ختتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، بۇ يىل ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەقەت سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىلا 1 مىلىيون توننا شوخلا ئ‍شلەپچىقىرىلىدىكەن.

ختتاينىڭ خەلق تورى جاكارلىشچە، ختتاي كەم نۇمۇس پارتىيسى (قوڭپارتىيەمۇ دىيلىدۇ)نىڭ 20-قېتىملىق قۇرۇلتىي 16-ئۆكتەبىر بېجىڭدا ئېچىلىدۇ.مەزكۇر قۇرۇلتاي 5 يىلدا بىر قېتىم ئىچىلىپ، ختتاي كەم نۇمۇس پارتىيسنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەھبىرىنى سايلايدۇ، قائىدە بويىچە پارتىيە سكىرتارى ھەر 2 نۆۋەتتە بىر ئالمىشدۇ،ئەمما جاللات شى ۋەزىپسدە چىڭ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزاتقان بولۇپ، ئۇ يەنە بىر قېتىم ۋەزىپە ئۆتىشى ھەتتا داۋاملىق ئولتۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

9- ئاينىڭ 4 – كۈنى سائەت كەچتە، ختتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى» ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇم مۇداپىيە-تىزگىن ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا 4 -چېسلا سائەت 0 دىن 21 گىچە، شىنجاڭدا يەرلىك ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن بىر كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقى خەۋەرلەندۈرۈلدى.

ئاۋسترالىيە تەتقىقات مەركىزى: ب د ت دوكلاتى ختتاينىڭ ئىنكار قىلىشغا، دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىشغا ئىمكان قويمىدى؛

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتى دۇنيادا داۋاملىىق كۈچلۈك تەسر قوزغىماقتا.

1-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن پېنسلۋانيە شتاتىدا نۇتۇق سۆزلەپ: «ئامېرىكىنى بۈيۈك قىلىمىز دەيدىغان رادىكاللار دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى بولغان دېموكراتىيەگە ئەڭ زور تەھدىت » دەپ جاكارلىدى. بۇ ھازىرغىچە بىر پارتىيە پرېزىدېنتىنىڭ يەنە بىر پارتىيە ۋە پارتىيە پرېزىدېنتىغا قارشى سۆزلىگەن ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلەشتۈرۈش نۇتقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇتۇق سۆزلىنىۋاتقان چاغدا تۆت بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ياخو خەۋەرلىرىگە خەت يېزىپ مەزكۇر نۇتۇق ئامېرىكىنى تېخىمۇ بىر نەچچىگە بۆلۈشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

نۇرى تۈركەل تەيۋەن خەلقىگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى خىتايدىن ئۈمىد كۈتمەسلىككە، ئۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى