇرۇشلۇق جايدىن ئۇزاق مۇددەت ئايرىلغان، تىلىفۇنىنى كىملىكككە ئالمىغان، نوپوس كۆچۈرگەن، چەتئەلگە ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كەتكەنلەرنى، گۇمانلىق كىشىلەرنى قاتتىق كونتىرول قىلىش. 

 

2017-6-29  ھۆججەت، 2 بەت، مەزمۇنى 

 

خىتايچە ھۆججەت يۆتكەش يۇمتالى كۈەييا ئىشلەتكەنلەر سانى، تۇرۇشلۇق ئورنى،  ئۇلاردىن ئەسەبىيلەرنى تۈرمىگە سولاپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ئۇلاردىن گۇماندارلارنى لاگىرلارغا سولاش، ھەرقايسى جايلاردىكى كىنىشكىسىز موللا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئەزالىرى قاتارلىق تىرورچلارنىڭ  تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرىغا يوللاش. 

 

2017- يىلى 11- ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە كومىتىتى سىياسىي بىيوروسى تارقاتقان مەخپى ھۆججەت. جۇخەيلۈننىڭ تامغىسى بار. 

 

لاگىر خىزمەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قەتئىي مەخپى ھۆججەت، 8 بەت، مەزمۇنى:

 

لاگىرلارنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى (مەخپىيەتلىكىنى) قاتتىق كۈچەيتىش،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىچىپ كىتىشىگە قەتئىي قەتئىي يول قويماسلىق، جىدەل چىقىرىش، تۇتقۇنلارنىڭ خادىملارغا ھۇجۇم قىلىشىغا، يۇقۇملۇق كىسەل تارقىلىشىغا، ئوت ئاپىتىگە قەتئىي يول قويماسلىق. 

 

 ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىچىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن: قاتمۇقات مۇھاسىرە، توساق، مۇداپىئە، نازارەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىش. 

 

باشقىلارنىڭ كىرىپ چىقىشى، ماشىنىلارنىڭ كىرىپ چىقىشىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش، كىرگەن ھامان ئىشىكنى مەھكەم تاقاش، ھەر بىر قەۋەت كارىدورلارنى قوش قات قۇلۇپلاش، ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق كونتىرول قىلىش، ئۇلارنىڭ دەرس، تاماق، ھاجەتخانا، دوختۇرخانا، تۇغقان يوقلاش باھانىسىدە قىچىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئېغىر كىسەللىك بىلەن لاگىردىن ئايرىلماقچى بولغانلارنى چوقۇم مەخسۇس ئادەم ئىگە بولۇپ كونتىرول قىلىش. 

 

ئوقۇغۇچىلار لاگىردىن سىرت ئەمگەككە قاتناشسا بولمايدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتتىن باشقا ۋاقىتتا سىرت بىلەن ئالاقىلاشسا بولمايدۇ، تىلىفۇن تۇتۇشقا، خىزمەتچى خادىملار بىلەن پاراڭلىشىشقا قەتئىي بولمايدۇ. 

 

ئوقۇغۇچىلار ياتىقى پۈتۈنلەي قاتتىق نازارەت ئاستىدا بولىدۇ، ھەرقانداق گۇمانلىق ئىش بايقالغان ھامان مەلۇم قىلىنىدۇ. 

 

خىتايچە، قانۇن ۋە تىخنىك ئۆگىتىلىدۇ، ئاساسلىقى خىتايچە ئۆگىتىلىدۇ. دەرسلەردە پۈتۈنلەي خىتايچە ئىشلىتىدۇ، تۇرمۇشتىمۇ خىتايچە سۆزلەش لازىم. دەرستىن كىيىن تەسىرات ماقالىسى يىزىپ تاپشۇرۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار چوقۇم دەرسكە كىلىشى كىرەك. 

 

ھەرقايسى رايونلاردىكى مەكتەپلەردە دەرسلىك كىتابلار بىر تۇتاش قايتا تۈزۈلۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپەيتىپ،  ھەر ھەپتىدە بىر سىناق، ھەر ئايدا بىر ئىمتاھان، ھەر پەسىلدە بىر چوڭ ئىمتاھان ئىلىنىدۇ. خىتاي تىلى ئاساسلىق نەتىجە سۈپىتىدە ئارخىپتا ساقلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارئ‍ارا ئۆز ئارا پاش قىلىش، ئۆزىنى پاش قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. تونۇشى ئېنىق بولمىغان، پاسسىپ ياكى قارشىلىق ھىسياتىدا بولغانلارغا لاگىردا قاتتىق زەربە بىرىلىدۇ. 

 

تۇغقانلىرى بىلەن ھەپتىدە بىر قىتىم تىلىفۇندا، ئايدا بىر قىتىم ۋىدىيودا كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر خىيالىدا ئۆزگۈرۈش بولسا ئوقۇغۇچىلار نۇمۇرى كېسىلىپ، ئۇنىڭغا تەربىيە كۈچەيتىلىدۇ. 

 

ئوقۇغۇچىلارغا نۇمۇر قويۇش تۈزۈمى قوللۇنۇپ، ھەرئايدا بىر قىتىم باھالىنىدۇ.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئۇلارنى ئۈچكە بۆلۈپ ئىدارە قىلىنىدۇ. ئۇلار كۈچلۈك باشقۇرۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئادەتتىكى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك لاگىرغا تەقسىملىنىدۇ. ئەھۋالى ياخشىلانغانسىرى باشقا لاگىرلارغا ئالماشتۇرىدۇ، تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلىدۇ، بولمىسا ئەكسىنچە بولىدۇ. 

 

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈشى ئۈچۈن: 

 

لاگىردا ئىپادىسى ياخشى، ئاز چاتاق تىرىغان بولۇشى

 

لاگىردا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرغان بولۇشى، 

 

ئادەتتىكى رايوندا بولغان بولۇشى، 

 

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيە، پىكىر، نەتىجە، ئىنتىزامچانلىقى دىگەن تەلەپكە يەتكەن بولۇشى. 

 

ئوقۇش پۈتتۈرىشىگە توسالغۇ بولىدىغان باشقا ئىش بولماسلىقى 

 

ئوقۇغۇچى تەلەپكە يەتكەندىن كىيىن ئاۋال لاگىردىكى سىياسىي كومىسسارلار باھالايدۇ، ئاندىن ناھىيە شەھەر دەرىجىلىك گۇرۇپپا باھالايدۇ، ئاندىن ۋىلايەت دەرىجىلىك باھالايدۇ، ئاندىن ئۇلار تەستىق سالسا ئۇلارنى تىخنىك مەكتەپلەرگە يۆتكەپ تىخنىكا ئوقۇيدۇ. 

 

تىخنىك مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار 3-6 ئايغىچە ئوقۇيدۇ، تىخنىك مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ھۆكۈمەت بۇيرىغان يەردە خىزمەت قىلىدۇ، بىر يىلغىچە كۆزدىن يىراقلاشسا بولمايدۇ.

 

لاگىر خىزمىتى سەزگۈرلىكى يۇقىرى خىزمەت، خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىڭى كۈچلۈك بولۇشى، لاگىرلارغا تىلىفۇن، ئاپپاراتلارنى ئىلىپ كىرىشكە، رەسىم تارتىشقا، مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى سىرتقا تارقىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

خىتاينىڭ ۋۇخەندە «سارىس »( SARS) قايتا تارقالدىمۇ ؟

چا يانۋار 1 , 2020
12-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى جىددى بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئۇقتۇرۇش «سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇقتۇرۇشنىڭ 3-تارمىقى دىققەتنى تارتىپ غۇلغۇلا قوزغىدى

You May Like