2023-يىلى ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئۇيغۇرستاندا قانداق خەلقئارالىق دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئىلىپ باردى؟

ئەركىن ئۇيغۇر،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 5-يانۋار، 2024-يىلى

2023-يىلى ختاي كومپارتىيسى ۋەتىنىمىزدە ئۆز مەنپەئ‍ىتى ۋە ئوبرازى ئۈچۈن غايەت زور دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغان بىر يىل بولدى.

ختاي ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسيا، ئوتتۇرا شەرق، مۇسۇلمان ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 30 قېتىمدىن  ئارتۇق چوڭ دىپلوماتىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان.

ئۇنداقتا ختاي 2023-يىلى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا قانداق دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئىلىپ باردى؟

ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنداق دىگەن:

2023 ـ يىلى − شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆلچىمى يۇقىرى، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، تەسىرى چوڭقۇر بولغان بىر يىل بولدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئۆمەكلىرى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇش ئارقىلىق، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە ھېس قىلدى، شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەر ئۆز ـ ئۆزىدىن بىتچىت بولدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىيات بىلەن قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى كۈتۈۋالماقتا.»

2023 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ بېشىدا، دۇنيا مۇسۇلمانلار رايونى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى رەشىد نۇرئەمىر باشچىلىقىدىكى دۇنيادىكى داڭلىق ئىسلام دىنى زاتلىرى ۋە ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى بولۇپ مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستانغا زىيارەت كىلىپ، ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تەشۋىقاتىغا ئوت ياقتى.

 قازاقىستان پىرەزدېنتى توقايېف، قىرغىزىستان پىرەزدېنتى  ئا. جاپاروف، ئۆزبېكىستان پىرەزدېنتى  ئارىپوف، پاكىستان باش منستىرى كاكار قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلدى.

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدىن ختايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىغىچە، چەت ئەل سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكى زاتلاردىن خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلارغىچە، ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى.

سۇرىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاسىم: «ھەرقانچە كۆپ يالغان ـ ياۋىداق سۆزمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دېدى 

كونگو(كىنشاسا) جۇڭگو سودا ـ سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مابېرې مۇنداق دىگەن:«شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن خېلىلا تېز بوپتۇ» 

 پاكىستاننىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچىسى يىزازى ئەخمەد:«شىنجاڭدا، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى قوغداشقا زور كۈچ چىقارغانلىقىنى كۆردۈم» 

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2023 ـ يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى، 13 ـ نۆۋەتلىك قەشقەر. ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى، 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو «شىنجاڭ ›خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى، 2023 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزدە ئۆتكۈزۈلدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر قوللىغۇچىلىرى: كانادا ئوتتاۋالىق كىشلەر 40 ئايدىن بىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ

جۈ يانۋار 5 , 2024
كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھېمايە قىلىش قۇرۇلۇشى دېرىكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۈرىشچە، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتەنىڭ پەيشەنبە كۈنى سائەت 3-4 ئارىسىدا توختاۋسىز خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىېرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيپلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كانادالىق قوللىغۇچىلىرى مەيلى قار، يامغۇر، […]
كانادا ئۇيغۇرلار

You May Like